سەئۇدى ئەرەبىستانى
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
بەخىت قۇملۇقى
غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن يېرىم ئارىلىنىڭ 5/4 قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى قىزىل دېڭىز، شەرقىي تەرىپى پىرىسىيە سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ناجىد، ھىان، ئاسىر ۋە شەرقىي رايوندىن ئىبادەت تۆت چو رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاھالىسى 9 مىليون
750 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، كۆپ قىسىمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. يەنە 2 مىليوندىن ئوشۇق چەت ئەللىكلەر بار. بۇنىڭ 900 مىڭىنى ئاسىيالىقلار، 100 مىڭىنى ياۋروپالىقلار، ئامېرىكىلىقلار تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەرەب تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، پايتەختى رىياد شەھىرى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دىنىنىڭ شەكىلەنگەن جايى، ئۇ جايدا ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھەرلىرى مەككە ۋە مەدىنىلەر بار. سەئۇدى ئەرەبىستاندا 7 - ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان. 8 - ئەسىردە بۇ ئىمپېرىيە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالىي ئافرىقا، جەنۇبىي ياۋروپاغا كېڭىيىپ، چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ شەكىللەنگەن. 11 - ئەسىردىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. 16 - ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. 19 - ئەسىرنى ئاخىرى ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1924 - يىلى ناجىدنىڭ ھۆكۈمرانى ئېبىن سەئۇدى ھىجازنى ئۆزىگە قوشۇپ ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1932 - يىلى دۆلەت نامىنى <سەئۇدى ئەرەبىستان> دەپ ئاتىغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تارىختا يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلاتتى. ئەرەبىستاندا نېفىت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە تۇتقان سالمىقى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى. ھازىر ئاھالىنىڭ يېرىمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران %1.2 نى تەشكىل قىلىدۇ. نېفىت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جان تومۇرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نېفىت ئېلىش، نېفىت ئايرىش سانائىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ پېرسىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان راستانورا پورتى دۇنيادىكى 10 چوڭ نېفىت ئايرىش سانائەت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جايدىكى زاۋۇتلار يىلىغا 30 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تولۇق نامى <سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى پادىشاھلىقنىڭ قۇرغۇچىسى ئىبىن سەئۇدى (1880 - 1953) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، سەۇدى ەمەتىنىڭ نامى بىلەن ئەرەب سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. بۇ دۆلەتنىڭ <سەئۇدى> نامىدا ئاتىلىشى سەئۇدى جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقتا كۆرسەتكەن تارىخىي رولىنى تەقدىرلەش سەۋەبىدىن بولغان. سەئۇدى جەمەتى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى زېمىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ناجىددىكى <دىرائىيە> ئىدى. <دىرائىيە> كىچىك بىر يۇرت بولۇپ، خەلىپىسى مۇھەممەت ئىبنى سەئۇدى ۋاھابىلارنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاھابى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇنجى سەئۇدى شاھلىقىنى قۇرغان ۋە تۈرك ئېمپىرىيىسىگە بېقىنغان. شۇندىن كېيىن 150 مابەينىدە سەئۇدى دۆلىتىنىڭ زېمىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيگەن. 1902 - يىلى ئىبىن سەئۇدى رىياد (بۈگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى) نى ئىشغال قىلغان، 1913 - يىلى ئۇ ناجىد سۇلتانى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن ھۈسەيىن (ھىجان شاھى) نى مەغلۇپ قىلىپ، ناجىد ۋە ھىجان قاتارلىق كەڭ زېمىنلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ ۋە 1926 - يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلايدۇ. <ئەرەب> سۆزى ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن ئىلگىركى 853 - يىلى ئاسسۇرىيە ئابىدىلىردە كۆرۈلگەن، يەنى <ئەرەبىيە> بولۇپ، سۈرىيە چۆللىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بەدىۋىلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئەرەبچىدىكى مەنىسى <قۇملۇق، چۆللۈك> بولۇپ، <سەئۇدى> نىڭ مەنىسى <بەخىت، بەخىتلىك> بولىدۇ، شۇڭا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەنىسى <بەخىت قۇملۇقى> دېگەنلىك بولىدۇ. 1932 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دۆلەت نامى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سەئۇدى خان جامەتىنىڭ ئەرەب دۆلىتى دېگەن مەنىسى بار.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەر مەيدانى 2.24 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 18 مىليون. كۆپچىلىكى ئەرەبلەر بولۇپ، % 15 ئەتراپىدا چەت ئەل مۇھاجىرىلىرى بار. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ھەم كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى رىياد، پۇل بىرلىكى رىيال.
<سائادەت قۇملۇقى > دەپ ئاتالغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دىنى تارقالغان جاي بولۇپ، ھەر يىلى تۈمەن مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ھەر يەردىن مۇقەددەس شەھەر - مەككىگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدۇ؛ سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئالەمچە شان - شەرەپ ھېس قىلىدۇ. سەئۇدىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىقىنى پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت بايرىقىدا كۆرسىتىپ، دۆلەت بايرىقنىڭ رەڭگى ۋە نۇسخى جەھەتتە ئۆزلىرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ساداقىتى ۋە ھۆرمىتىنى گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن. يېشىللىق ئىسلام دۇنياسىدىكىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەم ھۆرمەتلەيدىغان رەڭ بولۇپ، ئۇ مۇھەممەدنىڭ باش ياغلىقىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. شۇڭا، ئۇ مۇقەددەس ھەم خەيرلىل بولۇپ، ئىسلامغا سىمۋول قىلىنغان. يېشىل دۆلەت بايرىقى ئەرەب ئەللىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئىچىدە ئاجايىپ جەلىپكارلىققا ئىگە بولۇپ، پاك ۋە سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ؛ يېشىل بايراققا < لائىلەھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا > دېگەن خەت يېزىلغان، ئاستىدا ئەرەبنىڭ ئۇزاق تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن زۇلپىقار بۇلۇپ، غازات ئارقىلىق ئىسلامنىڭ شان - شۆھرىتىنى قوغداشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ گويا بارلىق مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن ئۈنسىز چاقىرىق بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ماكانى بولۇش سۈپىتىدە ئەرەب دۇنياسىدىكى داھىيلىق ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
خورما دەرىخى قۇملۇقتا ئۆسىدىغان يېشىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، قۇملۇقتىكى كۆچمەن مقللەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رولى بار، ئۈۇ قۇملۇقتىكى بوستانلىقنىڭ بەلگىسى؛ قۇملۇق دۆلەت زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا كىشىلەر خورما دەرىخىنى دۆلەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئىككى ئالتۇن دەستىلىك ئەرەب زۇلپىقارى گىرەلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خەلقىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە دىنى ئېتقادىنى قوغداشتەك قەتئىي ئىشەنچى ئىپادىلەنگەن.