ئىسرائىلىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
ئىلاھ جەڭچىسى
ئىسرائىلىيىنىڭ تولۇق نامى <ئىسرائىلىيە دۆلىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ غەربىدىكى پەلەستىن رايونىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، ئەسلى ئىبرايلار (يەھۇدىيلار) قەبلىسىنىڭ نامى بولۇپ، ئىسرائىل ئىلاھىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. <ئىنجىل> دائېيتىلىشچە، ياقۇپ يەھۇدىيلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئەجدادى بولۇپ، ئۇ ئاسمان ئىلاھى بىلەن كۈن سىنىشىپ يېڭىۋالغاچقا، ئىلاھ <ئىسرائىلىيە> دېگەن نامنى ھەدىيە قىلغان، بۇنىڭ مەنىسى <ئىلاھ جەڭچىسى> ياكى <ئىلاھ بىلەن كۈچ سىناشقان>بولۇپ، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزىنى <ئىسرائىيىلىكلەر> دەپ ئاتىغان، <ئىسرائىلىيە> دېگەن دۆلەت نامىمۇ شۇنىڭدىن پەيدا بولغان؛ ئىككىنچى، ئەرەب ئالىملىرى ئىسرائىلىيە سۆزى گانەن تىلى بولۇپ، ئىسھاق ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم خەلىلولانىڭ نەۋرىسى ياقۇپنىڭ باشقا ئىسمى، ئۇ <ئىسرا> (قۇل) بىلەن <ئىل> (ئىل ئىلاھى، يەنى بىردىنبىر ئىلاھ)سۆزىدىن تەركىب تاپقان، مەنىسى <ئىل ئىلاھىنىڭ قۇلى> بولىدىكەن دەپ قارايدۇ. تارىختىكى ئىسرائىللارنىڭ نامىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە، مىلادىدىن ئىلگىرى 13 - ئەسىردىكى مىسىر شاھى مىللوپۇتاھىنىڭ جەڭ غەلبىسى خاتىرە ئابىدىسى بولۇپ، بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ھازىرقى ئىسرائىلىيە دۆلىتى غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن چىگراسى ئىچىدە قۇرۇلغان يەھۇدىيلار دۆلىتى بولىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ يىراق ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندىكى شام مىللىتىنىڭ تارمىقى بولغان ئىبرايلار بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 12 - ئەسىردە ھەر قايسى ئىبراي قەبىلىلىرى مىسىردىن پەلەستىننىڭ جەنۇبىي رايۇنلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى ئەسىردە رىم ئىمپېرىيىسى يەھۇدىيلارنى بويسۇندۇرۇپ، ماككاۋى پادىشاھلىقىنى قورۇپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق يەھۇدىينى قىرىپ تاشلىغان، قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پەلەستىندىن ھەيدىۋېتىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاپ كەتكەن، 1897 - يىلى <دۇنيا يەھۇدىيلار دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشكىلاتى> قۇرۇلغان. 1947 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى <بۆلۈپ> ئىدارە قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان. 1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى رەسمىي قۇرۇلغان. 1967 - يىلى ۋە 1973 - يىلىدىكى ئەرەب ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۇرىيىنىڭ گېلان ئېگىلىكى ۋە مىسرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان. 1979 - يىلىدىكى داۋىد كېلىشىمىگە ئاساسەن سىناي يېرىم ئارىلى مىسىرگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ 1947 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن يەر مەيدانى 15.2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 6 مىليون 100 مىڭ. 80%ى يەھۇدىي، قالغىنى ئەرەبلەر ھېساپلىنىدۇ. ئىبراي ۋە ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىنىڭ ھەم مەلۇم تەسىرى بار. پايتەختى تېل - ئاۋىف، يېرۇسالىم. پۇل بىرلىكى يېڭى شېكىل.
ئىسرائىليە ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلغا جايلاشقان. ئاجايىپ رىۋايەتلەر بىلەن تولغان، شەرق بىلەن غەرب كېسىشىدىغان بۇ جايدا ئۈچ چوڭ قەدىمكى دىن ئىختىيارسىز ھالدا بىر يەرگە كېلىپ، بۇ يەرنى مۇقەددەس جايغا ئايلاندۇرغان. ئەمما، بۇ مۇقەددەس جاي شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىرق، ئوخشاش بولمىغان دىن ئوتتۇرسىدا ئۆر ئارا تىغ كۆتۈرشۈپ ئېلىشىدىغان جەڭ مەيدانغا ئايلانغان، يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرى كاج كېلىپ، ئۆزىدىن كۈچلۈك كەلگگن باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ھەيدىلىپ، يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىسرائىليىلىكلەر تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە تەشنا بولۇپ، ئۆزلىرنىڭ يۇرت- ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان داۋىد خانلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلغان. ئالتە بۇرجەكلىك داۋىد خان قالقىنى يەھۇدىيلار مۇقەددەس بىلىدىغان يۇلتۇز بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش غايسى بېغىشلانغان. يەھۇدىيلار سادىق مۇرىتلاردىن بولۇپ، ھەر كۈنى ئاق ۋە قارا ئىككى خىل رەڭدىكى مۈرە يۇپۇقىنى ئارتۋېلىپ:ئاھ، ئىلاھىم، بىزدەك يولدىن ئازغان قوزىلىرىڭنى ساقلىغايسەن ۋە يول كۆرسىتىپ بەرگەيسەن!دەپ ئاللاغا بولغان تەقۋادارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.1948- يىلى مايدا سەرسانلىقتا ھەر يەردە يۈرگەن يەھۇدىيلار ئاخىر سەرگەردانلىقىنى مۇقەددەس مۈرە يۇپۇق رەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ، تېگى ئاق كۆك بەلدەملىك بايراق قىلغان ھەمدە يەھۇدىيلارنىڭ روھىي سىمۋولى راۋىدخان يۇلتۇزنى ئوتتۇرسىغا كىرگۈزگەن.
ئىسرائىليە دۆلىتى ئەسلىگە كەلگەندە مۇقەددەس ئېرۇسالىم ئىبادەتخانىسى يەتتە تال شامداننى دۆلەت گېربى قىلىپ بىكىتكەن. يەتتە تال شامدان قەدىمكى يەھۇدىيلار روھى بىلەن تومۇرداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. شامدان قەدىرلىك خۇداسى بولۇپ، ئۇزاق تۈنلەردە، يىراق يۇرتلاردا تېنەپ يۈرگەن، ماكانسىزلىق دەردىدىن نەپرەتنى كۆڭلىگە پۈككەن يەھۇدىيلارغا چەكسىز خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇرنى تۇتاشتۇرغان. شامداننىڭ يېنىدىكى زەيتۇن شېخى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان تەشنالىقىنى ئىبادىلگەن. ئىسرائىليىلىكلەر قەدىمكى ھېبېرىيلار يېزىقىدا دۆلەت گېرىبگە ئۆزلىرنىڭ پەخىرلىنىدىغان دۆلەت نامى: ئىسرائىليە دۆلتى دېگەن خەتنى يازغان