UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەردومىنىكا فېدېراتسىيىسى

دومىنىكا فېدېراتسىيىسى

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا <دەم ئېلىش كۈنى> دومىنىكا دۆلىتى كىچىك ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرىدىكى دومىنىكا ئارىلىغا جايلاشقان. كولۇمبو ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىدە 1493 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بۇ ئارالنى بايقىغان، چۈنكى شۇ كۈنى دەل يەكشەنبە بولغاچقا، <دومىنىكا> دەپ نام قويغان. ئىسپان تىلىدا دومىنىكانىڭ مەنىسى <يەكشەنبە>، <دەم ئېلىش كۈنى> بولۇپ، ئىنگلىزچىدىكى Dominica سۆزى شۇنىڭدىن كەلگەن. 17 - ئەسىردە ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ئارالنى كەسكىن تالاشقان، لېكىن كارىب خەلقلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە قارشى تۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئىككىلىسى ۋاقتىنچە مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. كېيىن 1763 - يىلىدىكى <پارىژ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، ئارال ئەنگلىيىگە قۇشۇۋېتىلگەن. كېيىن فرانسىيە ئارالنى ئىككى قېتىم ئىگىلەپ باققان. 1805 - يىلى ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، 1967 - يىلى 3 - ئايدا ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ئالاقە شىتاتى بولغان، 1978 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى <دومىنىكا فېدېراتسىيىسى> قىلىپ بېكىتكەن. دومىنىكا دۆلىتىنىڭ يەر مەيدانى 751 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 83مىڭ. نېگىر - ئاق تەنلىك نەسىللىكلەر % 80نى، ئىندىئانلار % 10نى ئىگىلەيدۇ. ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى روسېئاۋ. 1493 - يىلى كولومبۇ غەربىي يېرىم شارىنى ئىككىنچى قېتىم ساياھەت قىلغاندا بايقىغان. 1805 - يىلى بۇ ئارال ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1978 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى دومىنىكا فېدېراتىسىيىسى دەپ بېكىتكەن. سېرىق، ئاق، قارا رەڭدىن تەركىب تاپقان كرېسىت دومىنىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ يېشىل دۆلەت بايرىقىنى تۆت تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلگە ئايرىغان. كرېسىتنىڭ كېسىشكەن يېرىگە بىر قىزىل دۈگىلەك، قىزىل دۈگىلەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر يېشىل قاناتلىق شاتۇتى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بەش بۇرجەكلىك ئون يېشىل يۇلتۇز سىزىلغان. بايراقتىكى يېشىل رەڭ پۈتۈن تارقالغان بانان بېغىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۈچ خىل رەڭلىك كرېسىت شۇ جايدىكىلەرنىڭ خرستىئان دىنىغا بولغان ئېتقادى ۋە < پەيغەمبەر ئاتا، پەيغەمبەر بالا ۋەپەيغەمبەر روھىنىڭ بىر گەۋدە > ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سېرىق رەڭ يەرلىك ئاھالە كاربۇ ئىندىئانئىرىنى، قارا رەڭ ئارالدىكى ئاساسلىق ئاھالە قارا تەنلىكلەرنى كۆرسەتكەن، ئاق رەڭ دەريا - ئېقىن ۋە ئېگىز شارقىراتمىلارغا ئوخشىتىلغان، مەركەزدىكى قىزىل دۈرگىلەك ئىجتىمائى تەرەققىيات پىلانىنىڭ سىمۋولى بولغان. بەش بۇرجەكلىك 10 يېشىل يۇلتۇز 10 دىنى رايونىنى كۆرسەتكەن، دەل ئوتتۇرىسىدىكى < شىسېرو > شاتۇتى بولۇپ، ئۇ بۇ ئارالنىڭ دۆلەت قۇشى ھەم فېدېراتىپىنىڭ سىمۋولدۇر. دۆلەت گېربى خرىستىئان دىنىنى بىلدۈردىغان بىر كرېسىت ئارقىلىق تۆتكە بۆلۈنگەن. كوكۇس پالمىسى بىلەن بانان دەرىخى بۇ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى كۆرسەتكەن؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىگە بىر كالا پاقا، سول تەرەپنىڭ ئاستىغا بىر يەلكەنلىك كېمە، دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنغا بىردىن شاتۇتى سىزىلغان؛ دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدا بىر ئالتۇن شىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سېرىق لېنتىغا < خۇدانى سۆيىمەن، ھەممە مەۋجۇداتلارنىمۇ سۆيىمەن> دېگەن خەت يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
دومىنىكا فېدېراتسىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki