UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس

ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا خرىستىئان پوپىنىڭ ئىسمى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ۋىندۋارد ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى دېڭىز ئارقىلىق سانت لۇسيە، جەنۇبىي قىسمى گرېنادا دۆلەتلىرى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارال دۆلەت سانت ۋىنسېنت ئارىلى، گرېنادېنس ئارىلى ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بەش كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 389 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سانت ۋېنسېنت ۋە گرېنادىنېس ئاراللىرى تاغلار بىلەن قاپلانغان ۋولقانلىق ئاراللاردىن بولۇپ، ئەڭ ئېگىز سوپىر ئىد چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1234 مېتىر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23-℃31، ھۆل - يېغىن مىقدارى 2500 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. تروپىك ئورمانلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ% 50 يېرىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 113 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ% 65.5 نى نېگىرلار، %19 نى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر،% 3.5 نى ئاق تەنلىكلەر،% 5.5 نى ھىندىئانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك ھەم خرىستىئان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى - كىنگىستون شەھىرى. بۇ ئاراللارنى 1763 - يىلى ئەنگلىيە ئىگىلىگەن. 1779 - يىلى فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1783 - يىلى ۋېرسال كېلىشىمىگە ئاساسەن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1958 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەنگلىيە بۇ ئاراللارنى غەربىي ھىندى بىرلەشمىسى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 1969 - يىلى 10 - ئايدا بۇ ئىككى ئارال ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1979 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. سانت سىنسېنت ۋە گرېنادىنېس ئىقتىسادىي جەھەتتە بانان، شېكەر قۇمۇشى، كوكۇس پالمىسى، پاختا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. بولۇپمۇ بانان ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى بولۇپ، ئېكسپورتىنىڭ% 58 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چارۋچىلىق ھەم بېلىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. سانائىتىدە پالما يېغى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، تاماكا، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانت ۋىنسېنت ۋە گرېنادېنس ئاراللىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولغانلقتىن، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ھەر يىلى بۇ جايغا ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان كىشىلەر 50 مىڭغا يېتىدۇ ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس كىچىك ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقا. ساينت ۋىنسېنت ئارىلى بۇ دۆلەتتىكى ئاسسىي ئارال بولۇپ، ئارالنىڭ ئەڭ بۇرۇنىئاھالىسى كارىب ئىندىئانلىرى. بۇ جاي 1498 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كولۇمبو بۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىققاندا دەل ساينت ۋىنسېت بايرىمىغا توغرا كەلگەچكە شۇنداق ئاتالغان، ساينت ۋىنسېنت فرانسىيىنىڭ مەشھۇر بىر خرىستىئان پوپى. ئارال 1783 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1958 - يىلى 1 - ئايدا ئەنگلىيە سايت ۋىنسېت ۋە گرېنادىنېس غەربىي ھىندى فېدېراتسىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 1969 - يىلى 10 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە شىتاتى بولغان. 1979 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېسنىڭ يەر مەيدانى 389 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 118 مىڭ. نېگىرلار % 70نى، شالغۇت نەسىللىكلەر % 22نى، ئاسىيالىقلار % 3نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالە ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىپ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كىنگستون. پۇل بىرلىكى شەرقىي كارىب دوللىرى. ساينىت ۋنسېنىت ۋە گرېنادنېسنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆك، سېرىق رەڭلىك تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرىسىدىكى سېرىق تىك تۆت تەرەپلىكىنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن ئاق سىزىق تارتىلغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولكا دەرىخىنىڭ بىر يېشىل ياپرىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت گېربى سىزىلغان. كۆك رەڭ ئاسمان ۋە ئوكياننى، سېرىق رەڭ ئىسسىق بەلۋاغنىڭ قۇياش نۇرىنى بىلدۈرگەن. ئاق رەڭ پاكلىق ۋە تىنچلىقنىڭ، يېشىل رەڭ مۇنبەت زېمىن ۋە ياپيېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىمۋولى بولغان. ساينىت ۋنسېنىت كارىب دېڭىزى رايونىدا ئەڭ بورۇن بولكا دەرىخى بەرپا قىلغان ئارال بولغاچقا، بولكا دەرىخى ساينىت بىلەن گرېنادنېسىنىڭ دۆلەت دەرىخى بولۇپ قالغان. ساينىت ۋنسېنىت ئارىلىقىمۇ كولومبۇ نام بەرگەن. 1498 - يىلى 22 - يانۋار ساينىت ۋنسېنىت بايرىمى بولغان كۈنى كولومبۇ بۇ ئارالنى بايقىغان. 1783- يىلى بۇ ئارال ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1917 - يىلى مۇستەقىل بولغان. بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىدىكى تۆت خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان. ئاستىدىكى لېنىتىغا < تىنىچلىق ۋە ئادالەت > دېگەن خەت يېزىلغان. يېشىل زېمىندا كۆك كىيىملىك بىر ئايال زەيتۇن شېخىنى تۇتۇپ ئىبادەتخان ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈش تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان. كۆك كىيىملىك يەنە بىر ئايال ئىنادەتخانا ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغانلىقى ئادالەتكە سىمۋول قىلىنغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر خرستىئان دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان بۇ ئارال دۆلەتنىڭ ھاياتى تەشنالىقتا ياشايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىغا غوزىسى ئېچىلغان كېۋەزنىڭ بىر تۈپ شېخى قويۇلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق زىرائىتىنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر