UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرۋېنېسۇئېلا

ۋېنېسۇئېلا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا كىچىك ۋېنىتسىيە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ غەربىي شىمالىنى تاغلىقلار، شەرقىي جەنۇبىنى ئېگىزلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئورىنوكو تۈزلەڭلىكى جايلاشقان. ۋېنېسۇئېلانىڭ كۆپ قىسم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يايلاق ئىقلىمى بىلەن تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26-℃28 قا يېتىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا 550 مىللىمېتىر، ئورىنوكو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن بويلىرىدا 3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھەر يىلى 5 - ئايدىن 11 - ئايغىچە ھۆل - يېغىن پەسىل. 12 - ئايدىن ئىككى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە قۇرغاق پەسلى بولىدۇ. ئورمان مەيدانى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 53 نى قاپلاپ تۇرىدۇ. (1984). ۋېنېسۇئېلاننىڭ كان بايلىقلىرى مول، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋېنېسۇئېلا 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1811 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1819 - يىلى كولومبىيە بىلەن بىرلىشىپ چوڭ كولۇمبىيە بولۇپ قۇرۇلغان، 1830 - يىلى كولۇمبىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1974 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ۋېنېسۇئېلانىڭ يەر مەيدانى 912 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 16 مىليون 851 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ% 66 نى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر،% 22 نى ئاق تەنلىكلەر،% 10 نى نېگىرلار،% 2 نى ئىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ% 80 نى تەشكىل قىلىدۇ. ۋېنېسۇئېلا ئىقتىسادتا كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. كان سانائىتىدىن باشقا توقۇمىچىلىق، پولات - تۆمۈر ئاليۇمىن تاۋلاش، خىمىيە سانائەت، قۇرۇلۇش، بىناكارلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، شېكەر قومۇشى، كېۋەز، شال، كوفى، كاكائو ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي، چوشقا بېقىلىدۇ. ۋېنېسۇئېلانىڭ تولۇق نامى <ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، <ۋېنېسۇئېلا> سۆزىنىڭ ئىسپان تىلىدا <كىچىك ۋېنىتسىيە> دېگەن مەنىسى بار. 1499 - يىلى ئىسپانىيىلىك ئاللېنىس. دى. ئوخىدا كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، تۇنجى قېتىم مالاكاب كۆلىگە كىرگەندە، ئىندىئانلارنىڭ ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن، ئۆينى سۇدىن چىقىپ تۇرغان ياغاچ تۆۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرغانلىقى ۋە نۇرغۇن ساللارنىڭ سۇ يۈزىدە چايقىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ، ۋېنىتسىيىنىڭ مەنزىرىسى كۆز ئالدىغا كېلىپ، بۇ ئەتراپلارنى ۋېنېسۇئېلا (كىچىك ۋىنتسىيە) دەپ ئاتىغان ئىكەن. كېيىن بۇ نامنىڭ كۆرسىتىدىغان دائىرىسى تەدرىجىي ئەتراپتىكى رايونلارغىچە كېڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرى دۆلەت نامىغا ئايلانغان؛ ئىككىنچى، يەرلىك تىلدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <چوڭ بىر پارچە سۇ>. بۇ ۋېنېسۇئېلانىڭ غەربىىدىكى مالاكاب كۆلىنى كۆرسىتىدۇ. 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋېنېسۇئېلا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1811 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1822 - يىلى ھازىرقى كولۇمبىيە، ئېكۋاتورلار بىلەن بۈيۈك كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، 1830 - يىلى چېكىنىپ چىقىپ ۋېنېسۇئېلا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، 1953 - يىلى ھازىرقى نامىنى قوللانغان. ۋېنۇسېئېلانىڭ يەر مەيدانى 912.05 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 21 مىليون 500 مىڭ. كۆپىنچىسى شالغۇت نەسىللىك. پايتەختى كااكاس، پۇل بىرلىكى بولىۋار. ۋېنىېسۇئېلانىڭ سېرىق، كۆك، قىزىل رەڭلىك بايرىقىنى مۇستەقىل ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى، گېنىېرال فرانسىسكو مىراندا 1806 - يىلى لايھىلەنگەن. كېيىن لاتىن ئامېرىكا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى سىمون بولىۋار بۇ بايراقنى بۈيۈك كولومبىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنڭ دۆلەت بايرىقىغا تاللىغان. ۋېنېسۇئېلا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 1822 - يىلى تۈركىيە بۈيۈك كولومبىيە فېدېراتىپىغا كىرىپ، 1829 - يىلى چېكىنىپ چىققان. دەسلەپتە، سېرىق، كۆك، قىزىل رەڭلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقى، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ئىسپانىيىنى بىلدۈرگەن؛ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولغان؛ سېرىق رەڭ قۇياش نۇرى، دانلىق زىرائەت ۋە مول تەبىئىي بايلقنى، كۆك رەڭ دەريا - ئېقىن، ئوكيان ۋە سۈزۈك ئاسماننى، قىزىل رەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولدا تۆكۈلگەن ئىسسىق قېنىنى بىلدۈرگەن. بەش بۇرجەكلىك يەتتە ئاق يۇلتۇز بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يەتتە ئۆلكىسىنىڭ سىمۋولى بولغان. بايراقنىڭ ئۈستىدىكى سېرىق بەلدەمنىڭ سول تەرىپىگە دۆلەت گېربى سىزىلغان. ئىنقىلاب غەلبىسىگە سىمۋول قىلىنغان ئىككى دۆلەت بايرىقى بىلەن جەڭ قوراللىرى دۆلەت گېربىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئۈستى بۇرجىكىگە جايلاشقان. سول تەرەپنىڭ ئۈستى بۇرجىكىدە يەلپۈگۈچ شەكىلدە باغلانغان 20 تال ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي باشىقى ئەڭ پارلاق رەڭ ئارقىلىق ۋېنېسۇئېلانىڭ ھازىرقى 20 شىتاتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن مول تەبىئىي بابلىقىنى كۆرسەتكەن. بىر بوز ئات كۆك ئاسمان بىلەن يېشىل زېمىن ئارىلىقىدا چېپىپ، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلغان. ئىككى قوي مۈڭگۈزىدىن كۆكتات، مېۋە - چېۋە ۋە گۈللەر تېشىپ تۇرغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنى غارغار شېخى ۋە كەترەن بىلەن بىزەلگەن. دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشايدىغان سېرىق كۆك ۋە قىزىل رەڭدىكى لېنتا دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىنى ئوراپ تۇرغان، لېنتىنىڭ سول تەرىپىگە < 1814 - يىلى 19 - ئاپرېل مۇستەقىل بولغان>، ئوڭ تەرىپىگە< 1859 - يىلى 20 فېۋرال ئىتتىپاقىداش بولغان> دېگەن سۆزلەر، دۈگلەكسىمان شەكىلدە ئوتتۇرىسىغا چىقىپ تۇرغان قىسىمىغا < ۋېنېسۇئېلا جۇمھۇرىيىتى > دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ۋېنېسۇئېلا | UyghurWiki | UyghurWiki