ئىسپانىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
ياۋا توشقان دۆلىتى
ياۋروپانىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 504 مىڭ 750 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ %85 نى يېرىم ئاراللار ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمىنى يەر ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى بالېئار قاتارلىق تاقىم ئاراللاr ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسىملىرى بىلەن جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى ئوخشىمايدۇ. شىمالىي، غەربىي شىمال قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ئىقلىم بەلبېغىغا، جەنۇبىي قىسىملىرى سۇبتروپىك يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئەڭ سوغۇق بولىدىغان 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جەنۇبىدا ℃8-℃13، شىمالىدا ℃2-℃10 بولىدۇ. ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان 8 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ℃24-℃26، شىمالىدا ℃16-℃20 بولىدۇ. ھۆل - يېغىن قىشتا كۆپرەك بولىدۇ. شەرقىي جەنۇب قىسىملىرى يازدا قۇرغاق ئىسسىق، ئاز يامغۇرلۇق، قىشتا يىللىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. پۈتۈن ئىسپانىيە بويىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 500-1500 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. شەرقىي جەنۇب قىسىملىرى قۇرغاقراق بولۇپ، 500 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. ئىسپانىيىنىڭ ئاھالىسى
37 مىليون 650 مىڭدىن ئوشۇق (1981) بولۇپ، ئاھالىنىڭ ئاساسىنى كاستىلىيە خەلقلىرى (ئىسپانلار) تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كاتەيلونىيىلىكلەر، گالىتسىيىلىكلەر، باسىك قاتارلىق مىللەتلەر بار. بۇ مىللەتلەرنىڭ ھ ەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بار. دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى مادرىد شەھىرى، ئىسپانىيە كونا مۇستەملىكىچى دۆلەت بولۇپ، 15 -، 16 - ئەسىرلەردە پورتۇگالىيە بىلەن بىللە دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولغان. كېيىن گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئا ق ش قاتارلىق دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنى تۆۋەنلىگەن. ئىسپانىيە بىر قەدەر تەرەققىي قىلغاندۆلەت. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي 60 - يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە كېمىسازلىق، ئاپتومقوبىل، سېمونت، كانچىلىق، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، كۆن - خۇرۇم، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق ئاپتوموبىل، پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت، پاراخوت، تېرە - خۇرۇم، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئۈزۈم ھارىقى ئېكسپورت قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 30% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، شال، قارا بۇغداي ھەم ئاپېلسىن، لىمون، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا چوشقا، كالا، قوي، ئات، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان، يىلىغا بىر مىليون توننىدىن ئوشۇق بېلىق تۇتۇلىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئىسپانىيىگە بىر يىلدا ساياھەت قىلىپ كېتىدىغان كىشىلەر 50 مىليوندىن ئېشىپ (1987)، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىسپانىيە ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۈچ خىل چۈشەندۈرۈش بار: بىرىنچى، فىنىكىيە تىلى shaphan دىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ياۋا توشقان دۆلىتى> بولىدۇ. مىلادىدىن بورۇنقى 10 - ئەسىردىن سەككىزىنچى ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتا، فىنىكىيىلىكلەر ئوتتۇرا دېڭىزدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىسپانىيىگە كېڭەيگەن ۋە فىنىكىيە تىلىدا ئۆزلىرى بېسىۋالغان زىمىنغا نام قويغان چاغدا، قىرغاق بويلىرى ئەتراپلىرىدا ئىنتايىن نۇرغۇن ياۋا توشقان بايقىغان ۋە فىنىكىيە تىلىدا <ياۋا توشقان> دېگەن مەنىدە shaphan دەپ نام قويغان، كېيىن ئىسپانىيىنىڭ دۆلەت نامى شۇنڭدىن ئۆزگەرگەن؛ ئىككىنچى، باسىك تىلىدىكى ezpana سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <چېگرا>، <دېڭىز - ئوكيان>. چۈنكى قەدىمكى كارفاگېنلار قىرغاقتا مۇستەملىكە قۇرغان بولۇپ، بۇ نام رىملىقلارغا تارقىلىپ بارغاندا ئۇلار بۇنى خاتا ھالدا مەخسۇم نام دەپ ھېسابلاپ، بۇ جاينىڭ نامى قىلىپ ئىشلەتكەن، كېيىن يەنە دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلىتىلگەن؛ ئۈچىنچى، ئىبراي -- فىنىكىيە تىلىدىكى Espana سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <يوشۇرماق>، كۆچمە مەنىسى <كۆمۈلگەن بايلىق>، <كان بايلىقى>، چۈنكى ئىبرىيە يېرىم ئارىلىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىققاچقا، فىنىكىيىلىكلەرنىڭ شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە كېلىشى ئالتۇن - كۈمۈش، بايلىق بۇلاش ئۈچۈن بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. فىنىكىيىلىكلەردىن كېيىن رىملىقلار، غەربىي گوتلار ۋە مورىيلار بۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئىسپانلار ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلغان، 1492 - يىلى <قايتا قۇرۇش ھەركىتى> نىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى بىرلىككە كەلگەن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق قۇرغان، دۆلەت نامى دەسلەپ <ئىسپانىيە> دەپ ئاتىلىپ، كېيىن <يىسپانىيە> دەپ ئۆزگەرگەن، ئىنگلىزچىدە ئۇ ئىسپانىيە دەپ ئوقۇلغان. 1873 - يىلى ۋە 1931 - يىلى ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، 1939 - يىلى فرانكو ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، 1947 - يىلى 7 - ئايدا ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.
ئىسپانىيىنىڭ يەر مەيدانى 504.8 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 39 مىليون 600 مىڭ. بۇنىڭ % 70 ئىسپانلار، قالغىنى باسسىك، پورتۇگال مىللەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ % 94ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. ئىسپان تىلى يەنە دۇنيادىكى 240 مىليون كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى مادىرىد، پۇل بىرلىكى ئىسپانىيە پېزېتاسى.
قىزىل ۋە سېرىق رەڭ ئىسپانىيەخەلى ياقتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى رەڭ بولۇپ، ئۇلار خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان سادىق يۈرىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. 1785 - يىلىدىن بويان، بۇ ئىككى خىل رەڭ ئىسپانىيىنى بىلدۈردىغان رەڭ بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىسپانىيىنى بارلققا كەلتۈرگەن كاستىليە، لېئون، ئاراگون ۋە ناۋارادىن ئىبارەت تۆت قەدىمكى پادىشاھلقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسپانىيە دۆلەت بايرىقى < قان ۋە ئالتۇن> دەپمۇ ئاتالغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ رەڭگى جەڭدە يارلانغان پادىشاھ گېئوتېنىڭ قېنىغا بويالغان ئالتۇن قالقاندىن كەلگەنىكەن. 1938 - يىلى ئىسپانىيە بۇ بايراقنى تۈزگەندە بايراقنىڭ سول يېنىغا سان جون تۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق قالقانسىمان بەلگە سىزىلغان. 1981 - يىلى ئىسپانىيە ئىلگىركى بەلگىنىڭ ئورنىغا دۆلەت گېربىدىكى سۈرەتنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.
دۆلەت گېربى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان قالقانسىمان گېربنى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلغان: تېگى قىزىل ئۈستى سېرىق قەلئە بىلەن تېگى ئاق ئۈستىدە سېرىق سىرىق ئاراگون پادىشاھلىقىغا ۋەكىلىك قىلىنىدىغان رەڭنى، قىزىل زېمىنىدىكى ئالتۇن زەنجىر بىلەن تورلاشتۇرۇلغان كرېسىت ناھارا پادىشاھلىقىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئاستىغا پادىشاھلىقنىڭ بەلگىسى - قىزىل ئانار سىزىلغان، ئىسپانىيە خەلقى ئۇنى بەخىت - سائادەت ۋە خەيرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئىككى ھايگرىس تۈۋرۈكى قالقانسىمان گېربىنىڭ ئىككى يېنىدا گويا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىىن ئۆزىنىڭ ھىمايە ئاستىغا ئالغاندەك ھەيۋەتلىك ھالدا تىك تۇرغان. ھايگرىس رىمىدىكى بىر باش روھانىنىڭ ئوغالى بولۇپ، چەكسىز كۈچلۈك ئىكەن، بۇ تۈۋرۈك ئىلاھى تۈۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن؛ سول تەرەپتىكى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە بىر خان تاجىسى، ئوڭ تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە بىر ئىمپېراتور تاجىسى سىزىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىسپانىيە بوغۇزىدىكى جەبلتارىق بوغۇزى بىلەن لېئون ئارىلىنى قوغداۋاتقان ئىككى تۈۋرۈك تاشنى بىلدۈرگەن. تۈۋرۈككە يۆگەكلىك قىزىل لېنتىغا < دېڭىز سىرتىدا يەنە چوڭ قۇرۇقلۇق بار> دېگەن خەت يېزىلغان؛ بىراق يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق بايقىلىشتىن بۇرۇن، بۇ لېنتىغا< دېڭىز سىرتىدا ئەمدى چوڭ قۇرۇقلۇق يوق > دېگەن خەت يېزىلغان.