UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەردومىنىكا جۇمھۇرىيىتى

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا <يەكشەنبە> غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ھايتى ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى ھايتى جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 48 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قسىمىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ غەربىي قىسمىنى ئوتتۇرا كوردېلىر تاغلىرى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەڭ ئېگىز دوئارت چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3175 مېترغا يېتىدۇ. دومىنىكانى شىمالىي تەرىپىدە تۈزلەڭلىكلەر، شەرقىدە ئېدىرلىقلار، شەرقىي جەنۇبىدا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئېنروكىللو كۆلى ئەراپى لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئەڭ پەس يەر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 44 مېتر تۆۋەن تۇرىدۇ. دومىنكانىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃26، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-2000 مىللىمتېر ئەتراپىدا بولىدۇ. دومىنىكانىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ% 70 ىنى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سسىتېمىسدىكىلەر ۋە ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلرنىڭ ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر،% 15 ىنى ئاق تەنلىكلەر،% 10 ىنى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ% 90 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. يەنە فرانسۇز تىلى تەلەپپۇزىدىكى بىر خىل يەرلىك تىل ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. دومىنىكا 1492 - يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1795 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان، 1808 - يىلىدىن 1821 - يىلىغىچە ئىسپانىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1844 - يىلى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. دومىنىكا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى% 50 نى تەشكىل قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شېكەر قۇمۇشى، ئۇنىڭدىن قالسا كوفې، كاكائو، تاماكا، شال، كېۋەز، ئاپېلسىن قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە شېكەر سانائىتى بىلەن تاماكا سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا كان، سېمونت، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇنىڭ يىللىق شېكەر مەھسۇلاتى 900 مىڭ توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، سىرتقى پېربۋوتىدا بىرىنچى ئورۇننى، ساياھەتچىلىك كىرىمى ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا ھەر يىلى ساياھەت قىلىپ كېلىدىغانلار سانى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. سىرتتىن ئاپتوموبىل، ماشىنا - ئۈسكۈنە، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇتلىرى، نېفىت قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. دومىنىكانىڭ تولۇق نامى <دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، كارىب دېڭىزىدىكى چوڭ ئانتىللىس تاقىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار: بىرىنچى، كولۇمبو تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىدە 1492 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياكى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بۇ ئارالنى بايقىغان ۋە نامىنى شۇ زامات ئىسپانىئوررا دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <ئىسپانىيىنىڭ ئارىلى> بولۇپ، كولۇمبو شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن. 1697 - يىلى ئارال <سان دومىنكو Santo Domingo> دەپ ئاتالغان، بۇ سۆز ئىسپانچە بولۇپ، مەنىسى <مۇقەددەس يەكشەنبە> (<دومىنىكا> لاتىنچە، <دومىنكو> ئىسپانچە سۆز بولۇپ، ئىككىلىسىنىڭ مەنىسى <يەكشەنبە>). 1844 - يىلىدىن ئېتىبارەن <دومىنكو> نامى پايتەخت قىلىنغان؛ ئىككىنچى، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئارالغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ رايوننىڭ مەنزىرىسى ئىسپانىيىگە قويۇپ قويغاندەك بولغاچقا، ئۇلار ئارالنى ئىسپانىئوررا دەپ ئاتىغان. 1492 - يىلى ئارال ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1795 - يىلى فرانسىيىگە تەۋە بولغان، 1808 - يىلى قايتا ئىسپانىيىگە تەۋە بولغان. 1822 - يىلدىن باشلاپ ھايتى جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بولغان. 1844 - يىلى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. يەر مەيدانى 48.442 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 447 مىڭ، پايتەختى سانتو دومىنگو. پۇل بىرلىكى دومىنىكا پېسوسى. ھايتى ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى 1821 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، 1844 - يىلى ھايتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان. ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشلەردە، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يەر ئاستى تەشكىلاتى - < ترىنىدالىيە> نى قۇرغان. 1844 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرلغاندا بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى جۇئان باربولبو دېئارت تۇنجى دۆلەت بايرىقىنى لايھىلەپ چىققان ھەمدە مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا جەۋلان قىلدۇرغان. ئاق كرېسىت بايراقنى دەل ئوتتۇرىسىدىن كۆك ۋە قىزىل ئىككى خىل رەڭدىكى تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدىن تۆتنى ئايرىغان، سول تەرەپنىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرەپىنىڭ ئاستى كۆك رەڭلىك، ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستى، سول تەرەپنىڭ ئاستى قىزىل رەڭىلىك بولغان، ئاق كرېسىتنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى سىزىلغان. ئاق رەڭلىك كرېسىت دومىنىكا خەلقىنىڭ خرىستىئان دىنىغا بولغان ئېتىقادىغا سىمۋول قىلنغان، كۆك رەڭ ئەركىنلىكنى بىلدۈرگەن، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولد خەلقنىڭ غايەت زور قۇربان بەرگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىدە ئېچىىپ تۇرغان بىر ئىنجىل بولۇپ ئىنجىلنىڭ ئۈستىدىكى غايەت زور مەنىۋى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئىككى يېنىغا ئىككىدىن دۆلەت بايرىقى بىلەن بىردىن نەيزە قويۇلغان، قالقانسىمان دۆلەت بايرىقى دۆلەت گېربىنىڭ ئارق كۆرۈنۈشى بولغان. ئۈستىدىكى كۆك لېنتىغا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەقىدىسى < خۇدا، ۋەتەن، ئەركىن > دېگەن سۆز يېزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنى ياپيېشىل لاۋېر شېخى ۋە پالما شېخى بىلەن بېزەلگەن، ئاستىدىكى غەلبىنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل لېنتىغا < دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى > دېگەن سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki