كونگو
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
-- ئەزىم دەريا
ئوتتۇرا ئافرىقىىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 342 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى تاغلار، ئېدىرلىقلار ۋە ئېگىزلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500-1000 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىغا كونگو دەريا بويى ئويمانلىقلىرى جايلاشقان، شەرقىي شىمالدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300 مېتىر ئەترپاىدا كېلىدۇ. كونگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تروپىك سىزىقى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ جايلارغا قۇياش نۇرى يىل بويى ۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. ئەڭ ئىسسىق ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27، ئەڭ سوغۇق ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22 قا يېتىدۇ. كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىدىن كونگو دەرياسىنىڭ تارماقلىرى ئېقىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ % 55ى تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. كونگونىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 910 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسى 100 دىن ئارتۇق قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاھالىنڭى كۆپىنى بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى باكونگو، باتىكې خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىپتىدائىي دىنلارغا، قالغىنى كاتولىك ۋە ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ، كونەودا ئولتۇراقلاشقان بانتو خەلقلىرى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كونگو پادىشاھلىقىنى قۇرغان، 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1884 - يىلىدىن 1960 - يىلىغىچە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، كونگو جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1964 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. كونگو ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %70 تىن كۆپى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئورمانچىلىق كون:گو ئىقتىسادىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىق مانىخوت، شال، كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى، خاسىڭ، ياغلىق پالما، كاكائو، كوفى، تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە كان سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ جايدا كالىي تۇزى، ئالماس، نېفىت، ئالتۇن، قوغۇشۇن، سىنك، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلىەپچىقىرىلىدۇ، ئورمانچىلىق سانائىتىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىن نېفىت ئايرىش، شېكەر، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كونسېرۋا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. كونگو ئىشلەپچىقارغان نېفىت بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ. نېفىت ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 90% نى، مالىيە كىرىمىنىڭ 2/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ (1983). كونگونىڭ تاشقى سودىسىدا نېفىت، ياغاچ ماتېرىياللىرى، تۇز، شېكەر، كوفى، كاكائو ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، سىرتتىن ماشىنا - ئۈسكۈنە، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ نامى شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ كونگو دەرياسىنىڭ نامىغا بېرىلگەن. كونگو يەرلىك خەلقلەر تىلىدا <دەريا> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
كونگونىڭ تولۇق نامى <كونگو جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربىدىكى كونگو دەرياسى (زايىر دەرياسى) ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوربانجى دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئېكۋاتور سىزىقى ئۇنىڭ ئوتتۇرا شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، كونگو دەرياسىدىن كەلگەن. <كونگو> سۆزى يەرلىك تىلدا <ئەزىم (چوڭ) دەريا> دېگەن مەنىدە بولغاچقا، شۇ جايدىكى دەريا ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ھەممىسى كونگو دەپ ئاتالغان، يەنە بەزىلەر كونگو دەرياسىنىڭ نامى قەدىمكى دۆلەت نامىدىن كەلگەن دېيىشىدۇ. مىلادى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بانتۇلار كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى رايونىدا كونگو پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، پادىشاھ مۇئانى كونگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇ دەريا مانا شۇ پادىشاھلىقنىڭ زېمىنىدىن ئېقىپ ئۆتكەچكە شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، 1484 - يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى دىگو كائو ۋە جۇغراپىيە ئالىمى مارتىن بىرھام بۇ دەريانىڭ ئېغىزىغا كېلىپ، دەريا ئېغىزى ئەتراپىدا مۇئانى كونگو ( Congo Mwani) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى كونگو پادىشاھلىقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقىدۇ ۋە يەرلىك تىل بويىچە دەريا ئېغىزى ۋە ئەتراپ رايونلارنى <كونگو> دەپ ئاتايدۇ، Congo نونتكو تىلى ياكى بانتۇ تىلىدا Kong بولۇپ، مەنىسى <تاغ تىزمىسى>، چۈنكى كانگو دەرياسى نۇرغۇن تاغ تىزمىلىرىنى بېىسپ ئۆتكەن، بەزىلەر بۇ نام يەرلىك تىلدا <دەريا> دېگەنلىك بولىدۇ دېيىشىدۇ، ياۋروپا مۇستەملىكچىلىكىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كونگو دېگەن يەر نامى خېلى كۆپ رايونلارنىڭ نامى بولۇپ قالغان، 1884 - يىلى جاھانگىرلارنىڭ بېرلىن يىغىنىدا دەريانىڭ شەرقى بېلگىيىگە بۆلۈپ بېرىلىپ، كونگو ]كىنساشا[ (يەنى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى) دەپ ئاتالغان. غەربى بولسا فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىلىپ، كونگو ]براززاۋىل[ دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئۇ براززاۋىلنى پايتەخت قىلغاچقا شۇنداق ئاتالغان. 1911 - يىلى كونگو ]براززاۋىل[ فرانسىيىگە قاراشلىق ئېكۋاتور ئافرىقىسىغا قوشۇۋېتىلىپ، مەركىزى كونگو دەپ ئاتالغان، 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، نامىنى <كونگو ]براززاۋىل[ جۇمھۇرىيىتى> دەپ بېكىتكەن، 1968 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى <كونگو خەلق جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىپ، 1991 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يەنە <كونگو جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئېلان قىلىنغان.
كونگونىڭ يەر مەيدانى 342 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 428 مىڭ، ھەممىسىلا بانتو تىل سىستېمىسىدىكى قېرىنداش خەلقلەر بولۇپ،% 36ى كاتولىك دىنىغا،% 4ى ئىسلام دىنىغا، قالغىنى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى براززاۋىل، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى.
كونگو ئافرىقا بويىچە قەدىمكى مەدەنىيىتى بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەت. 13 - ئەسىردىن باشلاپ بانتولار كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ۋادىسىد كونگو پادىشاھلىقىنى قۇرغان.15 - ئەسىردىن كېيىن پوتۇگالىي، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر ئارقا - ئارقىدىن بۇ پاك زېمىنغا بېسىپ كىرگەن ھەمدە كونگونى قۇللارنى يۆتكەپ ساتىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرغان. 1884 - يىلى كونگو فرانسىيە، بېلگىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان، فرانسىيە بېسىۋالغان قىسىمى فرنسىيىگە تەۋە كونگو دەپ ئاتالغان. 1960 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ھەمدە پان ئافرىقا تۈسىگە ئىگە يېشىل ۋە قىزىل رەڭدىن تەركىب تاپقان يانتو يوللۇق بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. 1963 - يىلى ئاۋغۇسىتتا، كونگو خەلقى < ئاۋغۇسىت ئىنقىلابى > نى قوزغاپ، يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرغان، كېيىن خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. دۆلەت بايرىقىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. يېڭى دۆلەت بايرىقى ئۈستدىكى سول بۇلۇڭغا سېرىق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، گرەلەشتۈرۈلگەن بولقا ۋە ئوتۇغۇچ يېشىل پالما شېخى سىزىلغان قىزىل بايراق ئىدى. 1991 - يىلى ئىيۇندا كونگو ئەسلىدىكى كونگو جۇمھۇرىيىتى دېگەن نامنى ئەسلگە كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل بولغان چاغدا ئىشلەتكەن ئۈچ خىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كونگو دۆلەت بايرىقى يېشىل، سېرىق ۋە قىزىل رەڭدىكى ئىككى ئۈچبۇلۇڭغا ئايرىغان. يېشىل رەڭ كونگونىڭ زېمىنىدىكى قويۇق ئورمان يېپلغۇسىغاسىمۋول قىلىنغان، سېرىق رەڭ مول تەبئىي بايلىقى بىلەن چەكسىز مال - مۈلۈكنى بىلدۈرگەن، قىزىل رەڭ ئافرىقىنىڭ ئەكىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كونگو ئەزىمەتلىرىنىڭ مۇشۇ زېمىنىغا تۆكۈلگەن ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېشىل، سېرىق، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىق، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قەدىر - قىممىتىنى بىر بايراققا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئۇنى ئافرىقا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇرغان. بۇ بايراق كونگونىڭ مۇستەقىللىقىنى بىلدۈرىدىغان بايراق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئويغانقانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدىغان مەڭگۈ يېڭىلمەس بايراقتۇر.