ئىستونىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
سۇ بويىدا ئولتۇراقلاشقان ئادەم
سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، سوۋېت ياۋروپا قىسمىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان. غەرب، شىمال تەرەپلىرى رىگا قولتۇقى، بالتىق دېڭىزى ۋە فىنلان قولتۇق سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرق، جەنۇب تەرەپلىرى روسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە لاتۋىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 45 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 529 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئېستونىيىلىكلەر ئاھالىسىنىڭ 3/2 قىسمىدىن كۆپرەكىنى، رۇسلار 4/1 نى تەشكىل قىلىدۇ. پايتەختى تاللىن شەھىرى. ئېستونىيىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس، تەكشى بولۇپ، ئارىلاپ ئېدىرلىقلار ئۇچرايدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە 100 مېتىرغا يەتمەيدۇ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 317 مېتىر كېلىدۇ. ئۇششاق كۆللەر ناھايىتى كۆپ تارقالغان. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600-700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھاۋاسى نەم كېلىدۇ، ئورمانلىقلار پۈتۈن يېرىنىڭ %36نى تەشكىل قىلىدۇ. كان بايلىقلىرى مايلىق سلانېتس، تورفنى ئاساس قىلىدۇ. ئېستونىيە 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرى چارروسىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1919 - يىلى مۇستەقىل بولغان. 1940 - يىلى قايتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە قوشۇلۇپ، ئېستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. سانائەتتە مايلىق سلانېتس ئېلىش ھەم پىششىقلاپ ئىشلەش، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا سۈتلۈك، گۆشلۈك چارۋا ئاساس قىلىنىدۇ. تېرىلغۇ يېرى پۈتۈن يېرىنىڭ % 18نى تەشكىل قىلىدۇ. كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەم - خەشەك زىرائەتلىرى، ياڭيۇ، كۆكتات، ئاسىيا كەندىرى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىستونىيىنىڭ تولۇق نامى <ئىستونىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كەلگەن. بۇ نام ئىستونىيىلىكلەرنىڭ ئاتا - بوۋىسى -- ئىستولارنىڭ نامى Etnes تىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئىستولار فىنلاندىيە ئوگېر مىللىتىگە تەۋە بولۇپ، نامى بالتىق تىلىدىكى aueist تىن پەيدا بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <سۇ بويىدا ئولتۇراقلاشقان ئادەم>. چۈنكى ئىستونىيىلىكلەر يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا رىگا قولتۇقى، بالتىق دېڭىزى ۋە فىنلاندىيە قولتۇقى بويلىرىدا ماكانلىشىپ ياشاپ كەلگەن، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان. ئىستون مىللىتى مىلادى 12 -- 13 - ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن. 13 - ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىستونىيە گېرمان چەۋەندازلار پولكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن شۋېتسىيە، پولشا، لىتۋا پادىشاھلىقى ۋە دانىيىلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان، 17 - ئەسىردە شۋېتسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، 18 - ئەسىردە چار روسىيە قوشۇۋالغان. 1918 - يىلى ئىستونىيە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ۋە ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرغان، 1940 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بېسىۋالغان، كېيىن ئىستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1990 - يىلى 5 - ئايدا دۆلەت نامىنى ئىستونىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىپ، 1990 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۈتۈنلەي مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
ئىستونىيىنىڭ يەر مەيدانى 45 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 570 مىڭ، ئىستونىيىلىكلەر % 66نى، رۇسلار %28 نى ئىگىلەيدۇ، قالغىنى ئوكرائىنلار، بىلورۇسلار ئىگىلەيدۇ. لوتىر يېڭى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىستون تىلى ئىشلىتىلىدۇ. پايتەختى تاللىن.
ئېستونىيە مللىتى 12 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن. ئولار گېرمانلار ۋە داتلارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن گېرماننىڭ ئەھلىسەلىپ سان چەۋەندازلار پوللىكىگە قارشى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، لىۋونىيىگە ئايرىلىپ كەتكەن. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېستونىيە باشقىلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىپ، شىمالىي قىسىمى شۋېتسىيىگە تەۋە بولغان، جەنۇبىي قىسىمىنى پولشا لتۋا پادىشاھلىقى بېسىۋالغان، دانىيە سالما ئارىلىنى تۇتۇپ تۇرغان. 17 - ئەسىردە ئېستونىيە شۋېتسىيىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئۆتۈپ قالغان. 1721 - يىلى نستادىت تىنچلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن ئېستونىيە رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1918 - يىلى ئېستونىيە، لتۋا ۋە لاتۋىيىلەر رۇسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1940 - يىلى ئاۋغۇسىتتا ئېستونىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قۇشۇۋېتىلگەن. 1991 - يىلى ئاۋغۇسىتا ئېستونىيە يەنە مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئېستونىيە دۆلەت بايرىقى كۆك، قار ا ۋە ئاق بەلدەملىك ئۈۋ خل رەڭلىك بايراق بولۇپ، ئۈستىدىن تۆۋەنگىچە كۆك، قارا ۋە ئاق ئۈچ پاراللېل تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىلدەتىزىلغان. كۆك رەڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ تاڭ نۇرىنى كۆرسەتكەن، قارا رەڭ كىشىلەرنى ئېستونىيىنىڭ باشقا مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان ئېغىر كۈنلەرنى ئەسلەتكەن، ئاق رەڭ ئېستوىلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن.
دۆلەت گېربى ئىلگىرىكى ئېستونىيە ئۆلكىسى ۋە پايتەختى تاللىنىڭ گېربىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتۇن زېمىنىغا ئۈچ كۆك شىرنىڭ رەسىمى سىزىلغان. بۇ شىرلارنى 13 - ئەسىردىكى دانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنڭ ئىزناسى دېيىشكە بولىدۇ. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىغا شىمالىي ياۋروپانىڭ يېشىل كاۋچۇك يوپۇرمالىرى سىزىلغان. ئېستونىيىنىڭ تارىخى باشقىلارنىڭ بوسۇندۇرۇشىغا قارشى كۈرەش تارىخى بولۇپ، ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى باشتىن كۈچۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ قالغا.