UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرگۋىنىيە

گۋىنىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا قارا تەنلىكلەرنىڭ زېمىنى گۋىنىيە جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 248 مىڭ 857 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 6 مىليون 410 مىڭدىن ئارتۇق (1982) بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فولبىلار تەخمىنەن ئاھالىنىڭ %40 نى، مالىنكەيلەر %18نى، سوسولار %8 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھەرقايسى مىللەت - قەبىلىلەرنىڭ ئۆز تىلى بار. ئاھالىنىڭ %85 تى ئىسلام دىنىغا، %13 تى ئىپتىدائىي دىنلارغا، %2 تى كاتولىك ھەم خرىستىئان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. گۋىنىيىگە 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتوگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. ئارقىدىن ئىسپانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيىلەر بېسىپ كىرگەن. 1842 -، 1897 - يىللاردا فرانسىيىلىكلەر يەرلىك كىنەز باشلىقلىرى بىلەن 30 دىن ئوشۇق <مۇھاپىزەت شەرتناملىرىنى تۈزگەن. 1885 - يىلدىكى بېرلىن كېلىشىمى بويىچە گۋىنىيە فرانسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئۆتكەن. 1893 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىنىيە دەپ ئاتالغان. 1858 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. گۋىنىيە يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، ئاھالىنىڭ %82 تى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە شال، كۆممىقوناق، مانىخوت، بانان، ئاناناس، كوفې، خاسىڭ، ياغلىق پالما، ئاپېلسىن قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە ئاليۇمىننى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا ئوراش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. گۋىنىيىنىڭ ئاليۇمىن، تۆمۈر، كوبالت، ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىلىرى مول. گۋىنىيە سىرتقى سودىدا ئاليۇمىن توپىسى، كوبالت، كوفې، پالما مېغىزى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. نېفىت، گۈرۈچ، ئۇن، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، شېكەر، قاتناش ۋاسىتىلىرى، ماشىنا ئىمپورت قىلىدۇ. گۋىنىيىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى <گىۋىنىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي ئافرىقىغا جايلاشقان. <گۋىنىيە> نامىنىڭكېلىپ چىقىشى توغرىسدا ھەر خىل قاراشلار بار. بىرىنچى، ياۋروپا ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى دېڭىز سەپىرى قىلىپ، غەربىي ئافرىقىدىكى مەلۇم جايغا دەسلەپ كەلگەن چاغدا قەيەرگە كەلگىنىنى بىلەلمىگەچكە، قىرغاققا چىقىپ يەرلىك بىر ئايالدىن سوراپتۇ، ئۇ ئايال<Guine>دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، بۇ سۆز سۇسۇ تىلىدىن بولۇپ، مەنىسى <مەن ئايال> ئىكەن، كېيىن ياۋرۇپالىقلار (بەزىلەر فرانسىيىلىكلەر دىيىشىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پورتۇگالىيىكلەر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى پورتۇگالىيىلىكلەر 15 - ئەسىرلەردىلا گۋىنىيە بىسسائۇ ئەتراپلىرىدا ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ بۇ ئەتراپقا بېرىپ ھەرىكەت قىلىشى خېلى كېيىنكى ئىش) ئاق - قارىنى پەرق ئەتمەي، سۇئالىمىزغا جاۋاپ تاپتۇق دەپ ئويلاپ، خاتا ھالدا بۇ جاي <گۋىنې> دەپ ئاتىلىدىكەن دېيىشىپ، >گۋىنې< نامى تارقىلىپ، دۆلەت نامىغا ئايلانغان؛ ئىككىنچى، گۋىننيە سۆزى ئافرىقىدىكى بەربەر تىلى aguinaou (قارا) ياكى iguinawen - n - akal (قارا تەنلىكلەرنىڭ يۇرتى) دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى شىمالىي ئافرىقىدىكى مەغرىب بەربەرلىرى چۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى نېگىر بۇرادەرلىرىگە قويغان ئىسمى بولۇپ، ئەرەب تىلىدىكى سۇدان ( sudan) سۆزىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كېيىن پورتۇگاللار ئۇنى Guine دەپ ئاتىغان؛ ئۈچچىنچى، قەدىمدە ماراكەشلىكلەر سېنېگالنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى <قارا تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جاي> دەپ ئاتىغان. 1440 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكچىلىرى غەربىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندا، سېنىگالدىن تاكى گانا ئۈچ بۇرچەك تۇمشۇقىغىچە بولغان رايونلارنىڭ ھەممىسىنى گۋىنىيە دەپ ئاتاشقان، مەنىسى >نېگىرلار دۆلىتى< بولۇپ، پورتۇگالىيىلىكلەر Guine دەپ ئاتىغان؛ تۆتىنچى، 15 - ئەسىردىكى نېگىر كەنتىنىڭ نامى Genna، Ginnie ياكى Juinie نىڭ خاتا تارقىلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، نېگىر تىلىدىكى مەنىسى >شەھىرى ئەزەم (چوڭ شەھەر، مەركىزى شەھەر)<،چۈنكى بۇ جاي ئەينى چاغدىكى نېگىر پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزىي بولغان. بۇ پادىشاھلىق 1481 - يىلى Chenea ياكى Ginea دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھازىرقى نامى شۇنىڭدىن كەلگەن؛ بەشىنچى، <ئېننى>سۆزىدىن پەيدا بولغان، سۇسۇ تىلىدا ئۇنىڭ مەنىسى <ئالۋاستى>. رىۋايەت قىلىنىشچە، يەرلىك خەلقلەر تۇنجى قېتىم ئۇزۇن چاچلىق، كۆك كۆزلۈك ياۋرۇپالىقلارنى كۆرگەن چاغدا <ئېننى (ئالۋاستى)> دەپ ۋارقىراشقان ئىكەن، ياۋرۇپالىقلار ئۇلارنىڭ ۋارقىرىغىنىنى خاتالىشىپ، يەر نامى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ. بۇ سۆز ئۆزگۈرۈشلەر ئارقىسىدا <گۋىنىيە>بولۇپ قالغان ئىكەن؛ ئالتىنچى، گېنىي ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئىسمىدىن ئۆزگەرگەن. رىۋايەت قىلىنىشچە، مىلادى 10 - ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ئەينى چاغدا غەربىي ئافرىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاكاردو ئىمپىرىيىسى (يەنى گانا ئىمپېرىيىسى) نىڭ پادىشاھى مالوكنىڭ گېنىي ئىسىملىك بىر مەلىكىسى بولغان ئىكەن. مالوك ئىش بولسىلا قىزى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىكەن. گېنىي دادىسىدىن ئۆزىگە بىر پارچە زېمىن بۆلۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، تەلىپى قاندۇرۇلمىغاندىن كېيىن بىر بۆلۈك ياش قىزلارنى باشلاپ، ئىمپىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۆلكە - سۇسۇ رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، ئۆزى بىر دۆلەت قۇرغان ئىكەن، بۇ دۆلەت گېنىينىڭ ئىسمىدا ئاتىلىپ، كېيىن ئۆزگىرىپ <گۋىنىيە> بولغان ئىكنە؛ يەتتىنچى، بىر خىل نېل رەخت (قارا كۆك رەڭلىك رەخت)نىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. ئۆتمۈشتە ۋاكاردو ئىمپېرىيىسىدىكى گېنىي شەھەرلىك سودىگەرلەر دائىم جەنۇبقا بېرىپ، نېل رەخىتنى ئالتۇنغا تېگىشكەن، شۇ يەرلىك كىشلەر بۇ خىل رەختنى گۋىنىيە رەختى (قارا كۆك رەڭلىك رەخت دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان بولۇپ، كېيىن بۇ نام دۆلەتنىڭ نامىغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە تۈرلۈك ئېھتىماللىق ۋە پەرەز بىلەن تولغان ئېيتىشلار بولۇپ، بۇ يەردە بىرمۇ بىر مىسال ئالمىدۇق. مىلادى 9 - 15 - ئەسىرلەردە، گۋىنىيە گانا ۋە مالى پادىشاھلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 19 - ئەسىردە فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەسىر كۈچى دېڭىز بويى رايۇنلىرىغا يېتىپ كېلىپ، 1895 - يىلى گۋىنىيىنىڭ پۈتۈن زېمىنى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان، كېيىن ئۇ <فىرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا> نىڭ سەككىز چوڭ پارچىسىنىڭ بىرى بولغان. 1957 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق گۋىنىيە <يېرىم ئاپتونۇمىيىلىك جۇمھۇرىيەت> لىك ئورنىغا ئېرىشكەن، 1958 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، گۋىنىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1978 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى نامىنى <گۋىنىيە جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن، 1984 - يىلى يەنە <گۋىنىيە جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. گۋىنىيىنىڭ يەر مەيدانى 245.857 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 300 مىڭ. ئاھالىنىڭ% 85ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز ۋە بۇلار تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى كوناكرى. پۇل بىرلىكى گۋىنىيە فرانكى. ئۇزۇنغىچە فرانسىيىنىڭ مۇستەمىلىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان گرىنىيە ئۈلۈكىسىز راۋاجلىنىپ، ئۇمۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 1958 - يىلى سىنتەبىردە يېڭى جۇمھۇرىيەتنى بەرپا قىلغان. گۋىنىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئافرىقا خەلقى ناھاىىتى ياقتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى رەڭ - قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل رەڭلىك تىك يولنىڭ سولدىن ئوڭغىچە تىزىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن. بۇ لايىھە فرانسىيىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىنىڭ ئافرىقىدىكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. توق قىزىل رەڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەجدادلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئالتۇن قۇياش كەك ئافرىقا زېمىننى يۇرۇتقان، ئۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا بايلىقنىڭ سىمۋولىدۇر؛ يېشىل ئورمانلار بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەڭ تەبئەتنىڭ ئنسانلارغا ھەدىيە قىلغان مول سوۋغىتىدۇر. گىۋىنىيە دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق قالقاننىڭ يۈزىگە بىر زۇلپىقار بىلەن بىر مىلتىق گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان بولۇپ، خەلقنىڭ قۇرال ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتەڭ پولاتتەك چىڭ قەسىمىنى ئىپادىلىگەن؛ شال باشىقى بىلەن قورال ھاللىق تۇرمۇشنىڭ سىمۋولى بولغان. قالقاننىڭ ئاستىغا دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل رەڭلىك ئايرىق كاتەكچىلەر سىزىلغان، گىۋىنىيە خەلقى بۇ ئۈچ خىل رەڭنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا < تىرىشىپ ئىشلەش، ئادالەت، ئىتتىپاقلىق> نى بىلدۈردىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. بۇ دەل دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى بېزەككە يېزىلغان ھېكىمەت سۆزىدۇر. گۋىنىيە دۆلەت گېربى مۇستەقىللىقىنىڭ ئززەت - ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئىپتىخارلىقى بىلەن تولغان. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدا پەرۋاز قىلغان بىر ئاق كەپتەر تىنىچلىق ۋە دوستلۇق مېھرىنى كەڭ زېمىنىدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر