UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى دۆلەتلەرھىندونېزىيە

ھىندونېزىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئاسىيا تاقىم ئاراللار دۆلىتى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال دۆلەت، ئۇ ئاۋسترالىيە بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان 13 مىڭ 667 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندۇنېزىيىنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 900 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 1800 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 160 مىليون 658 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). دۇنيادا ئاھالىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە جۇڭگو، ھىندىستان، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش دىن قالسا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، 150 تىن ئوشۇق مىللەت بار. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا مىللىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ،% 47 نى، زوند مىللىتى %14 نى، مادورا مىللىتى% 7 نى ئىگىلەيدۇ، قالغىنىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ھىندۇنېزىيە تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىنگلىز تىلىمۇ ئلومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا، قالغانلىرى خرىستىئان، ھىندى دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھىندۇنېزىيە دۇنيادا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىسلام دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ھىندۇنېزىيە يەر پوستىنىڭ ئەڭ ياش ھەرىكەتچان بەلبېغىغا جايلاشقانلىقتىن، ۋولقان پارتلاش، يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يېرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھىندۇنېزىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن، ئىقلىمى تروپىك ئىقلىمغا كىرىدۇ. بۇ جايدا يىل بويى ياز بولىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق پەرنى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25-℃28 بولىدۇ. ھاۋاسى نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-4000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ ئاز بولغان ئورۇنلاردىمۇ 1000-2000 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ھەممە جاينى ياپيېشىل ئلوت - چۆپلەر، ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى% 64 گە يېتىدۇ. ھىندۇنېزىيە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دۆلەت، مىلادىيە 2 - ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 7 - ئەسىرگە كەلگەندە سوماترا ئارىلىدا پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغان. بۇ دۆلەت جۇڭگو، ھىندىستانلار بىلەن زىچ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن. 19 - ئەسىردىن باشلاپ گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندۇنېزىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغان. 1942 - يىلى 3 - ئايدا ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1945 - يىلى 8 - ئايدا ياپون تەسلىم بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىك ئېلان قىلىپ، ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. ھىندۇنېزىيە ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 26.4 نى (1983)، يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى پۈتۈن ئاھالىنىڭ% 70 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكلىدە ئاساسلىق شال، كۆممىقوناق، مانىخوت قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. كاۋاۋىچىن، كاۋچۇك، ياغلىق پالما، ياغاچ، پاختا مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بۇلاردىن باشقا پالما، چاي، تاماكا، كوفى، تالالىق ئاگاۋى، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، قەلەي، ئاليۇمىن توپىسى، مىس ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان كان سانائىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھازىر ھىندۇنېزىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىن نېفىت ئايرىش سانائىتى، كېمىسازلىق سانائىتى، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش سانائىتى، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتى، كاۋچۇك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ھىندۇنېزىيە نېفىت، كاۋچۇك، ياغاچ، قەلەي، كوفى، ياغلىق پالما قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا، قاتناش ئۈسكۈنىلىرى، پولات ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ تولۇق نامى <ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، زېمىنى ئېكۋاتوردىن ھالقىغان بولۇپ، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان ئارىسىدىكى 13667 ئارالدىن تەشكىل تاپقان، شۇڭا <مىڭ ئارال دۆلىتى> دېگەن تەرىپى بار. ھىندىستاننىڭ قەدىمىي كىتابلىرىدا ھىندونېزىيىنى نوشانتارا (Nusantara) دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <تاقىم ئاراللار دۆلىتى> بولىدۇ. ئېيتىلىشچە، ھىندونېزىيىنىڭ نامى گرېك يېزىقىدىن كەلگەن، Indos (سۇ) ۋە Nwsos (ئارال) خېتىدىن بىرىككەن بولۇپ، <سۇدىكى ئارال دۆلەت> دېگەن مەنىدە ئىكەن. يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈشتە، 16 - ئەسىردىن بۇرۇن ھىندونېزىيە مۇددەتلىك بۆلۈنمىچىلىك تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇششاق فېئودال دۆلەتلەرگە پارچىلىنىپ كېتىپ، ئىزچىل بىرلىككە كەلگەن نامى بولماي كەلگەن. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، گوللاندىيە بۇ جايلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئاراللارنى <گوللاندىيىگە تەۋە شەرقىي ھىندىستان> دەپ ئاتىغان. بۇ نام بۇ ئاراللارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئورتاق نامى بولغان. 1988 - يىلى، گېرمانىيە مىللەت جۇغراپىيىشۇناسى بارىستون ئۆزىنىڭ ئىرق ۋە تىل تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۇنجى قېتىم بۇ ئاراللارنى <ھىندونېزىيە> دەپ ئاتىغان بولۇپ، مەنىسى <ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى مەملىكىتى> بولىدۇ. 1922 - يىلى، بىر تۈركۈم گوللاندىيىدە ئوقۇغان ھىندونېزىيىلىك ئوقۇغۇچىلار، دۆلەت نامىنى <ھىندونېزىيە> قىلىشنى رەسمىي تەشەببۇس قىلغان ۋە ئۆزلىرى قۇرغان مىللىي تەشكىلاتنىڭ نامىنى <ھىندونېزىيە ئويۇشمىسى> دەپ بېكىتكەن. 1928 - يىلى، ھىندونېزىيە ياشلار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى <ھىندونېزىيە بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر تىل> دەپ قارار ماقۇللىغان. شۇندىن ئېتىبارەن ھىندونېزىيە دېگەن نام دۆلەت ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. 1949 - يىلى 11 - ئايدا ھىندونېزىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيتىگە ئۆزگەرتىلىپ، گوللاندىيە - ھىندونېزىيە ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان. 1950 - يىلى 8 - ئايدا مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. ھىندونېزىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.9046 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 200 مىليون، % 14ىنى ياۋا مىللىتىگە تەۋە خەلقلەر تەشكىل قىلدۇ. ھىندونېزىيە تىلى كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 68ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى جاكارتا، پۇل بىرلىكى ھىندونېزىيە رۇپيىسى. ھىندونېزىينىڭ قىزىل ۋە ئاق رەڭدىن تەركىب تاپقان دۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ھىندونېزىيلىكلەر مۇقەددەس بايراق دەپ قارايدۇ. قىزىل رەڭ باتۇرلۇق بىلەن ھاققانىيەتكە، ئاق رەڭ ئەركىنلىك ۋە پاكلىققا سىمۋول قىلىنغان. 13- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا قىزىل، ئاق بايراق شەرقىي ياۋا ئارىلىدىكى مانۇباخ خاندانلىقىنىڭ بايرىقى بولغان. مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش مىللىي ھەرىكىتىدە ھىندونېزىيە خەلقى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلغان. 1945- يىلى مۇستەقىل بولۇپ، بۇ بايراق رەسمىي دۆلەت بايرىقى بولغان. دۆلەت گېربى ئالتۇن رەڭلىك شۇڭقار بولۇپ، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ شەرەپلىكىگە ۋە غەلبىسىگە سىمۋول قىلىنغان. 17- ئاۋغۇسىت ھىندونېزىينىڭ مۇستەقىل كۈنى بولغاچقا، مۇقەددەس شۇڭقارنىڭ قۇيرۇقىدىكى سەككىز تال پەي 8- ئاينى، ئىككى قانىتىدىكى پەي 17 تالدىن بولۇپ 17- كۈنىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، 17- ئاۋغۇسىت كۈنىنى خاتىرلىگەن. شۇڭقارنىڭ كۆكسىدە بەش خىل رەسىم سىزىلغان قالقان بولۇپ، دەل ئوتتۇرسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزنىڭ ئىسلام دىنىغا سىمۋول قىلىنغانلىقىنى، كۆپىنچە ئاھالىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلدىغانلىقنى بىلدۈرگەن؛ ئالتۇن رەڭلىك سۇ كالىسنىڭ بېشى ھوقۇق خەلقىڭ قولىدا ئىكەنلىكى نامايەن قىلىنغان، يېشىل ياۋا ئەنجۈر دەرىخى مىللەتچىلەرنى ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى. كېۋەز غوزىسى بىلەن شال باشىقى گۈللەپ ياشنىغان ۋەزىيەتنى بىلدۈرگەن. ئالتۇن رەڭلىك ھالقىلار مەملىكەت ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. قالقان ئوتتۇرىسىدىن توغۇرسىغا تارتىلغان قارا سىزىق ئېكۋاتورنىڭ ھىندونېزىيە زېمىنىدىن كېسىپ ئۆتىسىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق لېنتىغا قەدىمكى ھىندونېزىيە يېزىقىدا < يوى باشقا، مەنزىلى بىر> دېگەن سۆز يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ھىندونېزىيە | UyghurWiki | UyghurWiki