گۋاتېمالا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
بۈركۈت مىللىتىنىڭ زېمىنى
ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان سۈيى ۋە شەرقىي كارىب دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 108 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېرىنىڭ 2/3 قىسمىنى تاغلىق ۋە ئېگىز تەكشىلىكلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا 30 دىن ئوشۇق ۋولقان بار، بۇنىڭ 10 دىن ئارتۇقى ھەرىكەتتىكى ۋولقان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جايدىكى تاخۇمولكۇ ۋولقانىنىڭ ئېگىزلىكى 4211 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىدا دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى جايلاشقان، گۇاتېمالانىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئورمان ئىقلىمى بىلەن سۇبتروپىك ئورمان ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئۇ جايدا قۇرغاقچىلىق ۋە چۆلچىلىك پەسلى ئېنىق ئايرىىدۇ، ھەر يىلى 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ھۆلچىلىك پەسلى، 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە قۇرغاق پەسلى بولىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال قىسىملىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-3000 مىللىمېتىر، جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ 1000-1500 مىللىمېتىر بولىدۇ. يېرىنىڭ% 50 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ جايغا ئىندىئان خەلقلىرى <گۋاتېمالا - ئورمانلىق دۆلەت> دەپ نام بەرگەن. ئورمان بىلەن قاپلانمىغان ئورۇنلار ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. گۋاتېمالانىڭ ئاھالىسى 7 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، بۇنىڭ% 45 نى ئىندىئانلار،% 47 نى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، قالغىنىنى نېگىر ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى ھېسابلىنىدۇ. گۋاتېمالا ئەسلى ئىندىئان قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان ئورۇن بولۇپ، 1524 - يىلى ئىسپانىيە بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان، 1821 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1939 - يىلى گۋاتېمالا جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. گۋاتېمالا ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 65 يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوفى، ئۇنىڭدىن قالسا كېۋەز، ئاپېلسىن، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق، شال، بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە كان سانائىتى، سېمونت، شېكەر، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، تاماكا قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. گۋاتېمالا كوفى، ئاپېلسىن، پاختا، شېكەر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ، كۈندىلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ماشىنىسازلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
گۋاتېمالانىڭ تولۇق نامى <گۋاتېما جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. جەنۇبتا تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىپ، شەرقتە كارىب دېڭزىدىكى ھوندۇراس قولتۇقىغا قوشنا. دۆلەت نامى پايتەخت نامىدىن پەيدا بولغان. گۋاتېما شەھىرىنى 1524 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى سالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا <سانتياگو> دەپ ئاتىلىپ، كېيىن گۋاتېمالارغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، ئىندىئانلارنىڭ ئازتېك تىلىدىكى quauhtemellan سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <بۈركۈت مىللىتىنىڭ زېمىنى>. بۈركۈت يەرلىك قەبىلىلەر چوقۇنىدىغان توتېم ھېسابلىنىدۇ. گۋاتېمالا نامى مۇشۇ ئازتېكچە نامنىڭ ئىسپانچىلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى؛ ئىككىنچى، ئىندىئان تىلى (ئېھتىمال توئىندار تىلى بولۇشى مۇمكىن) Uhatzmaiha نىڭ ئىسپانچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى <سۇ پۈركۈيدىغان تاغ>، بۇ تاغ ئاگا يانار تېغىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاگا يانار تېغى پۈركۈگەن لاۋىلار خۇددى ئۆركەشلەپ ئاققان كەلگۈنگە ئوخشاش، كونا شەھەردىكى ھەممە نېمىنى يۈتۈپ كەتكەن (گۋاتېما شەھىرى ئۈچ قېتىم قۇرۇلغان، بىرىنچى قېتىم ئاگا يانار تېغى پارتلاپ ۋەيران بولغان، ئىككىنچى قېتىم يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان، ھازىرقىسى ئۈچىنچى قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ)؛ ئۈچىنچى، يەرلىك تىلدىكى cuauh Cuahtemallan سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى <چىرىپ كەتكەن دەرەخ>، بۇ نام كېيىن ئۆزگىرىپ <ئورمانلىق>، <ئورمان دۆلىتى> مەنىسىگە ئىگە بولغان. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەردە زېمىنىنىڭ قىسمىنى ئورمان ئىگىلىگەن. گۋاتېمالا قەدىمكى زامانلاردا مايالار ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر مايا مەدەنىيتىنىڭ نۇرغۇن خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان. 1523 - يىلى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلانغان. 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1823 - يىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىگە قاتناشقان، 1839 - يىلى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان.
گۋاتېمالارنىڭ يەر مەيدانى 108.889 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10مىليون 21 مىڭ. بۇنىڭ % 43ى ئىندىئانلار، % 53ى ئىسپان - ئىندىئان شالغۇت كىشىلىرى، قالغىنى ئاق تەنلىك. كۆپىنچە ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپان تىلى ھۆكۈمەت تىلى، مايا تىلى خەلق ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ. پايتەختى گۋاتېمالا شەھىرى، پۇل بىرلىكى كېتزال.
گۋاتېمالا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمە دۆلەت بايرىقىدىن ئۆزگىرىپ، 1968 - يىلى رەسمىي ئىشلىتىلگەن. بايراق كۆك، ئاق ۋە كۆك ئوخشاش ئۈچ تىك تۆتبۇلۇڭدىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرىسىدىكى ئاق تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى سىزىلغان. گۋاتېمالا 1821 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسىگە قاتناشقان، بىرلەشمە پارچىلانغاندىن كېيىن 1839 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، سالۋادوردەك ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش گۋاتېمالا دۆلەت بايرىقىنىڭ رېڭىمۇ شۇ دۆلەت تۇرغان جۇغراپىيىلىك ئورۇننى ئەكىس ئەتتۈرگەن؛ شەرقى كارىب دېڭىزىغا، غەربى تىنىچ ئوكيانغا تۇتىشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ئىككى كۆك تىك تۆتبۇلۇڭ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ئاق رەڭ گۋاتېمالانىڭ ئەركىنلىك ۋە تىنىچلىققا بولغان ئىزچىل ئنتىلىشىنى بىلدۈرگەن.
دۆلەت گېربىگە يېشىل، قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك پەي بىلەن ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق گوتشال قۇشى سىزىلغان. گوتشال قۇشى گۋاتېمالانىڭ دۆلەت قۇشى بولۇپ، < ئەركىن قۇش > دەپ ئاتىلدۇ. رىۋيەت قىلىنىشىچە قەدىمكى زامانلاردا ئۇ ئىنگالار چوقۇنىدىغان < ئىلاھى قۇش > بولۇپ، ئاچلقتا ئۆلسىمۇ، ئەركىنلىكنى قولدىن بەرمەيدىكەن. 1524 - يىلى، ئىسپانىيىلىكلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئىندىئانلار قوزغىلىپ قارىشىلىق كۆرسەتكەن. كەسكىن جەڭ بولۇش ھارپىسىدا گۈزەل گوتشال قۇشى ئىندىئانلارنىڭ بېشىدا پەرۋاز قىلىپ سايراپ، ئۇلارنىڭ بەختىنى تىلەپ، ئىندىئان ئەسكەرلەرنىڭ غەيرىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغاچقا، دۈشمەنلەرنى بىر يولىلا تارماراقىلغانىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ گۋاتېمالا گوتشال قۇشىنى مىللەتنىڭ ئىپتىخارى دەپ قارىغان. گوتشال قۇشى < 1821 - يىلى 15 - سېنتەبىر. ئەركىن > دېگەن خەت يېزىلغان قەغەزنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ئەركىنلىكىگە سىمۋول قىللىنغان. قىلىچ بىلەن نەيزىلىك مىلتىق گۋاتېمالا خەلقىنىڭ جان تىكىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.