بېلورۇسسىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
ساپ رۇسلار
سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى بىر جۇمھۇرىيەت. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى پولشا بىلەن، قالغان تەرەپلىرى روسىيە فېدېراتسىيىسى، ئوكرائىنا، لىۋا، لاتۋىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 207 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 9 مىليون 941 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ 4/5 قىسمىنى بىلورۇس مىللىتى، قالغانلىرىنى رۇس، پولەك قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى مىنسىكى شەھىرى. بېلوروسىيىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىنى دنېپر دەريا بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ. غەربىي شىمال بىلەن شەرقىي شىمالدا پەس ئېدىرلىقلار بار بولۇپ، غەربىي دىۋىنىيە، نېمان دەريالىرى ئېقىپ ئۆتىدۇ، جەنۇبىي قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس بولۇپ، سازلىقلار كۆپرەك جايلاشقان. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرسى ℃4.5 دىن ℃8 قىچە، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃18 ئەتراپىدا بولىدۇ. ھاۋاسى نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 550-700 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بۇ جايدا نېفىت، تەبىئىي گاز، تورف، كالىي تۇرزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. پۈتۈن جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1/3 قىسمىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. بېلوروسىيە 18 - ئەسىردە چارروسىيىگە قوشۇلغان. 1919 - يىلنىڭ بېشىدا بېلوروسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1922 - يىلى 12 - ئايدا روسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن بىرلىشىپ سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى بولۇپ ئۇيۇشقان. بېلوروسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدا سانائىتى تەرەققىي قىلغان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق سانائىتىدە ستانوك، تراكتور، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چوڭ تىپتىكى ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرى، كومبايىن ئىشلەپچىقىرىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، سانائەت موتسېكلىت قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەشتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بېلوروسىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. ئاسىيا كەندىرى، ياڭيۇ، كۈزلۈك بۇغداي، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر بىلەن سۈتلۈك كالا، چوشقا بېقىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بېلوروسىيە سىرتتىن ھەرخىل مېتال، ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، كۆمۈر، نېفىت قاتارلىقلارنى ئالىدۇ، سىرتقا تراكتور، ئاپتوموبىل، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى چىقىرىدۇ. بېلوروسىيە بويىچە ۋىتسېبسىك، گومېلې، بوبرويسىك، برېست شەھەرلىرى مۇھىم شەھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ.
بىلۇرۇسىيىنىڭ تولۇق نامى <بىلۇرۇسىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كەلگەن بولۇپ، مىلادى 14 - ئەسىردىن باشلاپ تارىخ كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىر خىل ئېيتىشتا، سلاۋيان مىللىتىنىڭ شەرقىي تارمىقى بولغان بىلۇرۇسلار رۇسلار، ئوكرائىنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ساپ بولغان قەدىمكى سىلاۋيانلار قان سىستېمىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان، شۇڭا بىلۇرۇسىيىنى <ساپ رۇسلار> دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ دەيدۇ. بەزىلەر قەدىمدە بۇ مىللەت كىشىلىرى ئاپئاق كەندىر رەختىدىن كىيىم كىيىپ ۋە پۇتىنى ئاق لاتا بىلەن تېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان دېيىشىدۇ. يەنە بىر خىل ئېيتىشتا بولسا رۇسلار تاتارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ ئازاد بولغان. ئاق رەڭ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىققا تەمسىل قىلىنغان مەنىسى بار دەپ قارايدۇ. بىلۇرۇسلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى مىلادىنىڭ دەسلىپىدە دېنپىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا ياشىغان ۋېرگىچلار ھەمدە مىلادى 6 - 7 ئەسىرلەردە غەربتىن كەلگەن راگمىسكىلار، دىلگىۋىچلاردۇر. توققۇزىنچى ئەسىردە بىر قانچە شەرقىي سىلاۋيان قەبىلىسى قەدىمكى رۇس قەبىلىسى بولۇپ ئۇيۇشۇپ، كېيۋرۇس گىرىتسوگلىقىنى قۇرغان. 12 -- 14 ئەسىرلەردە بىلۇرۇسىيە، ئوكرائىنىيە، رۇسىيە دەپ ئۈچ قىسمغا پارچىلىنىپ كەتكەن؛ 1569 - يىلى پولشا بىلەن قوشۇلغان؛ 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى چارروسىيە قوشۇۋالغان؛ 1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان؛ 1919 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى <بىلۇرۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان؛ 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بىلۇرۇسىيە قۇرغۇچى دۆلەت سۈپىتىدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
بىلۇرۇسىيەنىڭ يەر مەيدانى 207.6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 346 مىڭ. بۇنىڭ % 79ى بىلۇرۇسلار، % 13ى رۇسلار، قالغىنى پولەك، ئۇكرائىن ۋە يەھۇدىيلاردۇر. كۆپچىلىك ئاھالىسى بىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بىلۇرۇس تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى مىنسكى. پۇل بىرلىكى رۇبلى.
بېلورۇسىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى ئەۋزەل بولۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى قۇرۇقلۇق قاتناشنىڭ مۇقەررەر يولىدۇر. دۇنياغا مەشھۇر ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى مۇشۇ يەردىن كېسىپ ئۆتىكەچكە < قاتناش تۈگۈنى دۆلىتى> دەپ ئاتالغان. بېلورۇسىيە قەدىمكى رۇسلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ سلاۋيان مىللىتىدىن كەلگەن. 10 - ئەسىردىن 12 - ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا بېلورۇسىيە كىيېف رۇسلىرىنىڭ باشقۇرۇشغا ئۆتكەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بېلورۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1917 - يىلى چار پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، بېلورۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. 1922 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرىپ، 1945 - يىلى ب د ت گە ئەزا بولغان. 1991 - يىلى ئاۋغۇسىتتا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان.
بېلورۇسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى تېگى ئاق بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا قىزغۇچ جىگەررەڭلىك كەڭ بەلدەم تارتىلغان. ئاق رەڭ بېلورۇسىيە مىللىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ بېلورۇسىيىنىڭ تتاتارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولۇپ، ئەركىنلىك ۋەمۇستەقىللىققا قايتىدىن ئېرشىپ، < ئەركىن رۇس > بولغانلىقىغا سىمۋول قىلغان. ئوتتۇرسىدىكى قىزغۇچ جىگەررەڭ يات مىللەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بېلورۇسىيىلىكلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاجايىپ باتۇرانە كۈرەش قىلغان شانلىق تارىخىنىڭ ئۈنسىز بايانى بولۇپ، بېلورۇسىيە خەلقىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقىماس قەيسەر خاراكتېرى نامايان قىلىنغان.
قالقانسىمان قىزىل دۆلەت گېربىگە تولۇق قوراللانغان بىر چەۋەندازنىڭ ئوڭ قولدا بىر قىلىچ، سول قولدا ئالتۇن رەڭلىك قوش كرېسىت بولۇپ، قالقان كۆتۈرلۈپ تۇرغان ئاتنىڭ ئۈستىدە تىزگىنىنى تارتىپ تۇرغان كۆرۈنۈش سىزىلغان. بۇ رەسىم قەدىمكى بېلورۇسىينىڭ بەلگىسىدۇر.