نېگىرىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
نېگىر دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جاي
گۋېنىيە قولتۇق بويىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 920 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىۇد. ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27 قا يېتىدۇ، ھۆل - يېغىنى مول بولۇپ، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا 3800 مىللىمېتىر، ئوتتۇرا قىسىملىرىدا 1200 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ شىمال قىسىملىرى قۇرغاقراق بولۇپ، 250 مىللىمېتىر ئەتراپىدا يامغۇر ياغىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. نىگېرىيىنىڭ 3/1 قىسىم يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشتا ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نىگېرىيىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قولاي. ئۇنىڭ يايلاقلىرى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4/1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. نىگېرىيىنىڭ ئاھالىسى 98 مىليوندىن ئوشۇق (1985) بولۇپ، 250 تىن ئوشۇق مىللەت ۋە قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خاۋسا - فىلانى مىللىتى ئاھالىنىڭ% 29.5 ىنى، يۇرۇبا مىللىتى% 20.3 ىنى، ئىبۇ مىللىتى% 16.6 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە فولبې، كانورى قاتارلىق مىللەتلە ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ% 47 تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا،% 34.5 ى خرىستىئان دىنىغا، 12% باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەرلىك خەلق كۆپىنچە خاۋسا، ئىبۇ، يۇرۇبا تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. نىگېرىيە ئافرىقا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. نىگېرىيە ئافرىقىدىكى قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى نىگېرىيە دەرياسى كېسىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ نامىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن نىگېرىيە دەپ ئاتالغان. بۇ جايدىكى خەلقلەر 10 - ئەسىردە شەھەرلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى نۇرغۇنلىغان خاۋسا كىنەزلىكلىرى غەربىي ئافرىقا بويىچە كۈچلۈك سانگاي ئىمپېرىيىسىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان، 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى شىمالدىكى فىلانى مىللىتى كۈچلىنىپ، خاۋسا مىللەتلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. 1472 - يىلى پورتۇگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەر جەنۇب تەرەپتىن تەدرىجىي قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان. 1914 - يىلى ئەنگلىيە نىگېرىيىدە قۇرۇلغان ھەرقايسى مۇستەملىكە ئورۇنلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈنلەي ئۆز مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1954 - يىلى نىگېرىيە بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1960 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نىگېرىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان، 1971 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۆلىتىمىز بۈىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. نىگېرىيە ئىقتىسادتا كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت. ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىمۇ خەلق ئىگىلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. نېفىت نىگېرىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى، ئۇ جايدا 1956 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. نېفىتتىن باشقا تەبىئىي گاز، قەلەي، نىئوبى، كۆمۈر، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. قەلەي ئىشلەپچىقىرىشتا ئافرىقا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نىگېرىيە ياغلىق پالما، خاسىڭ، كاكائو، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا ئافرىقا بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن تېرىق تىپىدىكى زىرائەتلەر، قوناق، كۆممىقوناق، شال، مانىخوت قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇنىڭ چارۋىچىلىقى خېلى تەرەققىي قىلغان، ئاساسەن كالا، ئات، قوي، چوشقا بېقىلىدۇ. سانائەتتە نېفىت ئايرىش، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا نېفىت، خىمىيە، سېمونت، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. پۈتۈن نىگېرىيىدىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك پايتەخت لاگوس شەھىرىگە مەركەزلەشكەن.
نېگىرىيىنىڭ تولۇق نامى <نېگىرىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، دۆلەت نامى نېگىر (Niger) دەرياسىدىن كەلگەن. گۋىنىيىدىن باشلانغان نېگىر دەرياسى مالى ۋە نېگىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، نېگىرىيە تەۋەسىگە كىرىدۇ ۋە يەلپۈگۈچ شەكلىدە گۋىنىيە قولتۇقىغا قويۇلىدۇ، دۆلەت نامى نېگىر دەرياسىنىڭ نامىغا جاينى بىلدۈرىدىغان كەينى قوشۇلغۇچى ia نى قوشۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ، مەنىسى <نېگىر دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جاي>. نېگىرىيە ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، مىلادى 10 - ئەسىردە شىمالدىكى خائوس مىللىتى بەزى شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان، جەنۇبىدىمۇ <ئورمان پادىشاھلىقى> قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 15 - ئەسىردىن كېيىن كۆپ سانلىق خائوس مىللىتى شەھەر دۆلەتلىرى شۇ جايدىكى قۇدرەتلىك سونگاي ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان. 1472 - يىلى ۋە 1553 - يىللىرى پورتۇگالىيە ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بېسىپ كىرىپ، تەبئىي بايلىقلارنى تالان - تاراج قىلىپ، نېگىر قۇللىرىنى ساتقان. 1914 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1960 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1963 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان.
نېگىرىيىنىڭ يەر مەيدانى 923.768 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 99 مىليون. مېنسا ۋە ئىنگلىز تىللىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ. % 47 ئاھالە ئىسلام دىنىغا، % 34ى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى لاگوس، پۇل بىرلىكى نائىرا.
قەدىمكى ئافرىقادۆلىتى نىگېرىيىنىڭ كۆپىنچە جايلىرى 15 - ئەسىرىدن كېيىن شۇ چاغدىكى قۇدرەتلىك سونگاي ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدىە بولۇپ قالغان. 1472 - يىلى ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. دەسلەپتە ئەنگىلىيىنىڭ < ھىمايە> ئاستىدىكى دۆلىتى، كېيىن ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان بۇ دۆلەت 1914 - يىلى جەنۇب بىلەن شىمالىي رايوننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى شەكىلگە ئىگە بولغان. 1960 - يىلى ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئەنگلىيە فېدېراتىسىيسىگە ئەزابولغان. نىگېرىيە مۇستەقىل بولغاندا، دۆلەت بايرىقى لايھىسىنى جەمىئەتتىن ئاشكارا توپلاپ، ئاخىر يىغىلغان 3000 دىن ئارتۇق ھەر خىل نۇسخا ئىچىدىن ياش ئوقۇغۇچى ماككال ئاركىنكونمىنىڭ ئەسىرى تاللانغان. يېشىل، ئاق، يېشىل رەڭ تەرتىپى بويىچە ئىككى خىل رەڭدىكى ئۈچ تىك يول ئوخشاش ئايرىلىپ، ئوخشىمايدىغان ئىرقتىكىلەر ياشاۋاتقان شىمال، جەنۇب ۋە غەربتىن ئىبارەت ئۈچ رايوننى بىلدۈرگەن.
دۆلەت گېربى 1960 - يىلى تۈزۈلگەن، ئۇ قاراقالقانغا دولقۇنسىمان يېزىلغان <Y >ھەرىپنى مەركىزىي كۆرۈنۈش قىلغان.< Y > ھەرپى نىگېرىيە دەرياسى بىلەن بەنۇئە دەرياسىنىڭ نىگېرىيە تەۋەلىكىدىكى قوشۇلۇش نوقتىسىنى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن؛ قاپقارا جايلار ئىككى دەريا بويىدىكى مۇنبەت زېمىننى ۋە بۇ ئىككى دەريانىڭ نىگېرىيە خەلقى ھاياتىنىڭ بۆشۈكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ بۇ ئىككى دەريا نىگېرىيە خەلقىنى سۇ مەنبەسىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىچكى ترانسىپورت ئشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نىگېرىيىلىكلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. قالقاننىڭ ئىككى يېنىدا تىك تۇرغان ئاق ئات نىگېرىيە دۆلىتىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنىڭ بەلگىسىدۇر، چوققىدىكى قىزىل قۇش مىللەتنىڭ كۈچى بىلەن مۇجەسسەملەشكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى گۈزەل يېزا - قىشلاققا چۈشۈپ تۇرغان سېرىق لېنتىغا نىگېرىيىنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزى - < ئىتتىپاقلىق ۋە ساداقەت > دېگەن خەت يېزىلغان.