UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرجەنۇبىي ئافرىقا

جەنۇبىي ئافرىقا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن كەلگەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايوننىڭ شەرق، غەرب، جەنۇب تەرەپلىرى ھىندى ئوكيان ھەم ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ رايوندىكى موزامبېكنىڭ شىمالىي قىسمى چوڭ، شەرقىي ئافرىقا ئېگىز رايونىغا تەۋە بولۇشتىن سىرت، قالغان قىسمىنى ئاساسىي جەھەتتىن كېمبېرىي دەۋرىنىڭ كرىستال جىنسلىرىدىن تۈزۈلگەن جەنۇبىي ئافرىقا ئېگىزلىكى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئالاخادىي ئويمانلىقى جايلاشقان. تۆت ئەتراپى ئېگىزلىك ھەم تاغلىقلار بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقلىمى بىلەن ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تارقىلىشى خېلىلا مۇرەككەپ. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ماداغاسقارنىڭ شەرقىي تەرەپلىرى يىللىق ئوكيان ئىقلىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان بولغانلىقتىن، ھاۋاسى نەم يىللىق كېلىدۇ. بۇ جايلار تروپىك ھەم سۇبتروپىك ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. دېراكون تاغلىرىنىڭ غەربىي يان باغىرلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى ئاز، قۇرغاق كېلىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. زىبابۇۋى، مالاۋىي ھەم زامبىيىلەرنىڭ كەڭلىكتىكى ئورنى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇ جايلارنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. قالغان قىسمى قۇرغاق يېرىم چۆل ھەم چۆل ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئۈمىد تۇمشۇقى رايونى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەر مەيدانى 5 مىليون 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. زامبىيە، مالاۋىي، بوتسىۋانا، زىمبابۇۋى، ماۋرىتىئۇس، مۇزامبېك، ئازانىيە، لېسوتو، سترىزالىد، ماداغاسقار، كومورو، نامىبىيە (غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا)، رىئونىئون (فرانسىيە)، سانت - ھېلېنا ۋە ئاسونىسئون (ئەنگلىيە) قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 73 مىليون 680 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ% 75 نى نېگىرلار،% 7 نى ئاق تەنلىكلەر، قالغان قىسمىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر بىلەن ئاسىيالىقلار ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تولۇق نامى <جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، شەرق، غەرب ۋە جەنۇبى ھىندى ئلكيان، ئاتلانتىك ئوكيانلىرىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. يەرلىكلەر ئازانىيە (zania) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئەرەبچىدىن كەلگەن. ئەرەب تىلىدا zanj (يەنى زەنگى) سۆزى قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، <ئازانىيە> نىڭ مەنىسى <قارا تەنلىكلەرنىڭ ماكانى> بولىدۇ. بۇ نام ئەسلى شەرقىي ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاراللارغا قارىتىلغان، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلەتكەن. غەرب مۇستەملىكچىلىرى ئاياغ بېسىشتىن ئىلگىرى، جەنۇبىي ئافرىقىدا بوئوشمانلار، خودنىتولار ۋە بانتولار ياشاپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پورتۇگالىيىلىكلەر ھىندىستانغا بېرىپ بايلىق ئىزدەش سەپىرىدە كېمىدە تاسادىپىي ھالدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىغا كېلىپ قېلىپ، بۇ گۆھەر ماكاننى بايقىغان. 1652 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى ئۇنىڭ دېڭىز بويى ئەتراپلىرىغا بېسىپ كىرىپ، <كېپتائۇن مۇستەملىكىسى> نى قۇرغان. 1795 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر كېپتائۇندا قۇرۇقلۇققا چىققان، شۇندىن باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقا گوللاندىيىلىكلەر بىلەن ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تالىشىشىدا قالغان مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ، ھەمىشە ئۇرۇش بولۇپ، يەرلىك نېگىرلار ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىنغان. 1866 - يىلى ئۇ جايدا ئالماس بايقالغان، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە ئالتۇن تېپىلغان، شۇندىن ئېتبارەن غەرب مۇستەملىكچىلىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا ھەرىگە ئوخشاش يۇپۇرۇلۇپ كۆچۈپ كەلگەن، 1899 - يىلىدىن 1902 - يىلىغىچە ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان بورلار ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىنى تالىشىپ، ئەنگلىيە -- بور ئۇرۇشى پارتىلىغان، ئەڭ ئاخىرى ئەنگلىيىلىكلەر غەلىبە قىلغان. 1910 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەنگلىيە شۇ جايدىكى تۆت شتات (كېپتائۇن، ناتال، ترانسىۋار ۋە ئوررانج) نى بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇپ، ئەنگلىيىنىڭ <ئاپتونوم تەۋەلىكى> قىلغان. 1961 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئەمما ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى داۋاملىق يۈرگۈزۈلگەن. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قارشىلىق ۋە بېسىم نەتىجىسىدە 1990 - يىلى 2 - ئايدا ھۆكۈمەت جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسى رەھبىرى، ئاتاقلىق خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىسى نېلسون ماندىلانى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان، 1994 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى ئومۇمىي سايلامدا <مىللىي مەجلىس> غەلىبە قىلغان ھەمدە 300 يىللىق ىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلىنغان. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەر مەيدانى 1.2221 مىليون، ئاھالىسى 40 مىليون 280 مىڭ. نېگىرلار % 74.2نى، ئاق تەنلىكلەر % 14.5نى، رەڭلىك ئىرقلار 8.7%نى، ئاسىيالىقلار % 2.6نى ئىگىلەيدۇ.ئاھالىسى ئافرىقا گوللاند تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. زولو تىلىمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگە. كۆپىنچە ئاھالە ئىپىدائىي دىنلارغا، بىر قىسىمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پرېتورىيە، پۇل بىرلىكى جەنۇبىي ئافرىقا راندى. ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي چىتىگە جايلاشقان جەنۇبىي ئافرىقا، تارىختىن بۇيان نىگېرلارنىڭ ماكانى ئىدى. بىرق، 1866 - يىلى بۇ زېمىندا ئالتۇن بىلەن برلىيانىت بايقالغاندىن كېيىن گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق غەربىتىكى مۇستەملىكچىلەر ھەرە ئۇۋىسىغا ئوۋىلاشقاندەك بۇ يەرگە كېلىپ، بايلىق يىغىش تارىخىنى باشلغان. 1994 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئاز سانلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان . يېڭى دۆلەت بايرىقى قارا، سېرىق ، يېشىل، ئاق، قىزىل ۋە كۆك قاتارلىق پان ئافرىقا رېڭى تۈرلۈك گېئومېتىرىيىلىك شەكىل ئارقىلق ۋۇجۇدقا كەلگەن. بايراق سېپى تەرەپكە بىر قارا ئۈچبۇلۇڭ سىزىلغان. ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ يېشىل رەڭدىكى <Y > شەكىللىك نۇسخا بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا تارتىلغان. يېشىل رەڭنىڭ ئۈستى قىسمى بىلەن ئاستى قىسىمى سىممېترىيە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىزىل تراپتىسىيە بىلەن كۆك تراپېتىسىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قارا رەڭ بىلەن يېشىل رەڭنى سېرىق رەڭلىك تار بەلدەملەر ئايرىپ تۇرغان، بۇ ئۆزگىچە يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەر خىل ئىرىق، ھەر خىل تەنلىك خەلقنىڭ بۇرۇنقىغا خاتىمە بېرىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنى ئورتاق قۇرۇشتەك مىللىي يارشىش، ئىتتىپاقلىشىشى ۋە بىرلىشىش روھىنى ئىپادىلىگەن تارىخنىڭ كېلەچەككە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈن، جەنۇبىي ئافرىقا ئىلگىرىكى < جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىسىيىسى > نىڭ قالقانسىمان دۆلەت گېربىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. قالقان ئوتتۇرىسىدىن تۆت بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ئاق كۆڭلەك كىيگەن < ئۈمىد ئىلاھى> ياخشى ئۈمىد تۇمشۇقى ئۆلكىسىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بېغىررەڭ ئىككى ئافرىقا بۆكىنى ناتال ئۆلكىسىنى كۆرسەتكەن؛ سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى ماندارىن دەرىخى ئورېنخ ئەركىن شىتاتىنىڭ سىمۋولدۇر؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئاستىدىكى يېشىل زېمىندا مېڭۋاتقان چېدىرلىق ھارۋا ترانسۋائالنىڭ بەلگىسىدۇر، قالقاننىڭ چوققىسىدىكى گوللاندىيە پارلامېنىتىنىڭ بەلگىسىدۇر؛ ئاستىدىكى يېشىل تاغنىڭ ئۈستىگە بىر ئاق لېنتا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۈستىگە لاتىنچە جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ دەستۇرى: < ئىتتىپاقلىق - كۈچ > دېگەن سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
جەنۇبىي ئافرىقا | UyghurWiki | UyghurWiki