گرېنادا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئىدىرلىقى
ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا قاراشلىق ۋىندىۋارد تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گرېنادا ئارىلى ھەم گرېنادىنس تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كارراكى قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 344 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىاە گرېنادا ئارىلىنىڭ مەيدانى 305 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. گرېنادادا نۇرغۇنلىغان ئۆچكەن يانار تاغلار بار. ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 840 مېتىر كېلىدۇ. گرېنادانىڭ ئىقلىمى تروپىك دېڭىز ئوكيان خاراكتېلرىك ئىقلىم بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃28 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1900 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئورۇنلىرى ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. گرېنادانىڭ ئاھالىسى 110 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ% 80 نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، يەرلىك خەلق فرانسۇز تىلىنى ئاساس قىلغان يەرلىك شېۋىدە سۆزلىشىدۇ. گرېنادا 16 - ئەسىرگە كەلگەندە گرانسىيە - ئەنگلىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1783 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1967 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1974 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇستەقىلىققا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. گرېنادا ئىقتىسادتا دېھقانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. تېرىلغۇ مەيدانلىرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ يېرمى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق پۇراقلىق ماتېرىياللار، كاكائو، بانان، شېكەر قومۇشى، پالما، كېۋەز قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ پۇراقلىق ماتېرىياللىرى، كاكائو، بانان ئۈچ خىل ئېكسپورت ماتېرىيالى بولۇپ، پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ% 90 نى ئىگىلەيدۇ. سانائەتتە شېكەر، ھاراقل، پالما مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاۆپ ئىشلەش، سوپۇن، تاماكا قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. گرېنادانىڭ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن، ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
گرىنادا ئارىلى كىچىك ئانىلىس تاقىم ئااللىرىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. 1498 - يىلى كولۇمبو سەپەر ئۈستىدە بۇ ئارالغا چۈشۈپ، ئسپانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەر گرانادا (قەدىمكى مورىيلار قۇرغان گرانادا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى، مەنىسى <ئانار> بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەردىن ئانار چىقمايدۇ، لېكىن شەھەر تۆت پارچە ئېدىرلىققا قۇرۇلغاچقا شەكلى بىر تال كېسىپ قويۇلغان ئانارغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، شۇڭا شۇ نامدا ئاتالغان ئىكەن) نىڭ نامىدا ئاتىغان. بەزىلەر گېرىنادا ئەرەب تىلىدىكى karnattah ياكى Ghanatah سۆزىدىن پەيدا بولغان، مەنىسى <ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئېدىرلىقى> بولىدۇ، دېيشىدۇ. گرېنادا ئەسلى ئىندىئان كارىب مىللىتىنىڭ ئولتۇراق جايى بولۇپ، 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېسىۋالغان، 1783 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە غەربىي ئىندى فېدېراتسىيىسىگە ئەزا بولغان. 1967 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە شىتاتى بولغان. 1974 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندا ئارال نامى دۆلەت نامى قىلىپ بېكىتىلگەن.
گرېنادانىڭ يەر مەيدانى 344 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 94 مىڭ. %80ى نېگىر، قالغىنى ياۋروپا ۋە ئاسىيالىق كۆچمەنلەر. ئاھالە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى سانت جورج. پۇل بىرلىكى شەرقىي كارىب دوللىرى.
<زىرەۋەر ئارىلى > گرېنادا كولۇمبۇ ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي شەھىرى گرېنادانىڭ نامىدا ئاتالغان كارىب دېڭىزىدىكى بىر ئارالدۇر. 17 - ئەسىردە گرېنادانى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە، ئەنگلىيە بېسىۋالغان، 1974 - يىلى فېۋرالدا مۇستەقىل بولغان. گرېنادا دۆلەت بايرىقىنىڭ نۇسخىسى باشقا ئەللەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. دۆلەت بايرىقىنىڭ تۆت چۆرىسىدىكى قىزىل قىرنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىگە ئۈچتىن سېرىق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. قىزىل قىرنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىگە بىردىن سېرىق ئۈچبۇلۇڭ، ئوڭ ۋە سول تەرەپكە بىردىن يېشىل ئۈچبۇلۇڭ، بايراق سېپى تەرەپكە گرېنادانىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى جۇزىجۇۋا سىزىلغان. گرېنادانىڭ جۇزىجۇۋا مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە ئۇمۇمىي مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت بايرىقىنىڭ دەك ئوتتۇرىسىغا بىر قىزىل دۈگلەك، قىزىل دۈگلەكىنڭ ئىچىگە بىر سېرىق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بايراقتىكى 7 بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز گرېنادانىڭ 7 مەمۇرىي رايونىنى؛ قىزىل رەڭ گرېنادانىڭ شىجائىتىنى، يېشىل رەڭ ئارال دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىلەن يېشىل ئۆسۈملۈكىنى، سېرىق رەڭ ئىسسىق بەلۋاغنىڭ قۇياش نۇرىنى بىلدۈرگەن.
گرېنادا دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بىر سېرىق كرېسىت بولۇپ، گرېنادا خەلقىنىڭ كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. كرېسىتنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى بىر يەلكەنلىك كېمە 1498 - يىلى ئاۋغۇسىتتا كولومبۇنىڭ بۇ ئارالنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىگە بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق زىرئىتىنى بىلدۈرىدىغان ئاق جۇزىجۇۋا بىلەن سېرىق بانان ھەمدە گرېنادا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنى بىلدۈردىغان ئالتۇن شىر سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىگە ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان دۇبۇلغا بىلەن گۈلچەمبىرەك قويۇلغان. ئاستى قىسمى گرېنادانىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى، ئېدىرلىقلار بولۇپ، يېشىل يانار تاغنى ئوراپ تۇرغان. ئاق لېنتىغا: < بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنى قۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا باسايلى. ئاللا بىز بىلەن بىللە> دېگەن خەت يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ سول يېنىدىك ئارمادىل بىلەن كاكائو دەرىخى ۋە ئوڭ تەرەپتىكى كۆك كەپتەر بىلەن كوكۇس دەرىخى گرېنادانىڭ ئالاھىدە ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلىرىنى بىلدۈرگەن.