قازاقىستان
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
ھۆرلىككە چىققان يانچى
ئۇ، سوۋېتنىڭ ئاسىيا قىسمىدىكى غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئۇ روسىيە فېدېراتسىيىسى، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاننىڭ ئارىلىقىدا بولۇپك، شەرقىي قىسمى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 2 مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە روسىيە فېدېراتسىيىسىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى 15 مىليون 857 مىڭدىن ئوشۇق (1985) بولۇپ، بۇنىڭ% 36 نى قازاقلار،% 40 گە يېقىنىنى رۇسلار، قالغىنىنى ئوكرائىن قاتارلىق باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ، پايتەختى ئالمۇتا شەھىرى. قازاقىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىنى توران تۈزلەڭلىكى بىلەن كاسپىي كۆلى بويى پەسلىكلىرى، ئوتتۇرا، شەرقىنى قازاقىستان ئېدىرلىقلىرى، شەرقىي تەرىپىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يېرىم چۆل، چۆللۈكلىرى مەيدانى% 60 نى ئىگىلەيدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 100 - 300 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. قازاقىستاندا كان بايلىقلىرى مول، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، خروم قاتارلىق كان بايلىقلىرىنىڭ زاپىسى جەھەتتە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گز، ئاليۇمىن توپىسى، فوسفورلۇق تاش قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ خېلى مول. بۇ جاينىڭ كۆپ قىسمىنى ئەسلى قازاق خانلىقى ئىگىلەپ تۇرغان. 19 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا چارروسىيە ئىگىلىگەن. شەرقتە بالقاش كۆلىنىڭ ش ەرقى بىلەن زايسان كۆل ئەتراپلىرى ئەسلى جۇڭگونىڭ يېرى ئىدى. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى چارروسىيە تەرىپىدىن مەجبۇرىي كېسىۋېلىنغان. قازاقىستان 1920 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە بولغان. 1936 - يىلى قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رەڭلىك مېتاللۇرگىيە بازىسى. سانائەتتە مېتاللۇرگىيە، كۆمۈر، نېفىت ئېلىش، ماشىنىسازلىق سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مىس، قوغۇشۇن، سىنك مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سوۋېتنىڭ 4 - چوڭ كۆمۈر كان بازىسى، مۇھىم تۆمۈر تۇرىدىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورنى ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان سوۋېتنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ بىرى. تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ كۆپىدە يازلىق بۇغداي تېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كېۋەز، قىزىلچا، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. چارۋىچىلىق مەيدانلىرى يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ% 80 نى ئىگىلەيدۇ، قوي سانى، قوي يۇڭى مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قازاقىستاننىڭ تولۇق نامى <قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاسىيا قىسمىنىڭ غەبىي جەنۇبىي، ياۋرۇ - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. <قازاق> سۆزى ئۆزبېك تىلىدا <ھۆرلىككە چىققان يانچى>دېگەن مەنىگە ئىگە. قازاقلار ئەسلى ئۆزبېكلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، يايلاقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىق قىلغان. ئۇلارنىڭ مىجەزى قەيسەر ۋە جۇشقۇن بولۇپ، تەدرىجىي بىر مىللەت بولۇپ، شەكىللەنگەن ۋە <قازاق> نامىنى مىللەت ھەم دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قازاق خانلىقى قۇرۇلغان، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى چار روسىيە ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 1917 - يىلى 11 - ئايدا سوۋېت ھاكىمىيتى قۇرۇلۇپ، رۇس فېدېراتسىيىگە تەۋە بولغان. 1925 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، 1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى نامىنى قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە بېكىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1990 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى قازاقىستان ئالىي سوۋىتى مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ماقۇللىغان. 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دېگەن نامىنى قازاقىستان جۇمھۇرىيتىگە ئۆزگەرتىپ شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان.
قازاقىستاننىڭ يەر مەيدانى 2.7173 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 17 مىليون 170 مىڭ، قازاقلار % 43نى، رۇسلار % 36نى، تەشكىل قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئالمان(نېمىس)، ئۇكرائىن، تاتار، ئۇيغۇر، كورىئان قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. پايتەختى ئاستانا، پۇل بىرلىكى تەڭگە.
ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قازاقىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆلەم جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيتى ئىدى. 1991 - يىلى دېكابىردا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، جەمئى 130 دىن كۆپرەك مىللەت بار. قازاقلارنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاق خانلىقى قۇرۇلۇپ، ئۇلۇغ يۈز، ئوتتۇرا يۈز ۋە كىچىڭ يۈز دەپ ئۈچ ئوردا خانلىقىغا بۆلۈنگەن. 18 - ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىدا، قازاقلار چاررۇسىينىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان. 1917 - يىلى چاررۇسىيە ئاغدۇرۇلۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى 1936 - يىلى دېكابىردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيتى بولغان.
قازاقىستان دۆلەت بايرىقى توق ھاۋا رەڭ بولۇپ، دەل ئوتتۇرىسىغا بىر ئالتۇن قۇياش، قۇياشنىڭ ئاستىدا پەرۋاز قىلغان بىر شۇڭقار سىزىلغان. بايراقنىڭ رەڭگى ھەم كۆك ئاسماننى، ھەم قازاقلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلقىنى بىلدۈرگەن. ئالتۇن قۇياش ھەقىقەت ۋە ئادالەت نۇرىنىڭ مەڭگۈ قازاقىستان زېمىنىنى يو رۇتۇپ تۇرغانلىقىنىڭ سىمۋولىدۇ؛ پەۋاز قىلغان شۇڭقار قازاقلارنى شۇڭقار ئەۋلادىغا ئوخشىتىپ، قەيسەر، ۋە باتۇر مىللەت ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ سول سېپىغا تىك تارتىلغان گۈللۈك قازاقلار ياقتۇرىدىغان مىللىي كىيىملىرىدىكى كەشتىلەنگەن گۈللەر بولۇپ، قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن.
دۆلەت گېربىدىكى مەركىزىي رەسىم قازاقلار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ياشاپ كەلگەن ئاق ئۆينڭ رەسىمىدۇر، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بىردىن ئات ۋە ئاتنىڭ بېزەك لېنتىسى بوشلۇقتا ئۇچۇپ تۇرغان بولۇپ، كۈچلۈك ھەرىكەت تۇيغۇسىغا ئىگىدۇر. بۇ رەسىم قازاقلاارنىڭ سۇ ۋە ئوتلاقنى بويلاپ بويلاپ ئولتۇرغان چارۋىچىلىق ھاياتىنى جانلىق ھالدا نامايەن قىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىدە بىر بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بولۇپ، ئاستىدىكى بېزەككە < قازاقىستان > دېگەن خەت يېزىلغان.