UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرگايتى

گايتى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا كۆپ تاغلىق يەر غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى گايتى ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ ئەتراپىدىكى گوناف قاتارلىق تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەرقىي تەرىپى دومىنىكا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 27 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ 3/4 قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. گايتى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃29.5 ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، گايتىنىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 250 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ، نېگىرلاردىن باشقا فرانسىيە قان سىستېمىسىدىكى ئارىلاش خەلقلەر ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى، يەرلىك خەلقلەر كلئور تىلىنى (فرانسىيە تىلى بىلەن ئافرىقا نېگىرلىرىنىڭ ئارىلاش بىرخىل تىلى) قوللىنىدۇ. گايتى ئارىلىغا 1462 - يىلى كولومبو كەلگەن، 1502 - يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1697 - يىلدىكى لىسىۋىك كېلىشىمى بويىچە فرانسىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1804 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىل گايتى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئۇ دۇنيادا بىرىنچى قېتىم قۇرۇلغان نېگىرلار جۇمھۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. 1915 - يىلى ئا ق ش تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1934 - يىلى ئا ق ش ئەسكەرلىرى چېكىندۈرۈلگەن. گايتى ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 75 تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوفى، شېكەر قومۇشى، تالالىق ئاگاۋى، شال، كاكائو، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سىرتقى سودىسىنىڭ% 40 نى كواى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئاليۇمىن توپىسى، شېكەر ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سانائەتتە شېكەر، سېمونت، توقۇمىچىلىق، سوپۇن، تاماكا قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 16.8 نى تەشكىل قىلىدۇ ھايتىنىڭ تولۇق نامى <ھايتى جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، كارىب دېڭىزى چوڭ ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىدىكى ئىسپانىئوررا ئارىلىنىڭ غەربىي يېرىمىغا جايلاشقان. <ھايتى> نامى شۇ يەرلىك ئاھالە ئالۋاكلارنىڭ تىلىدىن (ئۇلارنىڭ تىلى ئىندىئان تىلىغا مەنسۇپ) پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <كۆپ تاغلىق يەر> ياكى <ئېگىزلىك>. قەدىمكى زامانلاردا ئارالدا ئولتۇراقلاشقان ئىندىئانلاردىن بولغان ئالۋاكلار ئارالنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى (3 قىسمى تاغلىق ۋە ئىدىرلىق) گە ئاسسەن، ئارالنى ئوبرازلىق ھالدا <ھايتى> دەپ ئاتىغان. كولۇمبۇ تۇنجى قېىتملىق ئامېرىكا سەپىرىدە 1492 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ھايتى ئارىلىنى بايقىغان. ئۇ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن ئارالنى <ئىسپانىئوررا ئارىلى> دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <ئىسپانىيىنىڭ ئارىلى> شۇندىن كېيىن ئىسپان مۇستەملىكچىلىرى ئارالغا ھەسەل ھەرىسىدەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. 1697 - يىلى فرانسىيە ئىسپانىيىنى ئارالنى كېسىپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، نامىنى فرانسىيىگە قاراشلىق دومىنىكا قىلىپ بېكىتكەن. 1804 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ھايتى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئىندىئانچە نامى <ھايتى> نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ يەر شارىدىكى تۇنجى نېگىرلار مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھايتىنىڭ يەر مەيدانى 27.75 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 683 مىڭ 900. بۇنىڭ% 95ى نېگىرلار. ھەممىسىلا كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى شاھزادە پورتى (پورت - ئۇ - پرىنس). پۇل بىرلىكى گوئۇردې. دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە قوشنا دۆلەت بولۇپ، گايتى ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. 1804 - يىلى گايتى مۇستەقى بولۇپ، دۆلەت زېمىنىدا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان تۇنجى دۆلەت بايرىقىنى چىقارغان. گايتىنىڭ تۇنجى دۆلەت فرانسىيىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ، كۆك ۋەقىزىل ئىككى خىل تىك يولدىن تەركىب تاپقان. لېكىن، ئۇزاق ئۆتمەي قارا رەڭ كۆك رەڭنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، قارا ۋە قىزىل ئىككى خىل رەڭدىكى بايراققا ئۆزگىرىپ قالغان. 1806 - يىلى گايتى دۆلەت بايرىقى يەنە كۆك ۋە قىزىل رەڭدىكى ئىككى خىل رەڭلىك بايراقنى ئەسىلىگە كەلتۈرگەن. 1986 - يىلى گايتى ھەربىيلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن 1806 - يىلى ئىشلەتكەن كۆك ۋە قىزىل ئىككى خىل رەڭدىكى بايراقنى قوللانغان، بىراق ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسىنى كىرگۈزگەن. كۆك رەڭ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك روھىنى جەۋلان قىلغان، قىزىل رەڭ گايتى خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەدھيلىگەن. گايتى دۆلەت گېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسغا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى سىمۋول قىلىنغان يېشىل پالما دەرىخى سىزىلغان. دەرەخنىڭ ئىككى يېنىغا تارىختا قارا ۋە قىزىل ئىككى خىل رەڭدىكى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئۈچتىن نەيزىلىك مىلتىق قويۇلغان. بىر سېرىق جەڭ دۇمبىقى دەرەخ ئاستىدىكى يېشىللىققا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا بىردىن قەدىمكى زەمبىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، زەمبىرەكنىڭ ئىككى يېنىدا ئالتىدىن دۈگىلەكسىمان زەمبىرەك ئوقى بولۇپ، گايتى، خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئىززەت - ھۆرمىتىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. ئىككى يانغا چىقىرىلغان ئۈچ بۇرجەكلىك بايراق بىلەن ئالتۇن لەڭگەر گايتىنىڭ ئارال دۆلىتى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئاق لېنتىغا فرانسۇزچە < ئىتتىپاقىلق - كۈچ > دېگەن سۆز يېزىلغان. بۇ دۆلەت گېربىنى گايتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى ئالېكساندر پاتتىئوڭ 1807 - يىلى لايھىلىگەن بولۇپ، گايتى خەلقىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلش روھى ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس مىللىي روھىغا تولغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
گايتى | UyghurWiki | UyghurWiki