UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرماكېدونىيە

ماكېدونىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا كالا پادىسى ماكىدونىيىنىڭ تولۇق نامى <ماكىدونىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. بىر خىل قاراشتا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بالقان يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان بىر قەبىلە Macedoni دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەنىسى <كالا پادىسى>، يەنە بىر خىل قاراشتا، گەرچە بۇ رايوننىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئاھالىلىرىمۇ ئوخشاش نامدا ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇ مىلادى ئالىتنچى ئەسىردە بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان سلاۋيان مىللىتىدىن بولغان ماكىدونلار makednos نىڭ نامىدىن كەلگەن، ماكىدونلارنىڭ ئىسمى ئېھتىمال گىرىك تىلىدىكى makednos سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى <ئېگىز>، <ئىنچىكە ئۇزۇن>. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ نامىنى مەلۇم بىر رىۋايەتكە باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، ئۇنى رىۋايەتتىكى شەخىس makedo نىڭ نامىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. بۇ ئادەم يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باش ئىلاھ زېۋىسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ بۇ ئەتراپتا پادىشاھ بولغان ئىكەن. ماكىدونىيە ئەسلى سابىق يۇگوسلاۋىيە تەركىبىدىكى بىر ئەزا جۇمھۇرىيەت بولۇپ، 1991 - يىلى 12 - ئايدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ماكىدونىيىنىڭ يەر مەيدانى 25.7 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 79 مىڭ، بۇنىڭ % 64.5ى ماكىدونلار، قالغىنى تۈرك، ئالبان قاتارلىقلار. پايتەختى سكوپلى. تارىختا ماكېدونىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيە تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىپ، ۋاردار پىرىن ۋە ئېگېي دېڭىزى ماكېدۇنىيە ( ھازىر گىرېتسىيىگە تەۋە) قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېتىن ۋاردار ماكېدونىيە سېربىيىگە ئەگىشىپ يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئەل بولغان؛ يۇگوسلاۋىيە بىللەشمە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندا بۇ تەرەپتىكى ماكېدۇنىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىر تەركىبى ئورنى قاتارىدا ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1991 - يىلى نويابىردا ماكېدونىيە مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان. لېكىن، گرېتسىيە ئۇنىڭ دۆلەت نامى دۆلەت بايرىقىغا باشقىچە قاراشتا بولغاچقا، 1993 - يىلى ئاپرېلغا قەدەر < سابىق يۇگۇسلاۋىيە ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى > دېگەن ۋاقىتلىق دۆلەت نامى بىلەن ب د ت گە كىرگۈچە خەلقئارا كەڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ماكېدونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى دەل ئوتتۇرىسىغا ئالتۇن قۇياش سىزىلغان بىر قىزىل بايراق بولۇپ، قۇياشتىن 16 ئالتۇن نۇر چېچىلغان. بۇ نۇر چېچىپ تۇراغان بۇ قۇياش قەدىمكى ماكېدونىيىلىكلەرنىڭ ئىپتىخارلىقنىڭ سىمۋولدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش قەدىمكى ماكېدونىيىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى - كولابى تېغىنىڭ چوققىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىكەن. < كولابى چوققىسىدىكى قۇياش> نىڭ نۇرى ماكېدۇنىيىلىكلەرنى ئەۋلاتىن - ئەۋلادقىچە يۇرۇتقان ۋە قوغدىغان، ماكېدونىيىنىڭ تارىخى ۋارىسى ۋە قەدىمك مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىنغان. گرېتسىيىدىكى ماكېدونىيلىكلەرمۇ < كولابى چوققىسىدىكى قۇياش> قا ئىنتايىن چوقۇنغانلىقىتىن، گرېتسىيە ئۇنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى گرېتسىيە چېگىرىسىدىكى ماكېدونىيە رايونىغا يامان نىيىتى بار دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەتتە دۆلەت نامىدىكى تالاش - تارتىش بۇز بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت بايرىقى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشمۇ پەيدا بولۇپ، گرېتسىيە ماكېدۇنىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېتراپ قىلماي، دۆلەت بايرىقنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر