بوتسۋانا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
سۋانالارنىڭ زېمىنى
ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 570 مىڭ كۋادارات كىلومېتر كېلىدۇ، يەر شەكلى جەھەتتىن قارىغاندا كۆپ قىسمىنى كالاخارى قۇملۇقلىرى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 800-1000 مېتر كېلىدۇ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا ئۈچ بۈرجەك شەكىلدىكى سازلىقلار، شەرقىي جەنۇبىغا ئېدىرلىقلار جايلاشقان. ئىقلىمى سۇبتروپىك قۇرغاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250-750 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بوتىسۋانانىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 7000 دىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىچو ئانالىندلىقلار (سىۋانا خەلقلىرى) تەشكىل قىلىدۇ. بۇلار سەككىز چوڭ قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا ياۋروپالىقلاردىن بىلەن ئاسىيالىقلار 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، يەرلىك ئافرىقا خەلقلىرى خرىستىئان دىنىغا، بىر قىسمى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سۋانا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىلىدۇ. بوتسىۋانا مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى بىچو ئانالىند دەپ ئاتىلاتتى، بۇ نام شۇ دۆلەتتىكى ئاساسىي خەلق بىچو ئانالىندلىقلار نامىغا بېرىلگەن. بىچو ئانالىندلىقلار 13 -، 14 - ئەسىرلەردە شىمال تەرەپتىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 19 - ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي (كېيپتائون رايونىنى) بېسىۋالغاندىن كېيىن، شىمالىي ئافرىقا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق شىمالغا قاراپ كېڭىيىپ، 1885 - يىلى بوتسۋانانى بېسىۋالدى، 1910 - يىلغا كەلگەندە بوتسۋانا بىلەن كېيىپتائون رايونىنى جەنۇبىي ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بوتسىۋانا خەلقى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1965 - يىلى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1966 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، دۆلەت نامىنى <بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن. بوتسۋانا يەرلىك تىلدا <سۋانالىقلار ئولتۇراقلاشقان جاي> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ نامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان <بۇ> يەرلىك تىلدا <ئورۇن، جاي، دۆلەت> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بوتسىۋانا ئىقتىسادىي جەھەتتىن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ % 75نى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىندۇ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50 نى، ئېكسپورتنىڭ 60% تىنى تەشكىل قىلىدۇ. پۈتۈن %68 تىنى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن كالا بېقىلىدۇ. ھەربىر كىشىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچتىن ئارتۇقراق كالا توغرا كېلىدۇ، بۇ جەھەتتىن ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئافرىقا بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق دۆلىتى. دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، قوناق، تېرىق، خاسىڭ، بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. سانائىتىدە كان سانائىتى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچقىرىش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا قۇرۇلۇش بىناكارلىق، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، فارفۇر، تېرە - خۇرۇم، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، خىمىيە قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار.
بوتسۋانانىڭ تولۇق نامى <بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىزلىك ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت سىۋانلارنىڭ نامىدىن كەلگەن.بانتۇ تىلى سېستىمىسىدىكى سۋانا تىلىدا، سۋانانىڭ ئالدىغا جاي نامىنى بىلدۈرىدىغان ئالدى قوشۇلغۇچى Bo (<- نىڭ زېمىنى - دۆلىتى> دېگەن مەنىدە) قوشۇلسا، مەنىسى <سۋانالار ئولتۇراقلاشقان جاي> ياكى <سۋانالارنىڭ دۆلىتى> بولىدۇ. بوتسۋانا مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى <بوجۇننا> دەپ ئاتالغان، لېكىن <بوتسۋانا> سۆزى ھەرگىزمۇ <بوجوننا> نامىنىڭ ئۆزگىرىشى بولماستىن، ئەمەلىيەتتە بىر نامنىڭ ئىككى خىل يېزىلىشى. 1885 - يىلى ئەنگلىيە بۇ جاينى بېسىۋالغاندىن كېيىن، يەرلىك نامىغا پىسەنت قىلمىغانلىقتىن، <بوتسۋانا> نى خاتا ئاڭلاپ ۋە خاتا يېزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنگلىزچىلاشقان كەينى قوشۇلغۇچى سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن <بوجۇننا> بولۇپ قالغان. 1885 - يىلى ئەنگلىيە رەسمىي ئۇنىڭ شىمالىنى <بوجۇننا ھامىلىق يېرى>، جەنۇبىنى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسى دەپ ئېلان قىلىپ، <ئەنگلىيىگە قاراشلىق بوجۇننا> دەپ ئاتىغان. 1966 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بوجۇننا مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندە، بوتىسۋانانىڭ توغرا ئاتىلىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بوتىسۋانانىڭ يەر مەيدانى 582 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 325 مىڭ، پايتەختى گابورون، پۇل بىرلىكى پۇلا.
1885 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ < ھىمايە> ئاستىغا چۈشۈپ قالغان بېچۇئانالېند 1966 - يىلى مۇستەقىل بولۇش بىلەن تەڭ نامىنى بوتسۋان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. دۆلەت بايرىقى سۇس ھاۋارەك بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا ئىككى قىرى ئاق بىر قارا بەلدەم تارتىلغان. بۇ مۇھەببەت ۋە تىنىچلىق نامايان قىلىنغان بايراق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەقىل - پاراسەتنىڭ نۇرى چاقنىغان. ئۇ ئافرىقىنىڭ ئاسمىنى ئاستىدا نىگېرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەر باراۋەر ۋە ئىتتىپاق بولۇپ بىللە ياشايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، بوتسۋانالىقلار تەڭرىنىڭ قۇدرەتلىك ئىككى قولى بىلەن ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان مىراسنى ۋە بۇ شەرەپلىك زېمىننى قوغدايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ.
دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قارا قىرلىق قالقانسىمان گېربىنىڭ ئىچىدە بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن ئۈچ چىشلىق چاق بولۇپ، ئۇلار قەبىللەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە سانائەتنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇس ھاۋارەڭ دولقۇنسىمان سىزىق ئاسمان ۋە دەريانى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىدىكى مۈڭگۈزلۈك كالا ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىقىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدىكى زېبرا شۇ جايدىكى قەبىللەرگە ۋەكىللىك قىلىنغان، ئۇنىڭ ئاق ۋە قارا بەلدەملىرى دۆلەت بۇ ئالاھىدىلىكنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەن؛ پىل چىشى بولسا ئوبرازلىق ھالدا دۆلەتنىڭ يەنە دۆلەتنىڭ بىر مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا شۇ جاينىڭ تەنتەلىك سۆزى < پۇلا> ( يامغۇر) دېگەن خەت يېزىلغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر بۇ سۆزنى ھال سوراش سۆزى ئورنىدىمۇ قوللىنىدۇ.