UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرنېپال

نېپال

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا سىرلىق رىۋايەت تەسىگە چۆمگەن دۆلەت نامى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالى جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن، جەنۇبى ھىندىستان، شەرقىي سىككىم بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 141 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار، ئېگىزلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يېرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچەق ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن ئاشىدۇ. نېپال بىلەن جۇڭگو چېگرىسىغا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئېگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسى (8848 مېتىر) جفيلاشقان، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە تۈزلەڭلىكلەر ئورۇن ئالغان، يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ پەلەمپەي ھالەتتە پەسىيىپ بارىدۇ. نېپالنىڭ ئىقلىمى شىمالى بىلەن جەنۇبىدا زور پەرق بار، ئۇنىڭ جەنۇبى سۇبتروپىك ئىقلىمىغا، ئوتتۇرا قىسمى مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىمىغا، شىمالى ئېگىز تاغ سوغۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب قىسىملىرىنى قېلىن ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. نېپالنىڭ ئاھالىسى 16 مىليوندىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى نېپاللىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %89.5 ى ھىندى دىنىغا،% 5.3 ى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېپال تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ. نېپالدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6 - ئەسىردىلا پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغان. مىلادىيە 4 - ئەسىردىن باشلاپ دۆلىتىمىز بىلەن زىچ ئىقتىداس ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن. 1814 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1950 - يىلى ئەنگلىيە نېپالدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان، 1951 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پادىشاھ ترىبوۋن ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويغان. شۇ كۈنى نېپالنىڭ مۇستەقىللىك كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1955 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1961 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نېپال بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالانغان. نېپال ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ %19 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن شال، بۇغداي، تېرىق، كۆممىقوناق، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن شېكەر قومۇشى، سېرىق كەندىر، تاماكا، ياغلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى دىلەي رايونى بولۇپ، بۇ جاي پۈتۈن دۆلەت مەيدانىنىڭ% 20 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. نېپال تاغلىق ۋە مەنزىرىسى گۈزەل دۆلەت بولغانلىقتىن، ئاسىيانىڭ <شۋېتسارىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېپالنىڭ تولۇق نامى <نېپال پادىشاھلىقى> بولۇپ، ھىمالايا تاغ تىزمىسى ئوتتۇرا قىسمىنىڭ جەنۇبىي باغرىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا نۇرغۇن قاراشلار بار: بىرىنچى، ئەۋلىيا <نې> نى خاتىرىلەشتىن كەلگەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا نې ئىسىملىك بىر ئەۋلىيا بۇ دۆلەتنىڭ باغمات دەرياسى ۋە پشىنومات دەريالىرىنىڭ ئۇچراشقان جايىدا تەركىدۇنيالىقتا ئىبادەت قىلغانكەن، شاھلار بۇ ئەۋلىيانىڭ تەلىمىگە بىنائەن دۆلەت باشقۇرىدىكەن. بۇ دۆلەت بۇرۇن ئەۋلىيا <نې> نىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، <نېپال> دەپ ئاتالغانىكەن؛ ئىككىنچى، زېمىنىڭ ئورنىغا قاراپ ئېيتلغان. نېپال تىلىدا <نې> نىڭ مەنىسى <ئوتتۇرىدىكى>، <پال> نىڭ مەنىسى <دۆلەت> بولۇپ، <نېپال> نىڭ مەنىسى <ئوتتۇرىدىكى دۆلەت> بولىدۇ. چۈنكى نېپال ھىندىستان بىلەن جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، <نېپال> دەپ ئاتالغان؛ ئۈچىنچى، نېۋال تىلى (نېپالدىكى بىر خىل مۇھىم شىۋە) دىن كەلگەن بولۇپ، <نې> دېگەنلىك <تاغ جىلغىسى>، <پال> بولسا <دۆلەت> بولۇپ، <نېپال> دېگەنلىك <قاتمۇ - قات تاغلار ئارىسىدىكى دۆلەت> بولىدۇ؛ تۆتىنچى، سانسكرىت يېزىقىدىن كەلگەن بولۇپ، سانسىكرىت تىلىدىكى <نېپولىيە> )يەنى تاغ باغرىدىكى تۇرالغۇ( دىن ئۆزگەرگەن. نېپالنىڭ مەنىسى <ھىمالايا تېغى باغرىدىكى دۆلەت> بولىدۇ، چۈنكى، ئۇ ھىمالايا تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان؛ بەشىنچى، تىبەت (زاڭزۇ) تىلىدىن كەلگەن، تىبەت تىلىدا <نې> دېگەنلىك <ئۆي>، <پال> بولسا <قوي يۇڭى> دېگەن مەنىدە بولىدۇ. چۈنكى، نېپالدىن قوي يۇڭى توقۇلما بويۇملىرى كۆپ چىققاچقا، <قوي يۇڭى ماكانى> دەپ تونۇلغان. شىزاڭلىقلار ئىلاھ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئۆڭكۈر ياكى ئۇلۇغ جايلارنى <نې> دەپ ئاتايدۇ، رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، نېپال ئاۋلوكسىۋارا بۇدساتىۋانىڭ ماكانى ئىمىش، شۇڭا نېپالنىڭ يەنە <قوي يۇڭى دۆلىتى> ۋە <ئىلاھلار يۇرتى> دېگەن مەنىسىمۇ بار. نېپال تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 - ئەسىرلەردىلا دۆلەت قۇرغان بولۇپ، دۆلەت نامى ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردىكى ھىندىستان پۈتۈكلىرىدە كۆرۈلگەن. 12- ئەسىرگە كەلگەندە، نېپالدا ئىلگىر - كېيىن بولۇپ جىراندى خانلىقى، رىجخاۋىي خانلىقى، سۇلياۋارىش خانلىقى ۋە تاكورى خانلىقلىرى قۇرۇلغان. 13 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە مائولا خانلىقىنى قۇرغان. 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى، گوركا رايونىنى مەنبە قىلغان گوركا خانلىقى قۇدرەت تېپىپ، پۈتۈن نېپالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،سائا خانلىقىنى قۇرغان. 1814 - يىلى ئەنگلىيە نېپالغا بېسىپ كىرگەن. 1925 - يىلى نامدا مۇستەقىل بولغان. 1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەنگلىيە نېپالدىكى ئالاھىدە نوپۇزىدىن ئامالسىز ۋاز كەچكەن. 1951 - يىلى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيتى يۈرگۈزۈپ، 1981 - يىلى ھىندى دىنى پادىشاھلىقى دەپ بېكىتىلگەن. نېپالنىڭ يەر مەيدانى 147.181 - مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 20 مىليون 390 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە گورلار % 50 نى ، تارۇلار % 30 نى ،قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر % 20 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھىندى دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، % 90 ئاھالە بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كاتماندۇ. پۇل بىرلىكى نېپال رۇپىيىسى. تاغلىق دۆلەت نېپال ھىمالايا تاغ تىزمىلىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 7000 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرىدىغان نۇرغۇن تاغلىرى بار، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا- جۇمۇلاڭما چوققىسى نېپال بىلەن جۇڭگونىڭ چېگىرداش جايىغا جايلاشقان. تاغلىق دۆلىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نېپالنىڭ دۆلەت بايرىقى باشقا ئەللەرنىڭكىگە ئوخشاش ئۇزۇن چاس ئەمەس، بەلكى ئاستى - ئۈستى ئۇلانغان ئىككى ئۈچ بۇرجەك بىلەن تەركىب تاپقان. دۆلەت بايرىقى قىزىل بولۇپ، چۆرىسى توق كۆك رەڭ بىلەن قىرلانغان، قۇياش ۋە ئاي نېپالنىڭ دۆلەت دىنى - ھىندى دىنىدا مۇقەددەس بىلىدىغان بەلگە بولۇپ، نېپاللىقلارنىڭ؛ ۋەتىنىمىزنىڭ قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد ياشىسۇن دېگەن گۈزەل ئارزۇ - تىلىكى بېغىشلانغان. ئىككى ئۈچ بۇرجەكلىك بايراقنىڭ ئۇچى ھىمالايا تېغىدىكى ئىككى چوققىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىدە تاغلىق دۆلەتنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ھەيۋەتلىك ھىمالايا تېغى ئالدىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان دەريالار ۋە جىلغىلار نامايان قىلىنغان. پورەكلەپ ئېچىلغان كاككۇك گۈلى نېپاللىقلارنىڭ دۆلەت گۈلى بولۇپ، گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى ۋە بەخت - سائادەتنىڭ بېشارىتىدۇر. ئاق كالا نېپاللىقلار مۇقەددەس بىلىدىغان مىللىي چارۋا، يېشىل ئۆردەك بۇ يەرنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋاناتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامۇنى نېپالدا تۇغۇلغانىكەن، ھىمالايا تېغىدا ساكيامۇنىنىڭ بىر جۈپ ئاياغ ئىزى قالغانىكەن. ئۇنىڭ ئىككى يېنىغا ئىككى يان پىچاق ئىككى نېپال دۆلەت بايرىقى ئاچا شەكىلدە قادالغانىكەن. چوققىسىغا شەكىلى ئالاھىدە ئالتۇن تاج سىزىلغان. ئاساسلىق سۈرەتنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى نەپەر گۇركا باتۇرى ئۆرە تۇرغان. گۇركا ئەسكەرلىرى تۆھپىكار ياللانما قوشۇنى بولۇپ، ئاجايىپ باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا <ۋەتەن جەننەتتىن ئۇلۇغ> دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز يېزىلغان بولۇپ، نېپاللىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر