نامىبىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
چوڭ تۈزلەڭلىك
ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ جفيلاشقان ئورنىغا قاراپ <غەربىي جەنۇب ئافرىقا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەرلىك خەلق نامىبىيە دەپ ئاتايدۇ. يەر مەيدانى 824 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋىندخوك ئەتراپىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2000 مېتىرغا يېتىدۇ. يەر ۋەزىيىتى غەربكە قاراپ پەسىيىپ نامىبىيە قۇملۇقلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھۆل - يېغىنى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ كۆپىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چۆللۈكلەرنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىر بولسا، شەرقىي شىمالىدا 700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ كۆپىنى ئوۋامبو، گوتتېنتوت خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا دامارا، ناما، كاۋەنگو مىللەتلىرى ياشايدۇ، ياۋروپالىقلار 76 مىڭ، باشقا مىللەتلەر 41 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، ياۋروپالىقلار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەرلىك خەلق ئۆز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدۇ. نامىبىيە 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1890 - يىلى پۈتۈنلەي گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1915 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دائىرلىرى گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى باھانە قىلپ، بۇ جاينى قوراللىق بېسىۋالغان. 1920 - يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق بۇ جاينى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. 1949 - يىلى ب د ت ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ نامىبىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان. 1968 - يىلى ب د ت ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە جەنۇبىي ئافرىقا دائىرلىرىنىڭ داۋاملىق بۇ جاينى بېسىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ قارار قاقۇللىغان ھەمدە بۇ جاينىڭ نامىنى <نامىبىيە> گە ئۆزگەرتكەن. نامىبىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە كانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ% 70 نى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى يەنىلا ئەنگلىيە، ئا ق ش ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپىتالى كونترول قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقارغان ئۇران، ۋانادىي، ئالماس، مىس، قوغۇشۇن مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا سىنك، قەلەي، ۋولفرام، كۈمۈش قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، ياڭيۇ، خاسىڭ، تېرىق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتەلمەيدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، چارۋىچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇتلالىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت، ماشىنىسازلىق، سېمونت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار.
نامىبىيەنىڭ تولۇق نامى <نامىبىيە جۇمھۇرىيىت> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. نامىبىيىنىڭ كونا نامى غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا بولۇپ، 1890 - يىلى گېرمانىيە بۇ جاينى ئىگىلىگەندىن كېيىن، نامىبىيەنىڭ ھازىرقى چېگراسىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن بۇ جاينى گېرمانىيىگە قاراشلىق غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا دەپ ئاتىغان. بۇ نام گېرمانىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىنىڭ نامىدىن كەلگەن. 1920 - يىلىدىن 1968 - يىلىغىچە غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا نامى ئىزچىل ھالدا بۇ رايوننىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، يەرلىك خەلقلەر بۇ جاينىڭ نامىنى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئۆز نامى لامىبىيە ياكى نامىب دۆلىتىگە ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. 1968 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار ماقۇللاپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن نامىنى <نامىبىيە> گە ئۆزگەرتكەن. نامىبىيەنىڭ نامى <نامىب> سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان، ئۇ خودىنتۇ تىلدا <چوڭ تۈزلەڭلىك> دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەسلى خودىنتلارنىڭ ئولۋىس قولتۇقى ۋە سىۋاكپىموندنىڭ شەرقىدىكى قۇرغاق، تۈزلەڭ رايونلارغا قويغان نامى ئىكەن، كېيىن بۇ نام بىپايان چۆللۈك رايوننىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسىغا ئايلانغان. 1966 - يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا خەلق تەشكىلاتى ( 1958 - يىلى قۇرۇلغان) رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەر دۆلەت ئىچىدە پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، قوراللىق كۈرەشنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئاتقان، شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرەشنى باشلاپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتلانغان. 1973 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نامىبىيە مۇدىرىيىتى قۇرۇلتىيى 28 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىغا دوكلات سۇنۇپ، ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىنى <نامىبىيە كۈنى> قىلىپ بېكىتىشنى تەكلىپ قىلغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن. 1989 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نامىبىيە خەلقى 23 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، ئاخىرى تىنچلىققا ئېرىشكەن.
نامىبىيەنىڭ يەر مەيدانى 824.2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 550 مىڭ. ئىنگلىز، بور (ئافرىقا گوللاند تىلى)، نېمىس تىللىرى قوللىنىلىدۇ. يەرلىك ئوۋانبو تىلىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ۋىندخوك. پۇل بىرلىكى جەنۇبىي ئافرىقا راندى.
ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان نامبىيە، جەنۇب بىلەن شىمالىن توغرا كېسىپ ئۆتكەن نامىب چۆلىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئىلگىرى غەربىي - جەنۇبىي ئافرىقا دەپ ئاتالغان بۇ نېگىرلار دۆلىتى بىر مەھەل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كونتروللۇقىدى بولغان. 1990 - يىلى مارتتا، ب د ت نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق نامبىيە خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، مۇستەقىل نامبىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ يېڭى دۆلەتنڭ دۆلەت بايرىقىدا بىر قىزىل دىئاگونال دۆلەت بايرىقىنى كۆك ۋە يېشىل ئۈچ ئۈچبۇلۇڭ قىلىپ ئايرىغان، قىزىل بەلدەمنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى قىرىغا بىردىن ئاق سىزىق تارتىلغان، كۆك زىمىنغا ئالتۇن نۇرلۇق قۇياش سىزىلغان، نۇ نامبىيە خەلق ئازادلىق فرونتىنىڭمۇ بەلگىسىدۇر. كۆك ئاتلانتىڭ ئوكياننىڭ سۈيى دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن، يېشىل رەڭ - زور ئۈمىس بىلەن يويۇنغان، ئاق رەڭ - ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى بىلدۈرگەن، قىزىل رەڭ - مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولدا تۆكۈلگەن ئىسسىق قان بىلەن بويالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئالتۇن رەڭ - يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن دۆلەتنىڭ گۈزەل كېلەچەكنى ئالدىن كۆرسەتكەن.
نامبىيە دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش نۇسخىدىكى قالقان سىزىلغان، قالقاننىڭ ئاستىدىكى سېرىق رەڭ بىپايان كەك نامبىيە قۇملۇقىنى بىلدۈرگەن؛ قۇملۇق ئاستىغا ئورناتقان ئاق لېنتىغا دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن پرنسىپى: < ئىتتىپاق، ئەركىن، ئادىل> دېگەن خەت يېزىلغان. قالقاننىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلغان بېلىقچى قۇش سۇ بايلىقىنى بىلدۈرگەن، بېلقچى قۇشنىڭ قولى ئاستىغا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق قېزىلما بايلىقى برىليانىت سىزىلغان؛ قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا نامبىيىدە بولدىغان تىك مۈڭگۈزلۈك ئافرىقا بۆكىنى بولۇپ، مول تەبىئىي بايلىقنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولغان.