UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەررۋاندا

رۋاندا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا ئافرىقىنىڭ خاسىيەتلىك تۇپرىقى رۋاندانىڭ تولۇق نامى <رۋاندا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، شەرقىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. رۋاندا بۇرۇن رىئاندا دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ نام بۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نامىدىن ئېىنغان، مەنىسى ئېنىق ئەمەس. مىلادى 16 - ئەسىردە رۋاندادا فېئوداللىق پادىشاھلىق قۇرۇلغان. 1 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1890 - يىلى گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا ئىتتپاق بېلگىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنغان، 1946 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېلگىيىنىڭ <ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىپ تۇرۇشى> نى قارار قىلغان، 1962 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، رۋاندا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، رۋاندا گەرچە ئېكۋاتورغا يېقىن بولسىمۇ، لېكىن يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى پەقەت 18 ئەتراپىدا بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ئادەمگە ياقىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ <باھار دۆلىتى>، <ئافرىقىنىڭ خاسىيەتلىك تۇپرىقى> دېگەن نامى بار. رۋاندانىڭ يەر مەيدانى 26.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 530 مىڭ. خۇتۇلار % 85نى، تۇتىسلار% 14نى ئىگىلەيدۇ. % 55ى كاتولىك ۋە خرىستىئان دىنىغا، % 45ى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. رۋاندا تىلى ۋە فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان. پايتەختى كىگالى. پۇل بىرلىكى رۋاندا فرانكى. رۋاندا جۇمھۇرىيىتى بىلەن بۇرۇندى 1962 - يىلى ئىيۇلدا تەڭ مۇستەقىل بولغان. ئىلگىرى بۇ دۆلەتنىڭ نامى رۋانا بۇرۇندى بولۇپ، بېلگىىيىنىڭ < خەلقئارا باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلنغان يېرى> ئىدى. 1961 - يىلىدىن باشلاپ رۋاندا قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل تىك يوللۇق ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى ئىشلەتكەن. ئاساسىي قانۇندىكى < رۋاندا ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن، پۇقرالار ئاۋاز بېرىپ، ئۈمۇمىي ئېتراپقا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەت > دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئافرىقىنى بىلدۈردىغان قارا رەڭ بىلەن رۋاندانىڭ دۆلەت نامىدىكى باش ھەرىپ < R > نى بايراقنىڭ گۋىنىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن بولغان بىردىنبىر پەرقىدۇر. قىزىل رەڭ - ئەجدادلارنىڭ ئاققان قېنىنى بىلدۈرگەن، سېرىق رەڭ - غەلبە ۋە تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھەمدە خرىسىتىئان دىنىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھىي ئىپادىلەنگەن؛ يېشىل رەڭ - يېزا ئىگىلىك ۋە كەڭ زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن ھاسل بولغان ئارزۇ - تىلەك ۋە گۈللىنىشنى بىلدۈرگەن. رۋاندا دۆلەت گېربى ئاق قالقاننى مەركىزىي كۆرۈنۈش قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كەپتەر زەيتۇن شېخىنى ئېلىپ كەلگەن تىنىچلىق ئەلچىسىدۇر. قالقان ئىچىدىكى ئوقيا - خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغانلىقىنى، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلغان. قالقاننىڭ ئۈستىگە فرانسۇزچە دۆلەت نامى يېزىلغان، قالقاننىڭ ئىككى يېنىدىكى يېزىق رۋاندا خەلقىنىڭ < ئەركىنلىك، ھەمكارلىق، تەرەققىيات> قا بولغان تەشنالىقىنى ئىزھار قىلغان. قالقاننىڭ ئارقىسىدىكى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئىككى بايراق جەۋلان قىلىپ، مۇستەقىللىق، تىنىچلىق ۋە ئارزۇ - ئۈمىدنى كەڭ زېمىنغا يەتكۈزگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر