ۋانۇئاتۇ
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئوكيانىيە
زېمىن مەڭگۈ بىزگە مەنسۇپ
غەربىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 11 مىڭ 880 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ، جەنۇبىي كەڭلىك° 12 بىلەن °21 ئارىلىقىغا، شەرقىي ئۇزۇنلۇق° 166 بىلەن °171 ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇ تەبىئىي جەھەتتىن مېلانېزىيە تاقىم ئاراللىرى تەركىبىگە كىرىدۇ. ۋانۇئاتۇ جەمئىي 80 دىن ئوشۇق ۋولقان ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ سەنتو ئارىلىنىڭ مەيدانى 3947 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پايتەختى ۋىلا شەھىرى جايلاشقان ئېپات ئارىلىنىڭ مەيدانى 915 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئىككى ئارالدىن قالسا يەنە چڭراق ئاراللىرىدىن سانت - ئېسپرىتو، مالكودا، ئېدومانگا ۋە تانا قاتارلىق ئاراللار بار. ۋانۇئاتۇنىڭ ئىقلىمى تروپىك كۆپ يامغۇرلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شىمالىي قىسمىدا 4000 مىللىمېتىر، جەنۇبىي قىسمىدا 2000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ، دۆلەتنىڭ% 75 يېرىنى قېلىن ئورمانلاپ قاپلاپ تۇرىدۇ. ۋانۇئاتۇنىڭ ئاھالىسى 123 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ% 93.8 نى ۋانۇئاتۇلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە فرانسۇزلار، ئىنگلىزلار، ۋيېتناملىقلار، جۇڭگولۇقلار ۋە باشقا مىللەتلەر بار. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەرلىك خەلق پىكەن تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى ھەم بىسراما تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ. ۋانۇئاتۇ 1980 - يىلدىن بۇرۇن يېڭى گېبرىد ئاراللىرى دەپ ئاتالغان. 1980 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەت نامى ۋانۇئاتۇغا ئۆزگەرتىلگەن، بۇ جايلاردا بىرنەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا خەلقلەر ئولتەۇراقلاشقان، 1606 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر كەلگەن، 1768 - يىلى فرانسۇزلار، 1774 - يىلى ئىنەىلىزلار ئىگىلەشكە باشلىغان. 1878 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بۇ جايلارنى بىتەرەپ رايون دەپ ئېلان قىلغان، 1887 - يىلى ب د ت نىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. 1906 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدا بولغان، 1980 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. ۋانۇئاتۇ ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى% 86 نى تەشكىل قىلىدۇ (1983)، يېزا ئىگىلىكىدە تروپىك مېۋىلىرىدىن پالما، كوفى، ئاپېلسىن قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ، قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىرىلىدۇ. بېىلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان، پالما قۇرۇقى، توڭلىتىلغان بېلىق، مارگانېتس رۇدىسى ئۇنىڭ ئۈچ خىل ئاساسىي ئېكسپورت ماللىرى ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا بېقىلىدۇ.
ۋانۇئاتۇنىڭ تولۇق نامى <ۋانۇئاتۇ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، جەنۇنىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى يېڭى ھېبرىدىس تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان، سان ئىسپرتا قاتارلىق 12 چوڭ ئارال ۋە 80 دىن ئارتۇق ئۇششاق ئاراللاردىن تۈزۈلگەن. ۋانۇئاتۇ بۇرۇن <يېڭى ھېبرىد ( New Hebrides Is.) تاقىم ئاراللىرى> دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1606 - يىلى ئىسپانىيە ئېكسپىدىتسىيىچىسى دېگروس بايقىغان. 1774 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىزچىسى كوك ( 1728 - 1779 - يىللار) تاقىم ئارالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ، بۇ ئارال قىرغاقلىرىنىڭ تىك ھەم تاغ كۆپلىكىنى، شوتلاندىيە غەربىي دېڭىز قىرغىقى سىرتىدىكى ھېبرىدس تاقىم ئاراللىرىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا <يېڭى ھېبرىد تاقىم ئاراللىرى> دەپ نام قويىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى جاينىڭ تەبئىي مەنزىرىسى ئازراقمۇ ئوخشاشمايدۇ. 19 - ئەسرىنىڭ ئوتتۇرلىرى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئارالغا تۈركۈملەپ كۆچمەن يۆتكەپ، 1887 - يىلى ھەربىي ئىشلار كومتىتى تەسىس قىلىپ ئىدارە قىلغان، 1906 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، دۆلەت نامىنى <ۋانۇئاتۇ (يەرلىك تىلدا بۇنىڭ مەنىسى >دېڭىز يۈزىگە بۆرتۈپ چىققان ئارال< ياكى >زېمىن مەڭگۈ بىزگە مەنسۇپ< بولىدۇ) جۇمھۇرىيىتى> قىلىپ بېكىتكەن.
ۋانۇئاتۇنىڭ يەر مەيدانى 11.88 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 163مىڭ، 95%ى يەرلىك خەلق. ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ، پايتەختى ۋىلا پورتى.
شۇ جاينىڭ تىلىدا ۋانۇئاتۇ دېگەن نام < يەر مەڭگۈ بىزگە مەنسۇپ> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تىنىچ ئوكياندىكى بۇ ئارال 18 - ئەسىردىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇلاڭ - تاراجىغا ئۇچىرىغان 1980 - يىلى مۇستەقىل بولغان. ۋانۇئاتۇ 80 نەچچە چوڭ - كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان. تاقىم ئاراللىرى < Y > شەكىلدە تىزىلىپ، جەنۇبتىن شىمالغا 800 نەچچە كىلومېتىر ئۇزارغان. دۆلەت بايرىقىدىكى سېرىق < Y > بۇ ئارالنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، بۇ سۈرەت تىنچلىق بىلەن خرسىستوس نۇرىغا سىمۋول قىلنىغان. بايراق سېپى تەرەپتىكى قارائۈچبۇلۇڭ ئىچىگە بىر سېرىق دۈگلەكسىمان چوشقا چىشى بىلەن گىرەلەشتۈرۈلگەن ئىككى < ناملى > دەرەخ ياپرىقى سىزىلغان. چوشقا چىشى دۆلەت بايلىقىنى بىلدۈرگەن. < ناملى > دەرەخ شۇ جايدىكى يەرلىكلەر چوقۇنىدىغان ئىلاھى دەرەخ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسلۇبىغا بولغان سېغىىىش بىلەن تولغان؛ قاارا ئۈچبۇلۇڭ ھەم ئارالنىڭ مۇنبەت زېمىنىغا، ھەم ئارالدىكى مېلانېزىيە قارا تەنلىكلەرگە سىمۋول قىلىنغان؛ ئۈستىدىكى قىزىل بۆلەك ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتنىڭ نوپۇزى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، يېشىل رەڭ ئارالدىكى بۈك - باراقسان ئۆسۈملۈكلەرنى بىلدۈرگەن، سېرىق رەڭ دەل پۈتۈن مەملىكەتكە نۇر چېچىپ تۇرغان ئىسسق بەلۋاغنىڭ قۇياش نۇرىدۇر.
مىللىيچە كىيىم كىيگەن، نەيزە تۇتۇپ ۋانۇئا تۇنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى تابۇۋىماسان تېغىنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر مېلانېزىيە پالېىن ۋانۇئاتۇ دۆلەت گېربىگە سىزىلغان، ھەيۋەتلىك بۇ كۆرۈنۈش ۋانۇئاتۇ خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان . ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئاق رەڭلىك بىر چوشقا چىشى بىلەن گىرەلەشتۈرۈلگەن < ناملى > ياپرىقى ئىلاھىنىڭ ۋانۇئاتۇنىڭ گۈللەپ ياشىنىشىنى مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقىغا ۋە خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشىغا سىمۋول قىلنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى سېرىق لېنتىغا <بىز ئاللا بىلەن بىللە> دېگەن سۆز يېزىلغان.