فىلىپپىن
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
-تاقىم ئاراللار دۆلىتى
بۇ ئاراللىق دۆلەت بايرىقى خەلقىنىڭ مۇستەمىلىكىگە قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت باتۇرانە كۈرەش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن. 1543 - يىلى ئىسپانىيە فىلىپپىننى بېسىۋېلىپ، ئۈچ ئەسىر مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىقنى ئېلىپ بارغان، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، گېىنىرال ئاكۇينا فىلىپپىن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شىياڭگاڭغا قېچىپ بارغان فىلىپپىن زېمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا چېچىپ تۇرغان تارام نۇرلار مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەسلەپتە ئېلىپ بېرىشقا قوزغالغان سەككىز ئۆلكىنى، قالقانلىرى باشقا ئۆلكىلەرنى بىلدۈرگەن. قۇياش ئەتراپىدىكى بەش بۇرجەكلىك ئۈچ يۇلتۇز فىلىپپىن ئەتراپىدىكى ئۈچ چوڭ ئارال - لۇسۇن،مىنداناۋ ۋە سېبۇ ئاراللىرىنى بىلدۈرگەن. ئۈچ بۇرجەكلىك ئاق بايراق تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان تەشنالىقىنى، قېنىق كۆك رەڭ ساداقەتلىك ۋە سەمىمىيلىكنى، قىزىل رەڭ توختىماي ئالغا بېسىشتەك قەھىرىمانلىق جاسارىتىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت بايرىقىدا فىلىپپىن خەلقىنىڭ مىللي ئەركىنلىك ۋە دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش غايىسى بىلەن شەرەپلىكى بېغىشلانغان.
دۆلەت گېربىدىكى سۈرەتلەرنىڭ مەنىسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. گېرب ئاستىغا ئىككى ھايۋاناتنىڭ رەسىمى سىزىلغان؛ كۆك زېمىندا قانات قېقىۋاتقان ئاقۋاشلىق قۇش بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئوڭ تەرەپتىكى قىزىل زېمىنغا سىزلغان ئالتۇن رەڭلىك شىر ئىسپانىينىڭ بۇ جاينى بېسىۋالغان چاغدا قالدۇرۇلغان. ھۆرلۈك نۇرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان جاينى يۇرۇتۇپ تۇرغانلىقىنىڭ بۇ ئىككى بەلگىسى فىلىپپىن خەلقىنىڭ جاپالىق ۋە ئاجايىپ كۈرەشنى باشتىن كۈچۈرۈش ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.