ئەرمېنىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
قەدىمىي قەبىلە نامىدىن كەلگەن
تاشى كاۋككازنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمال، شەرق تەرەپلىرى گىروزىيە ۋە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن، غەربىي تەرەپ ئىران ھەم تۈركىيىلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 298 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بوۇپ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئەڭ كىچىك بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ ئاھالىسى 3 مىليون 320 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985)، ئاھالىسىنىڭ %90 نى ئەرمەنلەر، قالغىنىنى ئەزەربەيجان، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەمۇرىي مەركىزى يېرۋان شەھىرى ئەرمەنىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ،% 90 يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتردىن ئاشىدۇ. ئەڭ ئېگىز ئاراگاتىس چوقىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4090يېتىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدا كاۋكاز بويىچە ئەڭ چوڭ كۆل - ئىۋان كۆلى بار. كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 300-600 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 دىن ℃13
-، 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃26 غىچە بولىدۇ. ئەرمەنىستان 19 - ئەسىردە چارروسىيىگە قوشۇلغان. 1920 - يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1922 - يىلى گروزىيە، ئەزەربەيجانلار بىلەن بىللە سىرتقى كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان، شۇ يىلى 12 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىگە كىرگە. 1936 - يىلى ئەرمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئەرمەنىستان رەڭلىك مېتال (مىس، مولىبدىن، قوغۇشۇن) مېتاللۇرگىيە، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كان سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. يېزا ئىگىلىكىنىڭ% 50 سۇغىرىشقا تايىنىدۇ. ئارپا، بۇغداي، ئۈزۈم، تاماكا، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ، سىرتقا ىس، مولىبدىن قاتارلىق كان بايلىقلىرى بىلەن ئۈزۈم ھارىقىنى چىقىرىدۇ. سىرتتىن ئاشلىق، ماشىنىسازلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئالىدۇ. لېنىنناكان، كروۋاكانلار مۇھىم شەھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئەرمېنىيىنىڭ تولۇق نامى <ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، تاشقى كاۋكازنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بىر ئىچكى قۇرۇلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن، مىللەت نامى بولسا بىر قەدىمىي قەبىلە نامىدىن كەلگەن. ئەرمەنلەرنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئاتا ـ بوۋىلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 15 - 16 - ئەسىرلەر ۋاقتىدىلا ئەرمېنىيە ئېگىزلىكىگە تارقالغان، مىلادىدىن بورۇنقى 7 ئەسىرلەردىن باشلاپ ئۇلار تىللار، سىگاتايلار، كېمىرىلاردىن شەكىللەنگەن. مىلادى 7 - 15 - ئەسىرلەردە ئىلگىرى - كېيىن ئەرەبلەر، رىملىقلار، سالجۇق تۈركلىرى، تاتار قاتارلىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان؛ 19 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە چار روسىيە بېسىۋالغان، 1920 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، 1922 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تاشقى كاۋكاز فېدېراتسىيىسىگە ئەزا بولۇپ، شۇ يىلى 12 - ئايدا فېدىراتسېيىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان، 1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بىۋاستىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيتىگە ئايلانغان، 1991 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئەرمېنىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ۋە نامىنى ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان.
ئەرمېنىيىنىڭ يەر مەيدانى 29.8 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 730 مىڭ، ئەرمەنلەر % 93نى تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى يېرىۋان.
زاكاۋ كازىيىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق تاغلىق دۆلەت ئەرمېنىيە تارىخى ئۇزۇن دۆلەت. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 6- ئەسردە ئەرمېنىيە قەبىلىسى ئاساسەن شەكىللىنىپ بولغان؛ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە بۈيۈك ئەرمېنىيە دۆلىتى قۇرۇلغان. 7- ئەسىردىن باشلاپ، ئەرەب، ۋىزانتىيە، ئىمپىريىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئەرمەنلەر خرستىئان دىنىنى قۇبۇل قىلغان. 16 - 18 - ئەسىرگىچە، ئەرمېنىيە قوشنا چوڭ دۆلەت تۈركىيە ۋە ئېران تەرپىدىن بۆلۈۋېلىنغان. 1805-رۇسىيە تۈركىيلىكلەرنىڭ قولىدىن شەرقىي ئەرمىنىينى تارتىۋېلىپ، يېرېۋان ئۆلكىسىگە ئۆزگەرتكەن. "ئۆكتەبىر ئىقىلابى" دىن كېيىن ئەرمىنيىدە سوۋېتلەر جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. 1936- يىلى دېكابىردا، ئەرمېنىيە ئىتتىپاقىداش جۇمھۇريەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتپاقىغا قاتناشقان. 1990- ئاۋغۇستتا، ئەرمېنىيە ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى ئېلان قىلغان؛ 1991- يىلى سىنتەبىردە سوۋېىت ئىتپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن ئەرمېنىيە مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان.
ئەرمېنىيە دۆلەت بايرىقى ئەنئەنىۋى قىزىل، كۆك ۋە سېرىق بەلدەملىك بايراق بۇلۇپ، يۇقىردىن تۆۋەنگىچە قىزىل، كۆك ۋە سېرىق ئۈچ پاراللېل ئۇزۇن چاسا شەكىلدىن تەركىب تاپقان. قىزىل رەڭ ئەرمەنلەر ياقتۇردىغان رەڭ بۇلۇپ، ئەرمېنىيە خەلىقىنىڭ ئانا ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، كۆك رەڭ ئاسمانغا ئوخشاش بىپايان كەڭ بۇلۇپ، ئەرمېنىيلىكلەرنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى ۋە كەڭ كۆكسى ئىپادىلەنگەن. سېرىق رەڭ تاغلىق دۆلەتنىڭ تۈگىمەس -پۈتمەس تەبئى بايلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان.
ئەرمېنىيە دۆلەت گېربى 1992- يىلى تۈزۈپ چىقىلغان بىر قالقانلىق گېرب ، قالقان ئوتتۇرسىغا تاغ چوققىسى ۋە كۆك سىزىلغان بۇلۇپ، ئەرمېنيىنىڭ تەبئى مەنزىرسىنى بىلدۈرگەن. ئەتراپتىكى تۆت بۆلۈك رەسىم تارىختا ئۆتكەن تۆت پادىشاھلىق دۆلەتنى، يەنى دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرپىگە شىر شۇڭقارنىڭ سۈرئىتى سىزلغان. ئاستىغا بىر قېلىچ بىلەن كىشەن ۋە گىرەلەشتۈرۈلگەن يېشىل شاخ بىلەن ئوقيا سىزلغان.