UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرمىكرونېزىيە فېدېراتسىيىسى

مىكرونېزىيە فېدېراتسىيىسى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئوكيانىيە كىچىك ئارال تاقىم ئاراللىرى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە، شىمالىي كەڭلىك °22 بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك° 4 ئارىلىقىغا، شەرقىي ئۇزۇنلۇق° 130 بىلەن °177 ئارىلىقىغا جايلاشقان ئارال بولۇپ، 2500 دىن ئوشۇق تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار غەربتىن شەرققە 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇققا جايلاشقان. مارىئانا تاقىم ئاراللىرى، كارولىن تاقىم ئاراللىرى، مارشاىل تاقىم ئاراللىرى، گىلبېرت تاقىم ئاراللىرى، ناۋرو ئارىلى ۋە ۋىك ئارىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇقلۇق مەيدانى 2732 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 280 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا ئاساسەن مىكرونېزىيە خەلقلىرى ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان، كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاراللارنىڭ ئىقلىمى تروپىك كۆپ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى كۆپ بولىدۇ، قىش پەسلى بولمايدۇ. بۇ جايدىكى خەلقلەر ئاساسەن پالما، ئاپېلسىن، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. بىر قىسىم ئاراللاردىن كۆپ مىقداردا پوسفات تۇزى ئېلىنىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدە ناۋرۇ 1968 - يىلى، گىلبېرت 1979 - يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. مارىئانا تاقىم ئاراللىرى بىلەم مارشالل تاقىم ئاراللىرى ئا ق ش نىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مىكرونېزىيە فېدېراتسىيىسى غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، زېمىنى 600 دىن ئارتۇق كىچىك ئارال ۋە مارجان ئارىلىدىن تۈزۈلگەن. نامى گرېك تىلىدىكى micros (كىچىك) ۋە nesoc (ئارال) سۆزلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەنىسى <كىچىك ئارال تاقىم ئاراللىرى>. چۈنكى بۇ بىر گۇرۇپپا ئارال مىلانېزىيە تاقىم ئاراللىرى تەۋەسىدىكى ئاراللاردىن كۆپ كىچىك بولۇپ، يانار تاغ ئاراللىرى ۋە مارجان ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن، لېكىن مارجان ئاراللىرىنى ئاساس قلىدۇ. بۇ ئاراللار كوسلېر، بوناپى، ياپۇ، تىللوك قاتارلىق تۆت رايۇندىن تۈزۈلگەن بولۇپ، 1979 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مىكرونېزىيە فېدېراتسىيىسىنى قۇرغان. مىكرونېزىيىنىڭ يەر مەيدانى 722 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 110 مىڭ. كۆپىنچىسى مىكرونېزيىلىك بولۇپ، يەنە ياپونلار، فىلىپپىنلىقلار بار. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى كرونېيە. تىنىچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر مىكرونېزىيە، مېلانېزىيە ۋەپولىنېزىيىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىرققا ئايرىلىدۇ. مىكرونېزىيە مىللىتى ئاساسلىقى مىكرونېزىيەتاقىم ئاراللىرىنىڭ بارلىق ئاراللىرىغا ئورۇنلاشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىكرونېزىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنغان. 1979 - يىلى مايدا، مىكرونېزىيە ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان، 1986 - يىلى نويابىردا، رەسمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1990 - يىلى دېكابىردا،ب د ت ئامېرىكىنىڭ مىكرونېزىيىگە بولغان ۋاسىيلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇ ب د ت غا قۇبۇل قىلىنىپ، خەلقئارا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. مىكرونېزىيە ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەش بۇرجەكلىك تۆت ئاق يۇلتۇز تاناسىپلىق تىزىلغان. بەش بۇرجەكلىك تۆت ئاق يۇلتۇز ئىتتىپاقداش بولغان كۇساي، پوناپې، ياپ ۋەترۇك قاتارلىق ئاراللارنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار خۇددى تىنىچ ئوكيانغا چېچىلغان نۇرلۇق مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان. ئۇنىڭ دۆلەت بايرىقى ئامېرىكىنىڭ يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئاساسىدا لايھىلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا مەدەنىيىتىنڭ مىكرونېزىيىدىكى چوڭقۇر تەسىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. دۈگلەكسىمان دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىدىكى بەش بۇرجەكلىك تۆت ئاق يۇلتۇز ئىتتىپاقداش بولغان تۆت شىتاتقا سىمۋول قىلىنغان. يۇلتۇزنىڭ ئاستىدىكى بىپايان كەك دېڭىز يۈزىگە مىكرونېزىيىنىڭ بىر تۈپ كەم ئۇچرايدىغان دېڭىز - ئوكيان ئۆسۈملۈكى سىزىلغان. ئۇنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا ئىنگىلىزچە <تىنىچلىق، بىرلىك، ئەركىنلىك> دېگەن سۆز يېزىلغان. < 1979 > مىكرونېزىيە ئىتتاپاقى قۇرۇلغان ۋاقىتنى بىلدۈرگەن. دۈگلەكسىمان گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئاق جايغا < مىكرونېزىيە ئىتتىپاقى >دېگەن دۆلەت نامى يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
مىكرونېزىيە فېدېراتسىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki