UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرسلوۋېنىيە

سلوۋېنىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا ئورتاق بىر خىل يېزىق ئىشلىتىدىغان مىللەت سلوۋېنىيىنىڭ تولۇق نامى <سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. بۇ جايدا سلاۋيان تىلى ئائىلىسىدىكى سلوۋېنىيىلىكلەر (Slowenes) بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. سلوۋېنىيە سلاۋيان ( slav)، سلوۋاك slovak قاتارلىق مىللەت ناملىرىغا ئوخشاش، ئېھتىمال سلاۋيان تىلىدىكى slava سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ئاتاق - ئابروي>، يەنى <ئاتاق ئابرويلۇق مىللەت> بولىدۇ؛ياكى سلاۋيان تىلىدىكى slovo سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <يېزىق>، يەنى <ئورتاق بىر خىل يېزىق ئىشلىتىدىغان مىللەت> بولىدۇ. مىلادى ئالتىنچى ئەسىردە سلوۋېنىيىلىكلەر سارۋا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە يېقىن ئەتراپ رايونلىرىغا ماكانلاشقان، يەتتىنچى ئەسىردە سلوۋېنىيە سارما فېئودال پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان، سەككىزىنچى ئەسىردە فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، كېيىن سلوۋېنىيىنىڭ نەچچە رەت ھۆكۈمرانى يۆتكىلىپ، ھابىسبورگ سۇلالىسى، تۈركىيە، ئاۋىسترو - ۋىنگىر ئىمپېرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1918 - يىلى سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، 1929 - يۇگوسلاۋىيە دەپ ئاتالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەنە گېرمانىيە، ئىتالىيە، ۋېنگرىيىلەر بۆلۈشۈۋالغان. 1945 - يىلى يۇگوسلاۋىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1990 - يىلى يىل بېشىدا، يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى ئىتتىپاقى 14 - قۇرۇلتىيىدا جۇمھۇرىيەت ئاشكارە پارچىلانغان. 1991 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سلوۋېنىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى رەسمىي ھالدا يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان. سلوۋېنىيىنىڭ يەر مەيدانى 20.251 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 990 مىڭ. بۇنىڭ % 87.6ى سلوۋېنلار، قالغىنى كروئات (خورۋات)، سېرب، مۇسۇلمان، ۋېنگرلاردىن ئىبارەت. كۆپ قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سلوۋېن تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى لوبوريان، پۇل بىرلىكى دىنار. سلوۋېنىيە بالقان رايونىدا يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن ياش دۆلەت. مىڭ يىللار جەريانىدا سلوۋېنىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان بولسىمۇ، سلوۋېنلار ئىزچىل مۇستەقىل مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھىنى ساقلاپ كەلگەن. 1918 - يىلى دېكابىردا سلوۋېنىيە كرودىيە، سېربىيە بىلەن بىرلىشىپ تارىختىكى تۇنجى يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىنى قۇرغان؛ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فېدېراتىپ يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىغ ئايلانغان. 1991 - يىلى ئىيۇندا سلوۋېنىيە يۇگوسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. سلوۋېنىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاق، كۆك قىزىل رەڭلىك توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان پان سلاۋيان بايرىقى بولۇپ، بايراق سېپىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئاق ۋە كۆك بەلدەمنىڭ ئوتتۇرىسغا ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى سىزىلغان. ئاق رەڭ تىنىچلىق ۋە مۇقەددەسلىككە بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. كۆك رەڭدە مىڭ يىللاردىن بۇيان سلوۋېنلارنىڭ خۇددى دېڭىزدەك ئەركىن ۋە كەڭ قارنى - كۆكسىنى نامايان قىلغان. قىزىل رەڭدە مىڭ يىللاردىن بۇيان سلوۋېنلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى جاسارىتىنى ۋە ئۆلمەس روھى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن. دۆلەت گېربى چۆرىسى قىزىل كۆك قالقانسىمان گېرب بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسلىقى مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا - ترېگراف تېغىنىڭ چوققىسى سىزىلغان. يىل بويى قار يېغىپ تۇرغان ئاپئاق تاغ چوققىسى ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم بولۇپ، تارىختا بۇرۇنلا سلوۋېنىيىە دۆلىتى ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىغان؛ تاغ ئېتىكىدىكى دولقۇنسىمان ئىككى كۆك سىزىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دەرياسى- ساۋا دەرياسى بىلە دراۋا دەرياسىنى بىلدۈرگەن. كۆك ئاسماندا مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە شان - شەرەپنىڭ سىمۋولى بولغان ئالتە بۇرجەكلىك ئۈچ سېرىق يۇلتۇز سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالنى يۇرۇتۇپ تۇرغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر