UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەربېلاۋ

بېلاۋ

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئوكيانىيە يوشۇرۇن خادا تاش تاقىم ئاراللىرى پالۇنىڭ تولۇق نامى <پالۇ جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، غەربىي تىنچ ئوكياندىكى كارولىن تاقىم اراللىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، زېمىنى 200 دىن ئارتۇق مارجان قىيا تاش ئاراللىرىدىن تەركىب تاپقان. پالۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى پالۇ رايونى ( Disrict Palau) ۋە پولېۋ تاقىم ئاراللىرى ( Is Pelew) بولۇپ، 1543 - يىلى ئىسپانىيىلىك لۇئى. روبېس. دېلىرائوس بۇ جايغا ئەڭ بۇرۇن كېلىپ، <يۇشۇرۇن خادا تاش تاقىم ئاراللىرى ( Arrecifes)> دەپ نام قويغان. پالۇدىكى يەرلىكلەر Panlong ياكى Panlogue دەپ ئاتايدۇ، مەنىسى <تاقىم ئارال> بولۇپ، 1686 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر بېسىۋالغاندىن كېيىن بۇ نامنى Palaos دەپ يازغان، بۇ پالۇلارنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. 17 - ئەسىردە ياۋرۇپالىقلار بۇ رايونغا ئاياق باسقاندىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1947 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پالۇنى ئامېرىكىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان. 1982 - يىلى ئۇ ئامېرىكا بىلەن <ئەركىن مۇناسىۋەت شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، 1993 - يىلى 11 - ئايدا ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا ماقۇللىنىپ، 1994 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاكالىتەن باشقۇرۇش رايونى بولغان پالۇ جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ھالدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. پالۇنىڭ يەر مەيدانى 493 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 17 مىڭ. ئىنگلىز ۋە مىكرونېزىيە تىللىرى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى كېلور. بىپايان غەربىي تىنىچ ئوكياننڭ كۆك ئاسمىنىغا ئالتۇن رەڭلىك بىر تولۇن ئاي ئېسىلغان بۇ كۆرۈنۈش، دەل بېلاۋدىن ئىبارەت غەربىي تىنچ ئوكياندا جۇلالىنىپ تۇرغان نۇرلۇق مەرۋايىتنىڭ تەسۋىرىدۇ. بېلاۋ جۇمھۇرىيىتىنڭ ئىلگىرى ئامېرىكا ۋاكالتەن باشقۇرغان جاي ئىدى. 1986 - يىلى بېلاۋ ۋاكالتەن باشقۇرۇلۇشىغا خاتىمە بېرىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ 1995 - يىلى بۇ ياش دۆلەت رەسمىي ب د ت نىڭ 185 - ئەزا دۆلىتى بولغان. بېلاۋ دۆلەت بايرىقى كۆك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك تولۇن ئاي بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە يارقىن تۈسىنى ھاسىل قىلغان. بۇ لايھە بېلاۋلار تارىخىنىڭ ۋە ئەنئەنىسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئالتۇن رەڭلىك دۈگلەك تولۇن ئاينى بىلدۈرگەن، بېلاۋلار ئۇزاقتىن بۇيان بېلىقچىلىق، ياغاچ تەييارلاش قاتارولىق ئىشلار بىلەن ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن. ئۇلار بۇ پائالىيەتلەر ۋە كېمە ياساش، نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈشتەك چوڭ - چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، تولۇن ئاي ۋاقتىدا بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. شۇڭا، ئاي بېلاۋلارنىڭ نەزىرىدە تىنىچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى بولغان. كۆك رەڭ ھەم چەكسىز تىنىچ ئوكياننى كۆرسەتكەن، ھەم ئەركنلىك، مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ دۆلەت بايرىقى بېلاۋ خەلقىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ۋە ئۆرپ - ئادەت، تەبىئي مەنزىرىسىنى تەنتەنىلىك ھالدا پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر