UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرگوللاندىيە

گوللاندىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا ئورمان دۆلىتى گوللاندىيىنىڭ تولۇق نامى <گوللاندىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ غەربىگە جايلاشقان (رەسمىي نامى نېدىرلاندىيە). بىرىنچى، <گوللاندىيە> نامى نېمىسچە <گوتلاند> سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، <گود> نىڭ مەنىسى <ئورمان>، <لاند> نىڭ مەنىسى <زېمىن> ياكى <دۆلەت> بولىدۇ، ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ <ئورمان يېرى> ياكى <ئورمان دۆلىتى> دېگەن مەنىلەردە بولىدۇ. چۈنكى، ئۆتمۈشتە بۇ جايلارنى ئاسمانپەلەك دەرەخلەر ۋە بۈك - باراقسان ئورمانلار قاپلاپ تۇرغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، نامى دنىيە تىلىدىكى ollant نىڭ يازمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <نەم> بولىدۇ. گوللاندىيە ئەسلى ئۆلكە نامى بولۇپ، ھازىرقى گوللاندىيىنىڭ دوكرېخىت ۋە ئەتراپ رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ، مىلادى 16 - ئەسىردە، ئىسپانىيە ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن، گوللاندىيە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە ئۆلكە بىلەن بىرلىشىپ، <نېدىرلاندىيە بىرلەشمە ئۆلكىسى>نى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە گوللاندىيە ئەڭ مۇھىم ئۆلكە بولۇپ، سىياسىي،ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرغان، شۇڭا كىشلەر تەدرىجىي ھالدا <گوللاندىيە> بىلەن <نېدىرلاندىيە> نى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، كېيىنچە <گوللاندىيە> <نېدىرلاندىيە> نىڭ ئورنىنى ئېلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ۋاكالەت نامىغا ئايلانغان ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، لېكىن خەلىقئارا ئالاقە، دىپلوماتىيە قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردا يەنىلا <نېدىرلاندىيە> دېگەن دۆلەت نامىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. <نېدىر> نىڭ مەنىسى <ئويمانلىق>، <لاند> بولسا <يەر، دۆلەت> دېگەنلىك بولۇپ، بىرلەشتۈرۈپ <ئويمانلىق دۆلىتى> (چۈنكى، دۆلەت زېمىنىنىڭ 4 قىسمى دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن) دېگەن مەنىدە بولىدۇ. گوللاندىيە 1463 - يىلى رەسمىي دۆلەت قۇرغان، 16 - ئەسىردە بىر مەزگىل ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1648 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەرنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 17 - ئەسىرلىرىنىڭ ئاخىرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان، 18 - ئەسىردىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكە سىستېمىسى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، 1806 - يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. گوللاندىيە (نېدىرلاندىيە) نىڭ يەر مەيدانى 41.4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 15 مىليون 270 مىڭ.% 90ى گوللاندلار، % 5ى فىلىسلار، قالغىنى چەتئەل مۇھاجىرلىرى. ئاھالىسىنىڭ% 36.4ى خىرىستىئان دىنىغا، 35%ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇ. گوللاند تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ئامىستېردام، سىياسىي پايتەختى گائاگا. پۇل بىرلىكى گوئىلدېر ياكى فىلورىن. گوللاندىيەدۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخىنى 17 - ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، 1937 - يىلى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭنى رەسمىي دۆلەت بايرىقىغا مۇقىملاشتۇرغان. قىزىل رەڭ خەلق جەڭ مالمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك شىجائەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق رەڭ خەلقنىڭ پروتېسىتانت دىنىغا بولغان قەتئىي ئېتقادىنى، شۇنداقلا ئاۋام خەلقىنىڭ ئىلاھتىن بەخىت ئاتاقىلىشىغائىنتىزار بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؛ كۆك رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سادىق قەلبىنى بىلدۈرگەن. گوللاندىيىلىكلەر ئۈچ بۇرجەكلىك قىزغۇچ سېرىق بايراق بىلەن دۆلەت بايرىقىنى بىللە كۆتۈرۈپ چىقىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت 19 - ئەسىردىن باشلاپ شەكللەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ خانغا بولغان ھۆرمىتى ۋەساداقىتىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ. دۆلەت گېربى 1815 -يىلى خان ئوردىسىنىڭ پەرمانى بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان. سۇلغۇن تېرىسىدىن ياسالغان قىزىل كۈنلۈك پەردىگە ئوخشاش ئېچىلىپ تۇرغان، ئاستىدىكى كۆك لېنتىغا شاھزادە ۋىليامنىڭ < ناسونى قوغدايمىز> دېگەن قەسىمى يېزىلغان. ئۆرە تۇرغان ئىككى شىر قىزىل تىلىنى چىقىرىپ بىر كۆك قالقاننى ھىمايە قىلىپ تۇرغان. قالقاننىڭ چوققىسىغا ۋىليام Ⅰ نىڭ مۆھۈرىسىدە ئىشلىتىلگەن پادىشاھ تاجىسى كىيدۈرۈلگەن. قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تاج كىيدۈرۈلگەن بىر شىر سىزىلغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا بىر خەنجەرنى، سول قولدا بىر ئالتۇن رەڭلىك ئوقيا بېشىنى ئوينىتىپ، پادىشاھ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. كۆك قالقانغا ئالتۇن رەڭلىك نۇرغۇن كىچىك ئۇزۇن چاس سىزىلغان، بۇلار ئوتلاق ۋەچارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئارخئېپسكوپ ۋورمونىغا تۇتقان دەۋا -دەستىگەرلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەرزدە ئۇتقانلىقىنى ۋە مۇستەقىل بولغانلىقنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇ كىچىك پارچىلار گېربىگە قوشۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر