لېچتېنىشتېن
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
پارقىراق تاش
ئوتتۇرا ياۋروپادىكى شۋېتسارىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىچىك دۆلەت. يەر مەيدانى 160 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى نېمىسلار ئىگىلەيدۇ، ئاھالىنىڭ% 90 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى نېمىس تىلى، پايتەختى ۋادوز شەھىرى. لېچتېنىشتېن 1719 - يىلى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1815 - يىلدىن 1866 - يىلغىچە گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1866 - يىلى مۇستەقىل بولغان، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىك مەيداندا تۇرغان. لېچتېنىشتېن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، ئاھالىسى چارۋىچىلىق ۋە باشقا خىزمەت بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ ياۋروپا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سانائەت، سودا ساھەسىدە ئىشلەيدۇ. يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىسى ئاران 400 دىن ئاشىدۇ. خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشئ ومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقشىم قىلىنىشى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. لېچتېنشتېن كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. دۆلەت بويىچە 46 زاۋۇتى بار. بۇنىڭ ئىچىدە نازۇك ئەسۋاب، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىلغار تىپتىكى ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىنىڭ% 4 نى ئىگىلەيدۇ، تېرىشقا بولىدىغان يېرى 900 گېكتاردىن ئاشىدۇ. ئاساسەن كۆممىقوناق، مېۋە - چېۋە، ياڭيۇ، سەي قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق مەيدانلىرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئاساسەن كالا بېقىلىدۇ. لېچتېنشتېننىڭ مۇنتىزم ئارمىيىسى يوق. پەقەت 66 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ساقچى قوشۇنى بار، جىددىي ئەھۋالدا 60 ياشتىن تۆۋەن گراژدانلارنىڭ ھەممىسى ھەربىي بولۇش مەجبۇرىيىتى بار.
لىچتېنشتيېننىڭ تولۇق نامى <لىچتېنشتېين كىنەزلىكى> بولۇپ، شۋېتسارىيە ۋە ئاۋسترىيىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، دۆلەت نامى جەمەت نامىدىن، جەمەت نامى يەنە ۋېينا ئەتراپىدىكى لىچتېنشتېيىن بازىرىدىن پيەدا بولغان، بۇ نام گېرمانچە Lichten (پارقىراق نۇر چېچىپ تۇرغان) ۋە Stein (تاش) سۆزلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەنىسى <پارقىراق تاش> چۈنكى لىچتېنشتېين بازىرىدىكى قۇرۇلۇشلار سۇس ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشنى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىپ سېلىنغاچقا مۇشۇنداق ئاتالغان. لىچتېنشتېين رايونىدا قەدىمدىن ئادەم ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخى مىلادى 14 - ئەسىردىن باشلانغان. 1342 - يىلى ھارتىمان ماركوز سۈپىتىدە ۋادىز بورگىمنىڭ مىراسىغا ۋارسلىق قىلىپ، ۋادىز بورگ ماركوزى دەپ ئاتالغان. 1699 - يىلى ئاۋستىرىيە پادىشاھىنىڭ يېقىنى يوھان ئادام، لىچتېنشتېين شىرونبورگ كىنەزلىكىنى سېتىۋالغان، 1712 - يىلى يەنە قوشنىسى ۋادىز بورگ ماركوزلىقىنى سېتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى پارچە زېمىن لىچتېنشتېيىن كېنەزلىكىنىڭ فىئودال مىراس زېمىنى بولىدۇ. 1719 - يىلى ئۇنىڭ ۋارىسى كېنەز ئانتون فىرولى بۇ جايدا جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، لىچتېنشتېين فامىلىسىنى دۆلەت نامى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ نام شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. بۇ دۆلەت 1815 -- 1866 - يىللىرى گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1866 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي بىتەرەپ تۇرغان. يەر مەيدانى 160 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 30 مىڭ. نېمىس تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋادۇز، پۇل بىرلىكى شۋېتسارىيە فىرانكى.
لىچتېنشتېىيىن بەگلىكى ئاۋستىرىيە بىلەن شۋېتسارىيە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاغ ئارىسىدىكى كىچىك دۆلەت، ئۇ گۈزەل رېيىن دەرياسىغا قاراپ تۇرىدۇ، ئالىپ تاغ تىزمىسى ئارقىسىغا جايلاشقان. 1719 - يىلى دۆلەت بولۇپ، 1866 - يىلى مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان. دۆلەت بايرىقىنى كۆك ۋە قىزىل ئىككى خىل رەڭلىك توغرا بەلدەملىك لايىھىلەپ، 1937 - يىلىغا كەلگەندە دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستىدىكى سول بولۇڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى بۇ خانلىق دۆلەتنىڭ بىر ئالتىن رەڭلىك تاجىسىنى كىرگۈزگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرقى بۇ دۆلەت بايرىقى رەسمىي بارلىققا كەلگەن. بايراقتىكى كۆك ۋە قىزىل رەڭ بەگلىكتىكى ئىككى شاھزادىنىڭ پادىشاھ بايرىقىدىن كەلگەن، ئۇلار يۇلتۇزلۇق كۆك ئاسمان ئاستىدا لاۋىلداپ كۆيۈۋاتقان كەڭ زېمىندىكى ئوتقا سىمۋول قىلىنغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجىسى خەلق ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى كۈتۈۋاتقان تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقىنىڭ سىمۋولى بولغان.
دۆلەت گېربى ئاددىي ھەم روشەن بولۇپ، بىر قالقانسىمان بەلگە بىلەن بىر تاجىدىن تەركىب تاپقان. قالقان يۈزى سېرىق ۋە قىزىل ئىككى خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان. ئۇلار بەگلىكىتىكى خان جەمەتىنىڭ بەلگىسىدۇر؛ قالقانسىمان گېربىنىڭ ئۈستىدىكى تاج دۆلەت بايرىقىدىكى تاج نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى مۇقەددەس ئىمپېرىيىسىنىڭ شان - شۆھرىتىگە بېغىشلانغان مەڭگۈلۈك يادىنامىدۇر.