ئېكۋادور
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
-ئېكۋاتوردىكى زېمىن
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. تېررىتورىيىسى شىمالىي كەڭلىك° 1 دىن جەنۇبىي كەڭلىك °5 قىچە سوزۇلىدۇ. ئاھالىسى 8 مىليون 72 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). بۇنىڭ °39نى ھىندىئانلار،% 41 نى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، قالغان% 20 نى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى بولۇپ، ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كىتو شەھىرى. ئېكۋادور يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ كونا ماكانى، ئىندىئانلارنىڭ ئىقتىساد، پەن - مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇنلا تەرەققىي قىلغان رايونلىرىنىڭ بىرى. ئېكۋادور 1532 - يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاندىن كېيىن كولومبىيە بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1930 - يىلى چوڭ كولومبىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. ئېكۋادور تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقتىن، ئۇ جاينىڭ ھاۋاسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىن مول بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23-℃27 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 100-2000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. % 50يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئېكۋادور ئىقتىسادتا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بانان، كوفى، كاكائو، شال، شېكەر قومۇشى، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. تاغلىق رايونلاردا چارۋا بېقىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %50 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائەتتە نېفىت سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇرىدۇ.
ئېكۋادورنىڭ تولۇق نامى <ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. <ئېكۋادور> سۆزى ئىسپان تىلىدىكى <ئېكۋادور> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، كىشلەر ئۇنى <ئېكۋادور دۆلىتى> دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ئۇ ئېكۋاتورنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقاچقا شۇنداق ئاتالغان. 1830 - يىلىدىن بۇرۇن Quito دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ نام ھازىرقى پايتەخت نامى 1735 - يىلى پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالىملىىر يەر شارىنىڭ ھەقىقىي شەكلىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن، ئىككى تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنى ئايرىم - ئايرىم شىمالىي پاراللېل 66 تىكى لاپونىيە ۋە جەنۇبىي پاراللېل 2?? تىكى كىتو ئېكۋاتور رايونىدا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. تەكشۈرۈش گورۇپپىلىرىنىڭ ئۆلچەش نەتىجىسى ئەينى چاغدىكى ئالىم نيوتون ئوتتۇرىغا قويغان <يەر شارى ئىككى قۇتۇبى سەل ياپىلاق، ئېكۋاتور سەل كۆپۈپ چىققان بىر ئېللپس شارچىسى> دېگەن تەلىماتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەينى چاغدا بۇ ئىش پۈتكۈل يەر شارىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. شۇندىن ئېتبارەن كىشلەر كتونى <ئېكۋادوردىكى زېمىن> دەپ ئاتاشقا باشلىغان. 1744 - يىلى ئېكۋادورنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئاندس تېغى ئىچىگە (پايتەخت كتونىڭ شىمالىدىكى 24 كىلومېتىر جاي) بىر ئېكۋاتور خاتىرە مۇنارى قۇرۇلغان. خاتىرە مۇنارىنىڭ ئوخشىمىغان تۆت تەرىپىگە شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال تۆت تەرەپنى كۆرسىتىدىغان لاتىن يېزىقى ئۇيۇلغان، مۇنارغا: <بۇ جاي يەر شارىنىڭ مەركىزى> دەپ يېزىلغان. مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستىدە چوڭ بىر گولوبوس بار بولۇپ، گولوبوسنىڭ بەل قىسمىدا بىر تال ئاق سىزىق يەر شارىنى جەنۇپ ۋە شىمال دەپ تەڭ ئىككى بۆلەككە بۆلگەن، بۇ ئاق سىزىق دەل ئېكۋادور سىزىقىدۇر.شۇنداق قىلىپ، كىتو ۋە ئېكۋادور ئىسىملىرى بىر - بىرىگە تېخىمۇ زىچ بىرىكىپ، <ئېكۋادور> <كىتو> نىڭ ئورنىنى ئالغان. ئېكۋادور ئەسلى بۈيۈك ئىنكا ئىمپېرىيىسى قىسمى بولۇپ، 1532 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1822 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكىسى (لاتىن ئامېرىكىسى مېكسىكىدىن باشلاپ جەنۇبتىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىنلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇرۇن بۇ جايلارنى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە ئىككىلا دۆلەت ئىگىلىگەن. ئىسپان ۋە پورتۇگاللار لاتىن مىللەتلىرى بولغاچقا، كېيىنچە بۇ رايونلار لاتىن ئامېرىكىسى دەپ ئاتالغان) نىڭ ئازاد قىلغۇچىسى سىمون بولىۋار رەھبەرلىكىدىكى بۈيۈك كولۇمبىيە فېدېراتسىيىسىگە ئەزا بولغان. 1824 - يىلى بولىۋار (يېڭى دۆلەتلەرنى ئايرىش قانۇنى) نى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، كىتونى <ئېكۋادور>دەپ ئاتىغان. بۇ رەسمىي ھۆججەتلەردە بۇ رايوننىڭ تۇنجى قېتىم <ئېكۋادور> دەپ ئاتىلىشىدۇر. 1830 - يىلى ئۇ فېدېراتسىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ، نامىنى <ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتكەن.
ئېكۋادورنىڭ يەر مەيدانى 283.561 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 11 مىليون 258 مىڭ، شالغۇت نەسىللىكلەر % 41نى، ساپ ئىندىئانلار % 34نى، ئاق تەنلىكلەر% 15نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسى ئىسپان تىلىنى قوللىنىپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كىتو. پۇل بىرلىكى سۇكرې.
<ئېكۋادور دۆلىتى> ئېكۋادور 1822 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۈيۈك كولومبىيە ئىتتاپاقىغا كىرگەن، 1830 - يىلى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، ئىلگىرىكى بۈيۈك كولومبىيىنڭ سېرىق، كۆك، قىزىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن ھەمدە بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنى قوشقان. سېرىق رەڭ قۇياش، دۆلەت بايلىقى ۋە ئاشلىققا، كۆك رەڭ كۆك ئاسمان، ئوكيان ۋە ھەيۋەتلىك ئامازون دەرياسىغا، قىزىل رەڭ ۋەتەنى قوغداش ئۈچۈن تۆكۈلگەن ئىسسىق قانغا سىمۋول قىلىغان.
ئېكۋادورنىڭ دۆلەت گېرنى كولومنىيىنڭ دۆلەت گېربىگە ئوخشايدۇ. دىكى <ئىلاھى قۇش > دەپ ئاتالغان غېجىرسالۋا دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىدە قانات كېرىپ تۇرغان، ئۇ ئېكۋادورنىڭ دۆلەت قۇشى بولۇپ، ئىگىلىل ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولدۇر. ئېكۋادورنىڭ دۆلەت گېربى ئۆزگىچە ئالاھىدە لايھەلەنگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىن تولۇق نامايان قىلغان؛ كۆك ئاسمان ئاستىدا، تىنىچ ئوكياننىڭ قىرغىقىدا ئېكۋادورنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى - چىمبوراتسو تېغى ئاپئاق قارغا يېپىنغان ھالدا تىك تۇرغان، تاغ ئاستى ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بىر دەريا تاغنىڭ ئارىسىدىن سوزۇلۇپ چىقىپ، تەدىرىجى كۆك ئوكيانغا قوشۇلۇپ كەتكەن. ئېكۋادورلىقلارنى ئىپتىخارلاندۇرغان جەنۇبىي نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى پار بىلەن ماڭىدىغان پاراخوتى دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىدا توختىتىپ قويۇلغان.قارلىق چوققىنىڭ ئۈستىدە مايا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان < ماي قۇياشى> ھەريانغا نۇر چېچىپ تۇرغان. قۇياشنىڭ ئىككى يېنىغا 3 ـ، 4 ـ، 5 ـ ۋە 6 ـ ئايلارنى كۆرسىتىدىغان < سېرىق يوللۇق 12 ساراي> نىڭ بەلگىسى قويۇلغان بولۇپ، 1854 - يىلى ئېكۋادور خەلقىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان جاپالىق كۈنلەرنى بىلدۈرگەن. ئاستىدىكى گۈللۈك تاياق جۇمھۇرىيىتىنڭ دۆلەت ئاپپاراتىنى بىلدۈرۈپ، ئادالەت بىلەن نوپۇزنىڭ سىمۋولى بولغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنى تۆت دۆلەت بايرىقى ۋە پالما يوپۇرماقلىرى بىلەن بېزەلگەن.