UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرچىلى

چىلى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا دۇنيانىڭ چېتى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 4300 كىلومېتر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 90 كىلومېتردىن 400 كىلومېترغا يېتىدۇ. يەر مەيدانى 741 مىڭ 700 كىلومېتر كېلىدۇ. چىلىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ئاندېس تاغلىرى، ئوتتۇرا قىسمىدا كەڭلىكى 30-50 كىلومېتر كېلىدىغان ئۇزۇن ۋادا، غەربىي تەرىپىدە دېڭىز قىرغاق تاغلىرى بىلەن ئاراللار ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ يېردە يانار تاغلار كۆپ بولۇپ، دائىم يەر تەۋرەپ تۇرىدۇ. چىلىنىڭ ئاھالىسى 11 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ% 20 نى ئاق تەنلىكلەر،% 75 نى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر،% 5 نى ئىدىئانلار ئىگىلەيدۇ. شەھەر ئاھالىسى پۈتۈن ئاھالىنىڭ% 80 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى ھېسابلىنىدۇ. چىلى 1541 - يىلىدىن باشلاپ تاكى 1810 - يىلغا قەدەر ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1810 - ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1818 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1970 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دۆلىتمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. چىلى ئىقتىسادىي جەھەتتە كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ تەبىئىي كالىي سېلترا ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنياغا مەشھۇر. مىس ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، تاماكا، قىزىلچا، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەرخىل چارۋا بېقىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. چىلىنىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. چىلى سىرتقى سودىسىنىڭ% 70 نى كان مەھسۇلاتلىرى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مىس (%54)، تۆمۈر رۇدىسى، كالىي سېلتىرالار ئاساس قىلىنىدۇ. سىرتتىن نېفىت، ماشىنا ئۈسكۈنە، سانائەت خام ئەشياسى، ئاشلىق ئىمپورت قىلىدۇ. چىلىنىڭ تولۇق نامى <چىلى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبى، ئاندىس تېغىنىڭ غەربىي باغرىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، <چىلى> سۆزى ئىندىئانلارنىڭ كاچويە تىلىدىكى <چىلى>(<سۇغاق> مەنىسىدە) سۆزىدىن پەيدا بولغان. رىۋايەت قىلىنىشچە، ئىسپانلار 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى چىلىنىڭ جەنۇبىغا كەلگەن ۋاقىت دەل قەھرىتان سوغۇق پەسلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن كاچويەلەرنىڭ <چىلى! چىلى!> دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ جاينىڭ ئىسمى شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان. كىيىن ئىسپانلار پىرۇنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى <چىلى> دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، <چىلى> سۆزى ئىندىئان چىچۇئا تىلىدا <دۇنيانىڭ چېتى> دېگەن مەنىدە بولۇپ، كىشلەر بۇ يىراقتىكى دۆلەتكە كەلگىنىدە، ئۆزىنى خۇددى ئالەمنىڭ ئەڭ چېتىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. دىنىي ئەپسانىلەردە ئېيتىلىشچە، خۇدا ئالەمنى يااتقان چاغدا بىر پارچە ئېشىپ قالغان لاينى ئۇزۇن پىلتە قىلىپ، چىلى رايونىغا چاپلاپ قويغاچقا، ھازىرقى جەنۇب - شىمالغا ئۇزۇنچاق، شەرق - غەربكە تار كەلگەن، ئەمما قېزىلما بايلىقى ئىنتايىن مول بولغان دۆلەت شەكىللەنگەن ئىكەن. چىلىنىڭ يەر شەكلى غەلىتە، قاتنىشى تولىمۇ قولايسىز، ئېگىز تاغ ۋە پايانسىز ئوكيان كىشلەرنىڭ بېرىش - كېلىش يولىنى توسۇپ تۇرغانلىقتىن، بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئىندىئانلار ئۇنى <چىلى> دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <يىراقتىكى خەلق>. شۇڭا ئۇلار پەقەت رىۋايەتلەردىكى پالۋانلارلا ئاسمانپەلەك ئاندىس تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇ <چەت جاي> غا كېلەلەيدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئۈچىنچى، يەرلىك ئالۋۇگان مىللىتى قەبىلىسىنىڭ بىر ئاقساقىلىنىڭ نامى بولۇپ، "چىلى< دەل شۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت دېگەن مەنىدە بولىدۇ. 1541 - يىلى چىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1810 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى (ھازىر دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن) مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. 1818 - يىلى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، چىلى جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان. چىلىنىڭ يەر مەيدانى 741.767 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 13 مىليون 813 مىڭ. شالغۇت نەسىللىكلەر % 75نى، ساپ ئىندىئانلار% 3نى،ئاق تەنلىكلەر % 20نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى سانتياگو، پۇل بىرلىكى چىلى پېسوسى. چىلى دۆلەت بايرىقىنى 1817 - يىلى چىلىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا پىدائىيىسى چارلېز ۋوئود ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا تەقىلىد قىلىپ لايىھىلىگەن. بايراق كۆك، ئاق ۋە قىزىل ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان. بايراقنىڭ ئاستى قىسىمى بايراقنىڭ يېرىمىنى ئىگلىگەن قىزىل تىك تۆتبۇلۇڭلۇق بولۇپ، ئۈستۈنكى يېرىمىنىڭ بايراق سېپى تەرەپتىكى ئۈچتىن بىر قىسىمىغا بىر كۆك رەڭلىك كۋادرات قويۇلغان. كۆك رەڭ بىپايان كۆك ئوكيان بىلەن ئاسماننى، ئاق رەڭ پاك بولۇپ، چىلىنى توغىرسىغا كېسىپ تۇرغان ئاپئاق قار بىلەن ئورالغان ئاند تېغىنىڭ چوققىسىنى بىلدۈرگەن. قىزىل رەڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداش يولد ھاياتىنى تەقدىم قىلغان باتۇرلارنىڭ سىمۋولى بولغان، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز تەرەققىيات ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ بەلگىسى بولغان. چىلىنىڭ دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىدىكى رەڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر ئاق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز كۆك ۋە قىزىل پارچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىلغان، ئۇ نۇرنىڭ ئالغا بېسىش يولىنى يورۇتۇپ تۇرغانلىقىغا سىمۋول قىلنغان. چوققىسى كۆك، ئاق ۋە قىزىل ئۈچ تال تۆگىقۇشنىڭ پېيى بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، ئۇ چىلىدا بولدىغان دىكى تۆگىقۇشنىڭ بەلگىسىدۇر. سول تەرىپىدىكى ئاند تېغى رايونىدا بولدىغان قىزىل بۇغا، ئوڭ تەرىپىدىكىسى ئاند تېغىدىكى تاز بۈركۈت، دۆلەت گېربى ئاستىدىكى ئاجايىپ رىۋايەت تۈسكە ئىگە گېبىئاي ياۋا پىياز گۈلى دەل چىلى خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىىبارەت مىللىي روھىغا ئوخشىتىلغان. گۈل شېخىدىكى ئاق لېنتىغا 1810 - يىلى چىلى خەلقىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەشتىكى < ھەقىقەت بىلەن قورالغا تايىنىمىز> دېگەن شۇئارى يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر