UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرسۇرىنام

سۇرىنام

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا سۇرىنام دەرياسىنىڭ نامىدا ئاتالغان جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمال دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 142 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، شىمالىي، ئوتتۇرا قىسىملىرىدا دېڭىز قىرغاق ئويمانلىقلىرى بىلەن تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. جەنۇبتىكى تاغلىقلار بىلەن ئېگىزلىكلەر پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 4/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1286 مېتىر (ۋىللېمىنا چوققىسى) كېلىدۇ. سۇرىنام تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىقلىمى تروپىك كۆپ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى مول بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. سۇرىنامنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسىملىرىدا تۈزلەڭلىك، ئويمانلىقلار كۆپ بولغانلىقتىن ئۇششاق كۆللەر، دەريالار، سازلىقلر ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سۇرىنام دەرياسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سۇرىنام دۆلىتىنىڭ نامىمۇ شۇ دەريانىڭ نامىغا بېرىلگەن. سۇرىنامنىڭ ئورمان مەيدانى ناھايىتى كەڭ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ %90 يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇ دۇنيادا ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. سۇرىنام سۇ كۈچى بايلىقى، ئاليۇمىن، تۆمۈر، ئالتۇن قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى مول دۆلەت. سۇرىنام ئەسلى ھىندىئان قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ جايلارغا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەر ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1891 - يىلى گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ئۇ ۋاقىتتا گوللاندىيىگە قاراشلىق گۋىئانا دەپ ئاتالغان، گوللاندىيە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھىندىستان، ھىندۇنېزىيىلەردىن كۆپلەپ ئاھالە يۆتكىگەن. 1948 - يىلى سۇرىنامغا ئۆزگەرتىلگەن. 1954 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1980 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دۆلەت نامىنى سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. سۇرىنامنىڭ ئاھالىسى 364 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). بۇنىڭ% 30.8 نى كىرىئور خەلقلىرى، 37% نى ھىندىستانلىقلار،% 15.3 نى ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا مىللىتى،% 10.3 نى نېگىرلار،% 2.7نى ئىندىئانلار، %1.7 نى خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدىكى گوللاندىيىلىكلەر 180 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىيان دىنىغا، ئۇنىڭدىن قالسا ھىندى دىنى، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى گوللاندىيە تىلىنى قوللىنىدۇ. ئىنگلىز تىلىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. پايتەختى پارامارىبو شەھىرى. سۇرىنام ئىقتىسادتا يېزا ئىەخلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى% 75 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق شال ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بانان، شېكەر قومۇشى، كوفې، كاكائو، كۆممىقوناق، پالما قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە ئاليۇمىن توپىسىنى ئېلىش، تاۋلاش ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئاليۇمىن توپىسى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ%85 نى ئىگىلەيدۇ، شال ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى %13 نى ئىگىلەيدۇ. ئاليۇمىن سانائىتىدىن قالسا ياغاچچىلىق سانائىتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كىچىك تىپتىكى يېنىك سانائەت ئورۇنلىرى بار. سىرتتىن ئىستېمال بۇيۇملىرى، ماشىنا، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. قاتناش ترانسىپورتىدا سۇ يول قاتنىشى ئاساس قىلىنىدۇ. سۇرىنامنىڭ تولۇق نامى (سۇرىنام جۇمھۇرىيىتى) بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شىمالدا ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. نامى بىر خىل قاراشتا سۇرىنام درياسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر قاراشتا سۇرىنام ئەسلى كانىب دېڭىزى قىرغاقلىرىدىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى دېيىلىدۇ. سۇرىنام قەدىمدە ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ ئولتۇراق جايى بولۇپ، 1593 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1816 - يىلى يەنە گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، گوللاندىيىگە قاراشلىق گۋىئانا دەپ ئاتالغان، 1948 - يىلى سۇرىنام دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتالغان. 1954 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلگەن. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، سۇرىنام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. سۇرىنامنىڭ يەر مەيدانى 163.265 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 430 مىڭ. بۇنىڭ 35%ى ھىندى، % 15ى ھىندونېزىيىلىك، شالغۇت نەسىللىكلەر 35%نى تەشكىل قىلىدۇ. گوللاند ۋە ئىنگلىز تىللىرى قوللىنىلىدۇ. % 45ى خرىستىئان دىنىغا، % 28ى ھىندى دىنىغا، % 20ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى پارامارىبو. پۇل بىرلىكى سۇرىنام گۇئىلدېرى. ئورمان دۆلىتى < - سۇرىنام ئەسلى گۋىئانانىڭ بىر قىسىمى ئىدى. 17 - ئەسىردە گۋىئانا ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە فرانسىيە تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى كونترول قىلغان قىسىمى > گوللاندىيە تەۋەلىكىدىكى گۋىئانا < دەپ ئاتالغان. 1948 - يىلى سۇرىنام دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1975 - يىلى نۇيابىردا سۇرىنام مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇپ، دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان، ئۇزىماي يەنە تۆت خىل رەڭدىكى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزلۇق بايراق ئىلگىرىكى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. دۆلەت بايرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى بىر بەش بۇرجەكلىك ئالتۇن يۇلتۇز سۇرىنامدىكى ئىرقلارنىڭ تىنىچلىقتا بىللە بولغان ۋە ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ سىمۋولدۇر؛ قىزىل رەڭ سۇرىنام خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئاق رەڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى گەۋدىلەندۈرگەن، يېشىل رەڭ دەل ئۈمىدكە تولغان سۇرىنامنىڭ مۇنبەت زېمىننى بىلدۈرگەن، ئالتۇن رەڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزى قۇدرەت تېپىش ۋە ھېچنېمىدىن قورقىماسلىقتەك مىللىي روھىنى چاقناتقان. > دۆلەت گېربىنڭ سول يېنىدىكى ئوكياندا يۈرۈش قىلىۋاتقان بىر سېرىق يەلكەنلىك كېمە، سۇرىنامنىڭ دېڭىز ترانسپورت ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن؛ ئوڭ تەرەپتىكى يېشىل زېمىندا تىك تۇرغان بىر تۈپ مايلىق پالما دەرىخى قويۇق ئورمان بىلەن مول يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى كۆرسەتكەن. مەركىزىگە نۇرلۇق ئىستىقبالغا سىمۋول قىلىنىغان بىر بەش بۇرجەكلىك سېرىق يۇلتۇز سىزىلغان. يا خالتىسى ئېسىپ، كامالچە تۇتۇپ تۇرغان ئىككى نەپەر يەرلىك ئىندىئان دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدا تۇرغان بولۇپ، سۇرىناملىقلارنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى جان تىكىپ قوغداشتەك ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن. ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا لاتىنچە < ھەققانىيەت، سەمىمىيەت، ئىناۋەت > دېگەن سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
سۇرىنام | UyghurWiki | UyghurWiki