UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرفىجى

فىجى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئوكيانىيە ئەڭ چوڭ ئارال تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا، مېلانېزىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان (جەنۇبىي كەڭلىك° 15-°22بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق° 175 بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق° 177 ئارىلىقىغا) دۆلەت. ئۇ، ۋىت، نوۋاۋا، تافىئونى، كەندائۇ، رومىۋىتى، لاۋ، ئاسوۋا قاتارلىق چوڭ - كىچىك 300 دىن كۆپرەك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ 106 ئارىلىدا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق يەر مەيدانى 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپىنچىسى مارجان ئاراللىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرغان يانار تاغ ئاراللىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئىقلىمى تروپىك بەلباغ ئىقلىمى بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1800-3500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن، ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى قېلىن ئورمانلار، ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولغان ۋىكتورىيە چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1322 مېتىرغا يېتىدۇ. فىجىنىڭ ئاھالىسى 714 مىڭدىن ئاشىدۇ (1986)، بۇنىڭ% 46.2 نى فىجى خەلقلىرى، 48.6% نى ھىندىستانلىقلار،% 5.2 نى ياۋروپالىقلار بىلەن جۇڭگولۇقلار (4000 دىن ئوشۇق خەنزۇلار بار) تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى خرىستىئان (%51)، ھىندى (%40)، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فىجى تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ھىندى تىلىنى قوللىنىدۇ. فىجى خەلقلىرى خېلى بۇرۇنلا فىجى ئاراللىرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە. 1874 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1970 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. ئۇ ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. فىجى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئۇ يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئەڭ ئاساسلىق شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ياغلىق پالما، بانان، شال، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. سانائەتتە شېكەر سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ياغاچچىلىق، ئالتۇن قېزىش، سېمونت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. فىجىنىڭ تولۇق نامى <فىجى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى فىجى تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان، زېمىنى ۋىتى ئارىلى، ۋانۇئا ئارىلى قاتارلىق 800 دىن ئارتۇق مارجان ئاراللىرىدىن تۈزۈلگەن. نامى ئاساسىي ئارال ۋىتى ( Levu Viti) ئارىلىنىڭ نامىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، لېكىن مەنىسى ئېنىق ئەمەس، بەزىلەر <فىجى> سۆزى يەرلىك تىلدا <ئەڭ چوڭ ئارال> دېگەن مەنىدە دەيدۇ. بۇ جاينى گوللاندىيىلىك تاسمان 1643 - يىلى بايقىغان. ئەينى چاغدا ياۋرۇپا دېڭىزچىلىرى ۋىتى ئارىلىغا كېلىپ، يەرلىك كىشلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاڭلاپ، <فىجى> دەپ خاتىرىلگەن. 1774 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىزچىسى كوك فىجى تاقىم ئاراللىرى ۋە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1874 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، 1970 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. فىجىنىڭ يەر مەيدانى 18.333 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 770 مىڭ. يەرلىك فىجىلىقلار % 46نى، ھىندىلار % 49نى ئىگىلەيدۇ. ئىنگلىز، ھىندى ۋە فىجى تىلى قوللىنىلىدۇ. % 51ى خرىستىئان دىنىغا، % 40ى ھىندى دىنىغا،% 8ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى سۇۋا، پۇل بىرلىكى فىجى دوللىرى. فىجى دۆلەت بايرىقى بۇ دۆلەتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان بىر ئەسىردىن بويانقى زىچ مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. فىجى 1874 - يىلىدىن 1970 - يىلى ئۆكتەبىر مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان . مۇستەقى بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە فېدېراتىسىيىسىگە ئەزا دۆلەت بولغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ سول تەرەپتىكى ئۈستى بۈرجىكىگە سىزىلغان ئەنگلىيىنىڭ قوش كرېسىتلىك بايرىقى ھەم فىجىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنىڭ سىمۋولى، ھەم ئەنگلىيگە ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ بەلگسىدۇر. دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى ئىلگىرى توق كۆك بولۇپ، كېيىن ھاۋا رەڭگە ئۆزگىرىپ، بىپايان كەڭ دېڭىز - ئوكياننى بىلدۈرگەن. بايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر دۆلەت گېربى سىزىلغان. خۇددى بۇ دۆلەتنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئېلىپ كەلگەن كېمىدەك دۆلەت گېربىگە بىر يەلكەنلىك كېمە سىزىلغان؛ بىر كوكۇس پالمىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك بىر شىر فىجىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرگەن ھەم شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى پالما گۆشىنى كۆرسەتكەن، بۇ يەرلىك ئاھالىلىرنىڭ ئاشلىقى ھەم تاشقى سودىدا ئېكىسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق مېلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىزىل كرېسىت فىجلىقلارنىڭ خرىستوسنىڭ سادىق مۇرىتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، زەيتۇن شېخىنى ئېلىپ كەلگەن ئاق كەپتەر فىجى خەلقىنىڭ تىنىچلىققا بولغان تەشنالىقىنى ۋە ئىنتىلىشىنى تارقاتقان. شېكەر قومۇش، كوكۇس دەرىخى ۋە بانان شۇ جاينىڭ مول يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇچىسىغا مىللىيچە كالتە يوپكا كىيگەن، قولدا قورال تۇتقان قوڭۇر ئەتلىك يەرلىك ئاھالىلەر دۆلەت گېربىنىڭ يېنىدا بولۇپ، دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا يېزىلغان < خۇدانى مۇقەددەس بىلىمىز، پادىشاھنى ھۆرمەتلەيمىز> دېگەن سۆز بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر