تۇۋالۇ
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئوكيانىيە
سەككىز ئارال توپى
جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت. ئۇ جەنۇبىي كەڭلىك 5°39′ بىلەن 10°45′ ئارىلىقىغا جايلاشقان فوناقۇتى، ۋايتوپۇ، نامومېئا قاتارلىق توققۇز مارجان تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ توققۇز ئارالنىڭ سەككىزىدە ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. تۇۋالۇ تاقىم ئاراللىرىدا ئەڭ دەسلەپ ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر تۇۋالۇ خەلقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئەڭ بۇرۇن ساموئا ۋە تانگا ئاراللىرىدىن كەلگەن. بۇ جاينى 16 - ئەسىردە ئىسپانىيىلىكلەر تاپقان. 18 - ئەسىردە ياۋروپالىق سودىگەرلەر سودا قىلىش ۋە كىت ئوۋلاش ئۈچۈن بۇ جايلارغا كەلگەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر يەرلىك خەلقلەرنى تۇتۇپ قۇل ئورنىدا پېرۇ، ئاۋسترالىيە، فىجى، ھاۋايى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئاپىرىپ ساتقان. 1892 - يىلى ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى ئورۇنغا ئايلانغان. 1978 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەملىككە ئېرىشكەن. يەر مەيدانى 25.9 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 10 مىڭغا يېقىن بولۇپ (1980)، كۆپ قىسمى پولېنېزىيە ئىرقىغا كىرىدۇ. خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. تۇۋالۇ تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىلىدۇ. تۇۋالۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق پالما، بانان، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىقنى سىرتتىن ئالىدۇ. بېلىقچىلىقى خېلى تەرەققىي قىلغان. سانائەتنىڭ تايىنى يوق. ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. تۇۋالۇنىڭ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگىلىيىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ، چەت ئەللەرگە قۇرۇق پالما ئېكسپورت قىلىدۇ. پوچتا ماركىسى مۇھىم مالىيە كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ.
تۇۋالۇ جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، پولىنېزىيە تاقىم ئارىلىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان، زېمىنى توققۇز دانە مارجان خادىسىدىن تۈزۈلگەن. تۇۋالۇنىڭ بۇرۇنقى نامى ئېللىس تاقىم ئاراللىرى (Ellice Is) بولۇپ، كانادا كېمە ئىشلىرى سودا ئورنىنىڭ خوجايىنى ئالىكساندىر ئېللىسىنىڭ نامىدا ئاتالغان، ئۇنىڭ ئىگدارچىلىقىدىكى <رىبېيكا> ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى دې. پېرىز 1819 - يىلى بۇ تاقىم ئارالغا كەلگەن. تۇۋالۇلىقلار ئارالدا قەدىمدىن ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشچە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ساموئا ۋە تونگادىن كەلگەن ئىكەن. 16 - ئەسىردە ئىسپانىيىلىكلەر بۇ جاينى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان، 1892 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى يەر بولغان. 1916 - يىلى ئەنگلىيە ئېلىس ئارىلى ۋە كىربوت ئاراللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكە قىلغان. 1975 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېللىس تاقىم ئارىلى ۋە كىربوت تاقىم ئاراللىرى رەسمىي ئايرىلغان چاغدا، بۇ جاي <تۇۋالۇ> دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، يەرلىك پولېنىزىيە تىلىدا مەنىسى <سەككىز ئارال توپى> بولىدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەت توققۇز دانە مارجان خادىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئارىسىدىكى سەككىزىدە ئادەم ئولتۇراقلاشقان. ئۇ يەنە <كىچىك كۆل تاقىم ئاراللىرى> (Is. Lagoon) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 1978 - يىلى 6 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيىگە ئېرىشىپ، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
تۇۋالۇنىڭ يەر مەيدانى 26 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىڭ، پايتەختى فۇنافۇتى.
توۋالۇ شۇ جايدىكىلەرنىڭ تىلىدا < سەككىز ئارال > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تىنىچ ئوكياندىكى بۇ ئارال دۆلەتنى ئەنگلىيە ئىگىلۋېلىپ، 1978 - يىلى ئۆكتەبىر مۇستەقىل بولغانغا قەدەر، ئەنگلىيىنىڭ < ھىمايە ئاستىدىكى تېررىتورىيسى > بولۇپ قالغان. دۆلەت بايرىقى سۇس ھاۋارەك بولۇپ، سول تەرەپنىڭ ئۈستى بۇرجىكىگە تۇۋالۇنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان تارىخى ئالاقىسىگە سىمۋول قىلىنغان < قوش كرېسىتلىك بايراق > سىزىلغان. بايراققا تىزىلغان بەش بۇرجەكلىك توققۇز ئالتۇن تۇۋالۇنىڭ توققۇز ھالقىسىمان مارجان ئاراللىرىنى بىلدۈرگەن. باشقا جەنۇبىي تىنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە ئوخشاش، كۆك رەڭ كۆك ئاسمان بىلەن دېڭىزنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇلار گۈزەل تۇۋالۇنى چەمبرەكسىمان ئوراپ تۇرغان.
توۋالۇ دۆلەت گېربىنى لوندون ئىزناك ئىنستىتۇتىدىن تېزنا لايھىلىگەن، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئوسلۇبىغا ئىگە بىر ئاھالىلەر تۇرالغۇسى كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدىكى كۆك ۋە سېرىق دولقۇنسىمان بەلدەملەر بىلەن بىلدۈرگەن دېڭىز - ئوكياننىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. يەرلىكلەر < مارىپا> دەپ ئاتايدىغان بۇ قەىمكى چوڭ ئۆي شۇ جايدىكى ئورۇقداشلار باشلىقى ئارال ئاھالىلىرىنى يىغىپ، ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلدىغان سورۇنى بولۇپ، ئۇنسىز تارىخنامىگە ئوخشاش، ئۇ توۋالۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولغان. ئۇ تۇۋالۇ دۆلىتىنىڭ سىمۋولدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئەتراپىدىكى سەككىز يېشىل بانان ياپرىقى بىلەن سەككىز دېڭىز قۇلۇلىسى تۇۋالۇ ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان سەككىز ئارالنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا يېزىلغان < توۋالۇ ئاللاغا ئېھترام بىلدۈردۇ> دېگەن سۆزى تۇۋالۇلىقلارنىڭ ئاللاغا بولغان سەمىمىي ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.