بېنگال
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
بېنگاللارنىڭ يۇرتى
جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ 1972 - يىلى پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. يەر مەيدانى 140 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ. تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 10 مېتر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ئېدىرلىقلار، پەس تاغلىقلار بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، كۆپ يامغۇرلۇق، نەم كېلىدۇ، كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى 2000-3000 مىللىمېتر، شەرقىدىكى ئېدىرلىق، تاغلىقلاردا 5000-6000 غا يېتىدۇ، ھۆل - يېغىننىڭ 80% ى 7 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بولغان ھۆل - يېغىن پەسلىگە مەركەزلەشكەن. بېنگالنىڭ ئاھالىسى 101 مىليون 366 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئۇ دۇنيادا ئاھالىسى زىچ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر كۋادرات كىلومېترغا 600 دىن كۆپرەك كىشى توغرا كېلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 98 نى بېنگال مىللىتى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن باشقا بىغار، چالما، كالو، سەنتار، دولان، راجىبەنجىكو، كاجىس قاتارلىق 20 نەچچە ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىنىڭ % 87 ى ئىسلام دىنىغا، % 12 ى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بېنگال تەرەققىي قىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى پۈتۈن دۆلەت خەلقنىڭ % 80 نى تەشكىل قىلىدۇ. % 80 يەردە شال ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ بېنگال خەلقنىڭ ئاساسىي يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. سېرىق كەندىر بېنگالنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ % 80 نى ئىگىلەيدۇ. شال، سېرىق كەندىردىن باشقا يەنە بۇغداي، شېكەر قۇمۇشى، تاماكا، خاسىڭ، ياڭيۇ، قىچا، پۇراقلىق ماتېرىياللار ۋە ئەنبەھ، پالما قاتارلىق ھەرخىل مېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بېنگال ئاشلىق بىلەن ئۆز - ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. بېنگال سانائىتىدە سېرىق كەندىر توقۇمىچىلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن دۆلەتتە 77 سېرىق كەندىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، قەغەز زاۋۇتى، شېكەر زاۋۇتى، چاي، گۈرۈچ ئاقلاش زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلار بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر، نېفىت ئايرىش، سېمونت قاتارلىق ئېغىر سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى. بېنگال گانگى دەرياسىنىڭ دېلتىسىغا جايلاشقانلىقتىن تارماق دەريالار ناھايىتى كۆپ. سۇ قاتنىشى دۆلەتتە ئاساسىي ئورۇننى ئۇزۇنلۇقى 13 مىڭ كىلومېتردىن ئاشىدۇ (1984)، دەريالاردا قاتنايدىغان 500 دىن ئوشۇق پاراخوت - قېيىقلار بار.
بېنگالنىڭ تولۇق نامى <بېنگال خەلق جۇمھۇرىيتى>بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى گانگ ۋە بىراھما پوترا دەريالىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئېقىنىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەت بېنگاللارنىڭ نامىدىن كەلگەن. ئېيتىلىشچە، پاردىۋال دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى تىنما تۈزلەڭلىكى ئەسلىدە قەدىمىي بېنگاللارنىڭ يۇرتى بولۇپ، <بېنگال سۇلتانلىقى> دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆتمۈشتىكى ھۆكۈمرانلار ئويمان جايلارغا نۇرغۇنلىغان ئېگىز ھەم كەڭرى مۇداپىئە توسمىلىرى ياساتقان بولۇپ، بۇنى سانسكرىت يېزىقىدا <ئال> دەپ ئاتىغانىكەن. <بېنگال>دېگەنلىك قەدىمكى <بېنگاللىقلار>غا <ئال> نى قوشۇش ئارقىلىق تۈزۈلگەن؛ ئىككىنچى، <ئۆتمۈشنامە> دە خاتىرىلىنىشىچە، شاندىرا مىللىتىنىڭ پادىشاھى بارىنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم دۆلەتلەرنى قۇرغان ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىنگ خانلىقى پاردىۋال دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى بىلەن براھما پوترا دەرياسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. 12 - ئەسىرگە كەلگەندە، بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلىرى <لالا> دەپ ئاتىلىپ كېيىنچە <لار> غا ئۆزگەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى سۆز (<ۋىنگ> ۋە <لار>) بىرىكىپ، <بېنگالار> بولۇپ تۈزۈلگەن. مۇسۇلمانلار بېنگالدا ھۈكۈمرانلىق يۈرگۈزگەندىن كىيىن، تەلەپپۇز ئادىتى بويىچە <بېنگار> ياكى <بېنگارا> دەپ ئاتىغان. ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن بۇنام خاتا تارقىلىپ، بۈگۈنكى <بېنگال> بولۇپ قالغان. بېنگال بىلەن پاكىستان ئەسلى بىر مەملىكەت بولۇپ، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1947 - يىلى بېنگال شەرق، غەرب دەپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىلىپ، غەربىي قىسمى ھىندىستانغا، شەرقىي بولسا پاكىستانغا تەۋە بولغان، 1971 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شەرقىي پاكىستان مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1972 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى <بېنگال خەلق جۇمھۇرىيتى> قۇرۇلغان.
بېنگالنىڭ يەر مەيدانى 144 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 130 مىليون بولۇپ، دۇنيادا ئاھالىسى زىچ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بېنگال مىللىتى بوپۇسىنىڭ % 98ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بېنگال ۋە ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى داككار، پۇل بىرلىكى تاكا.
بېنگال پاكىستاننىڭ بىر قىسىمى ئىدى. 1971- يىلىنىڭ بېشىدا پاكىستاندىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت بولغان . بېنگالدىكى كۆپىنچە ئاھالىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاچقا، دۆلەت بايرىقىمۇ قويۇق ئىسلام تۈسىگە ئىگە. بېنگالنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ئىسلام دۇنياسى مۇقەددەس بىلىدىغان توق يېشىل رەڭ ئىشلىتىلگەن. لېكىن، بايراقنىڭ مەركىزىدىن سەل يېنىدا تۇرىدىغان جايىدا بىر قىزىل تولۇن دۈگىلەك گەۋدىلەندۈرلۈپ،بېنگالنىڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى شەقىگە جايلاشقان شەرقىي كەيپياتنى ئاشۇرغان. توق يېشىل رەڭ ئىسلام دىنى ئالادىلىكىنىمۇ ئىپادىلىگەن ھەم بېنگالنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرۇپ تۇرغان يېشىل زېمىنى سىمۋۇل قىلىنغان، قىزىل تۇلۇن دۈگىلەك بېنگال خەلقىنىڭ قانلىق كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئۆزى قۇدرەت تېپىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈتۈۋالغان تاڭ نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان.
دۆلەت گېربى يەتتە پارچە گۈل بەرگىدىن تەركىب تاپقان ياتما نېلۇفەرنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان. ياتما نىلۇفەر بېنگالنىڭ دۆلەت گۈلى، بېنگالدا دەريا ۋە كۆللەر كۆپ بۇلۇپ، ياتما نېلۇفەر ھەر يەردە ئۇچرايدۇ، ياتما نېلۇفەر ئاستىدىكى دولقۇنسىمان سىزىقلار دەريا يولى پورتلارنى ھەمدە ئۇنىڭ گانگ دەريا ئېغىزى جەنۇبىي بېنگال قولتۇقىغا جايلاشقان بۇ ياش دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى يېنىدىكى شال باشاقلىرىدىن تەركىب تاپقان گۈلچەمبىرەك ئۈچ يوپۇرماقلىق سېرىق كەندىر يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ، بېنگالنىڭ يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بېنگال دۇنيا بۇيىچە ئاساسلىق شال ئىشلەپچىقىردىغان رايۇننىڭ بىرى، يىرىك كاناپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سېرىق كەندىرنىڭ مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە % 80نى ئىگەللەيدۇ. سېرىق كەندىر يوپۇرمىقىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى تۆت تال رەتلىك تىزىلغان بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بېنگالنىڭ كىلەچىكى ۋە بېنگال خەلقىنىڭ جەمئىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئىپادىلىگەن.