لاتۋىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
<ساۋۇت> كىيىۋالغان مىللەت
سوېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنى بىرى بولۇپ، سوېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. شىمالدا بالتىق دېڭىزىنىڭ رىگا قولتۇقى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ تۇرىدۇ. قۇرۇقلۇقتا ئېستونىيە رۇس فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى، بېلورۇسىيە، لىتىۋا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 63 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 604 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %60 نى لاتۋىيىلىكلەر،% 30 نى رۇسلار، قالغىنىنى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى رىگا شەھىرى، لاتۋىيە يېزىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈزلەڭلىك، پەسلىكلەر، يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. 3/4 قىسىم يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 120 مېتىرغا يەتمەيدۇ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 311 مېتىرغا يېتىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 550-800 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھاۋاسى بىر قەدەر نەم كېلىدۇ. ئۇششاق كۆللەر، سازلىقلار كۆپ تارقالغان. ئورمانلىقلار پۈتۈن يېرىنىڭ 1/3 قىسمىنى قاپلاپ تۇرىدۇ، لاتۋىيە 18 - ئەسىردە چارروسىيە بىلەن بىرلەشكەن، 1919 - يىلى مۇستەقىل بولغان، 1940 - يىلى قايتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن ھەم لاتۋىيە سوۋېت سوتسىياسلىتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان، لاتۋىيە سانائەتتە ماشىنىسازلىق (پاراۋۇز، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، نازۇك ماشىنىلار، رادىئو - پريومنىك…) خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا سۈتلۈك، گۆشلۈك چارۋا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېرىنىڭ يېرىمىدا يەم - خەشەك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن قارا بۇغداي، ئاسىيا كەندىرى، قىزىلچا ئۆستۈرۈلىدۇ.
لاتۋىيىنىڭ تولۇق نامى <لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كەلگەن. لاتۋىيە شۇ يەرلىك ئاساسلىق مىللەت لاتې (Late) لارنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان، بۇ نام لاتۋىيە تىلىدا <ساۋۇت> دېگەن مەنىدە بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە لاتۋىيىلىكلەر ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن، بەدىنىگە ساۋۇت ۋە مېتالدىن ياسالغان جەڭ كىيمى كىيىپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گېرمان كىرىست ئارمىيىسى رىتسار (چەۋەندار) لىرى بىلەن بىر ئەسىر كۈرەش قىلغان. 1940 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىنغان. 1988 - يىلى لاتۋىيە مىللىي فرونتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، 1990 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇستەقىللىق ئۆتكۈنچى دەۋرىگە كىرگەن. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پۈتۈنلەي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، <لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتى> نى قۇرغان.
لاتۋىيىنىڭ يەر مەيدانى 63.7 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 600 مىڭ. بۇنىڭ% 55تىنى لاتىشلار، % 34تىنى رۇسلار، قالغىنىنى پولەك، ئېستونلار تەشكىل قىلىدۇ. لاتىشلار خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لاتىش تىلى قوللىنىدۇ. پايتەختى رىگا.
بالتىق دېڭىزى ساھىلىدىكى لاتۋىيە لىتۋاغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئاتا - بوۋىلىرى بالتىقلىقلاردۇر. 10 - ئەسىردە دەسلەپتە فېئوداللىق دۆلەت - لاتۋىيە بەگلىكى قۇرۇلغان. 13 - ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گېرمانىي، شۋېتىسىيە، پولشا ۋە رۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچىرىغان 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لاتۋىيە مىللىتى شەكىللەنگەن. 19 - ئەسىردە لاتۋىيە يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان. 1917 - يىلىدىكى < ئۆكتەبىر ئىنقىلابى> دىن كېتىن لاتۋىيدىمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1918 - يىلى سوۋېتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان 1940 - يىلى ئاۋغۇسىتتا لاتۋىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ، ئىتتىپاقىداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1990 - يىلى مايدا، لاتۋىيە مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. لاتۋىيە دۆلەت بايرىقى 1922 - يىلى تۈزۈلگەن. بۇ بايراقنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، 13 - ئەسىردىكى لاتۋىيە بەگلىكى بۇ مىللىي بايراقنى ئىشلەتكەن. بىر ئاق بەلدەم قىزىل بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن توغرا تارتىلغان؛ قىزىل رەڭ ئارقىلىق لاتۋىيىلىكلەرنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى تۆكۈشكە جۈرئەت قىلىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى مەدھىيلىگەن؛ ئاق رەڭ لاتۋىيىلىكلەرنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان ئىنتىلىش ۋە تەشنالىقىنى ئىپادىلىگەن.
دۆلەت گېربى قالقانسىمان گېرب بولۇپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن: كۆك زېمىنىد كۆتۈرۈلگەن قۇياش راتگراي بەگلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئاق زېمىنىدىكى قىزىل شىر كۇزنام بەگلىكىنىڭ گېربىنى، قىزىل زېمىندىكى قوش باش شىر بەدەنلىك غەلىتە مەخلۇق ۋېدجىم بەگلىكىنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈرگەن. ئۈچ ئالتۇن يۇلتۇز لاتۋىيە تارىخىدا ئۆتكەن مۇشۇ ئۈچ بەگلىكتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا قىزىل شىر بىلەن قوش باش شىر بەدەنلىك غەلىتە مەخلۇق قالقاننى تۇتۇپ تۇرغان، ئاستى قىسىمىغا تىنىچلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان كاۋچۇك دەرىخىنىڭ شېخى قويۇلغان.