ماۋرىتانىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
ماۋرىلارنىڭ دۆلىتى
ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. دۆلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى قۇملۇق، يېرىم قۇملۇق ئورۇنلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يەر ۋەزىيىتى شەرقىي شىمال قىسمىدىن غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 732 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئىلمى قۇرغان ئىسسىق كېلىدۇ، جەنۇبىدىكى سېنېگال دەريا بويلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى كۆپرەك بولۇپ، 250-650 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، شىمالىي تەرەپلىرى قۇرغاق بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىنى ئاران 50 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا ℃20-℃30، ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسمىدا ℃30-℃35 قا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ 3/2 قىسىم يېرىنى چۆل، يېرىم چۆللۈكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ماۋرىتانىيىنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 185 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ 70% نى مور ئەرەبلىرى، 30% نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. ماۋرىتانىيىگە 7 - ئەسىردە ئەرەبلەر كۆچۈپ كېلىپ، فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرغان. 15 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دكلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 19 - ئەسىرگە كەلگەندە، فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1960 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. 1965 - يىلى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ماۋرىتانىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ %80 يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %26 ى (1983) تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دېھقانچىلىقىدا تېرىق، قوناق، كۆممىقوناق، شال، ئەرەب كاۋچۇكى، خورما قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، تۆگە ئاساس قىلىنىدۇ. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. يىلىغا بىر مىليوندىن بىر مىليون 500 مىڭ توننىغىچە بېلىق تۇتىدۇ. سانائىتىدە كان سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ تۆمۈر، رۇدا ئىشلەپچىقىرىشى ئافرىقا بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆمۈر رۇدا ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ % 80نى تەشكىل قىلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدە دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق مە ھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.
ماۋرىتانىيىنىڭ تولۇق نامى < ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقا سەھرايى كەبىر چۆللىكىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دۆلەت نامى شۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت ماۋرىلارنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. <مورىي> ۋە <ماۋرى> ئوخشاش بىر نامنىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسى بولۇپ، ئىككىلىسى گرېكچىدىن كەلگەن، مەنىسى <قارا رەڭلىك>، يەنى <قارا تەنلىك ئادەم> بولىدۇ. گرېكلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا زور كۆلەمدە مۇستەملىكە قۇرۇۋاتقان مىلادىدىن بۇرۇنقى بىر نەچچە ئەسىرلەردە، بۇ ئەتراپلار قارا تەنلىك يەرلىك خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، گرېكلار ئۇلارنى <Mouros(قارا رەڭلىك)> دەپ ئاتىغان. كېيىن رىملىقلار گرېكلارنى دوراپ، ئۇلارنى <ماۋرى> لار دەپ ئاتىغان، بۇ ناملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا رىم ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە بۇ رايۇنلار <ماۋرىتانىيە ئۆلكىسى> يەنى <ماۋرىلارنىڭ دۆلىتى> دېگەن مەنىدە ئاتالغان. كېيىنكى دەۋرلەردە قارا تەنلىك ماۋرىيلار جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ چۈشكەن ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقىدىن (ئاق تەنلىك) بولغان ئەرەبلەر ۋە بەربەرلەرنىڭ قوغلىشى ئارقىسىدا، بۇ رايوندىن تەدرىجىي يوقاپ كەتكەن. لېكىن كىشلەر ئىرق ئايرىماي بۇ رايون كىشىلىرىنى يەنىلا ئومۇملاشتۇرۇپ <ماۋرىيلار> دەپ ئاتاۋەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەق تەنلىك ئەرەب ۋە بەربەرلەرمۇ باشقىلار تەرىپىدىن <ماۋرى (قارا رەڭلىك)> لار دەپ ئاتىلىپ قالغان. 20 - ئەسىرگە كەلگەندە بۇ جاينى فرانسىيە قوشۇنلىرى بېسىۋېلىپ مۇستەملىكە قۇرغان ۋە رىم دەۋرىدىكى كونا نامى بويىچە بۇ رايونلارنى <ماۋرىتانىيە مۇستەملىكىسى> دەپ ئاتىغان. 1960 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بۇ مۇستەملىكە مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، نامىنى <ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتكەن.
ماۋرىتانىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.03 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 400 مىڭ. % 60ى ئەرەبلەر بولۇپ، قالغىنى قارا تەنلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، فرانسۇز تىلىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى. پايتەختى نوۋاكشوت، پۇل بىرلىكى ئوئۇگۇييا.
_15 ئەسىردىن باشلاپ، ماۋرىتانىيە ئارقا - ئارقىدىن پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1912 - يىلى فرانسىينىڭ مۇستەملىكىس بولۇپ قالغان. 1920 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1960 - يىلى نويابىرادا ماۋرىتانىيە مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان. ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دېگەن دۆلەت نامىدا كۆرسىتىلگەندەك، ماۋرىتانىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىلىرى مۇسۇلمان. 1959 - يىلى ماۋرىتانىيە مىللىي پارلامېنىتى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، يېشىل زېمىنغا بىر سېرىق ھىلال ئاي بىلەن بىر بەش بۇرجەكىلك يۇلتۇز سىزىلغان. يۇلتۇز بىلەن ھىلال ئاي ئىسلام دىنىدا ئەڭ قەدىرلىنىدىغان مۇقەددەس بەلگە بولۇپ، ئۇلار گۈللىنىش ۋە بەخىت - سائادەتنى بىلدۈرىدۇ؛ ياقۇتتەك يېشىل رەڭ ئاۋام خەلقىنىڭ قۇم بارخانلىرى بىلەن قاپلانغان دۆلەت زېمىنىنى يېشىل ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. پاك ۋە سۈزۈك بۇ رەڭنى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئىسلام دىنىنىڭ نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان سېرىق رەڭ، خۇددى قىزغىن ھېسسىيات ۋە ئىدىيىسىگە ئوخشاش بۇ يېشىل زېمىننى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرگەن.
دۈگىلەكسىمان دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىدىكى كۆرۈنۈش ۋە رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە. دۆلەت گېربىدىكى پالما دەرىخى بىلەن شال باشقى مەزمۇت ۋە پۇختا قىياپىتى ئارقىلىق قۇملۇق بوستانلىقتىكى ئاساسلىق ئۆسۈملۈك ۋە ئاشلىقنى بىلدۈرگەن. ئەرەبچە ۋە فرانسۇزچە ئايرىم يېزىلغان < ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > دېگەن خەت دۆلەت گېربىنى چۆرىدەپ تۇرغان.