موزامبىك
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
يورۇقلۇق يېتىپ كەلدى
ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ شەرقتە موزامبىك بوغۇزى ئارقىلىق ماداغاسقار بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 799 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر شەكلى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ غەربىي شىمالىنى دېڭىز يۈزىدىن 500 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاغلار، ئوتتۇرا قىسمىنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىر ئەتراپىدا بولغان پىلاتفورمىلىق ئورۇنلار، شەرقىي جەنۇبىنى دېڭىز يۈزىدىن 200 مېتىردىن پەس بولغان تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. تاغلىقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ% 31 نى، پىلاتفورمىلىق ئورۇنلار %29 نى، تۈزلەڭلىكلەر %40 نى ئىگىلەيدۇ. موزامبىكنىڭ ئىقلىمى ترپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئۇ جاي ھۆلچىلىك پەسلى ۋە قۇرغاق پەسلىدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلگە بۆلۈنىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى ۋە دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃21-℃27 كېلىدۇ. ئاھالىسى 13 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇنىڭ تەخمىنەن %98 نى بانتو تىل سىستېمىسىدىكى ماكوكا، سونكا، مالاۋى، ماشونا قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدىكى خەنزۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى 200 دىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاز قىسمى كاتولىك، خرىستىئان، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، پورتۇگال تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. موزامبىك خەلقى قەدىمىي دەۋرلەردىن باشلاپلا شۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقان. 13 - ئەسىرگە كەلگەندە <مونوموتاپا> دۆلىتىنى قۇرغان. 1505 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 1752 - يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1975 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پورتۇگالىيىنىڭ 470 يىللىق مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، موزامبىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. شۇ كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. موزامبىك ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ% 86.6 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (1984)، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىپۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 41 نى، ئېكسپورتنىڭ% 80 نى تەشكىل قىلدىۇ. شېكەر قومۇشى، كېۋەز، چاي، كوكۇس پالمىسى، تالالىق ئاگاۋى، تاماكا، ئاپتاپپەرەس ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كۆممىقوناق، شال، بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ، سانائەتتە نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، تاماكا، سېمونت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، مېتالچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
موزامبىكنىڭ تولۇق نامى <موزامبىك جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، ئەسلى قەدىمكى شەھەرنىڭ نامى بولۇپ، كېيىن ئاستا - ئاستا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ نامىغا ئايلانغان. <موزامبىك> سۆزى شىۋاھلى تىلىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <يورۇقلۇق يېتىپ كەلدى>؛ ئىككىنچى، 1498 - يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى ۋاسكو. دا . گاما (تەخمىنەن 1460 - 1524) موسلېر قولتۇقىغا جايلاشقان كىچىك ئارالدىكى موزامبوك پورتىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ئارالنىڭ نامى يەرلىك تىلدىكى < masamboco> سۆزىدىن پەيدا بولغان، مەنىسى كېمىلەر يىغىلىدىغان جاي، <پورت> بولۇپ (چۈنكى بۇ جاي جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش تۈگىنىگە جايلاشقان)، كېيىنچە بۇ پورتنىڭ نامىغا ئايلانغان. دا . گامانىڭ كېلىشى بىلەن بۇ پورت پورتۇگالىيىنىڭ تەۋەلىكى بولۇپ، <موزامبوك> نامى خاتا ھالدا <موزامبىك> قا ئۆزگەرگەن. 13 - ئەسىردىن ئىلگىرى، موزامبىك تەۋەسىدە <مونومو تاپا ئىمپېرىيىسى> قۇرۇلغان (ماكارانكا قەبىلە پادىشاھىنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەنىسى ئۇلۇغ تارتۇق ئىگىسى)، 1505 - يىلى پورتۇگالىيە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، پورتۇگالىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقا دەپ ئاتالغان، 1700 - يىلى پورتۇگالىيە موزامبىكنى پورتۇگالىيىنىڭ <ھامىلىقىدىكى دۆلەت>دەپ جاكارلىغان، 1951 - يىلى پورتۇگالىيىنىڭ <سىرت ئۆلكىسى> گە ئايلانغان. 1975 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، موزامبىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1990 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى نامىنى <موزامبىك جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن.
موزامبىكنىڭ يەر مەيدانى 799.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 16 مىليون 200 مىڭ، بانتۇلار % 97نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ% 60ى ئىپتىدائىي دىنلارغا،% 20ى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ماپۇتو، پۇل بىرلىكى موزامبىك ئېسكۇدوسى.
ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان موزامبىك 1975 - يىلى ئىيۇن پورتۇگالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاق. موزامبىكنىڭ دۆلەت بايرىقى مول مەزمۇنغا ئىگە: ئاق رەڭلىك توغرا سىزىق ئاق نۇرنى بىلدۈرۈپ، خەلق كۈرىشىنىڭ ھەققانىيەتلىكىنى ۋە كۈرەشنىڭ مەقىسىتى تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان؛ ئاق سىزىق يەنە بايراقنى يېشىل، قىزىل، قارا ۋە سېرىق رەڭلەرگە ئايرىغان يېشىل رەڭ دۆلەت بايلىقىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن. قىزىل رەڭ مۇستەملىكىچىلەرگە ئۇزاق مۇددەت قارشى تۇرغانلىقىنىڭ ۋە ئازادلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق كۈرەشنىڭ بەلگىسىدۇر، قارا رەڭ ئافرىقا زېمىنى قەتىئي ۋە باتۇر خەلقىنى تەربىيىلەپ چىققان، بەش بۇرجەكلىك سېرىق يۇلتۇز موزامبىك خەلقىنىڭ ئىتېرناتسئونالىزملىق روھىنى چاقناتقان، قورال - ياراغ بىلەن ئوتىغۇچ دۆلەت مۇداپئە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەننى قۇرۇش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچىنى ئورتان ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەمبەرسىمان دۆلەت گېربىگە موزامبىكنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان، خەرىتىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن زېمىنغا قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلگەن كۆركەم مەنزىرىسى سىزىلغان بولۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن جۇمھۇرىيەت خۇددى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك، ئۇنىڭ پارلاق ئىستىقبالى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىگە دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە ئوتىغۇچ، مىلتىق، كىتاب ۋە بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان، چىشلىق چاق دۆلەتنىڭ سانائىتىنى، چىشلىق چاققا ئورالغان شېكەر قومۇش بىلەن كۆممقۇناق يوپۇرمىقى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا < موزامبىك خەلق جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت يېزىلغان.