فىنلاندىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
كۆل - سازلىق دۆلىتى
ياۋروپاغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 337 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پەس تاغلىقلار بىلەن ئىدىرلىقلار ئىگىلەيدۇ، يەر ۋەزىيىتى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. غەربىي جەنۇبتىكى دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 50 مېتىرغا يەتمەيدۇ. قالغان كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200-500 مېتىرغا يېتىدۇ. فىنلاندىيىنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغلار بار. فىنلاندىيىدە كۆل، سازلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، چوڭ - كىچىك كۆللەر 60 مىڭدىن ئاشىدۇ. كۆللەرنىڭ مەيدانى پۈتۈن فىنلاندىيە مەيدانىنىڭ %8 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ <مىڭ كۆللەر دۆلىتى> دەپ نام ئالغان. فىنلاندىيە يېرىنڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىمالىي كەڭلىك° 60 نىڭ شىمالىغا،
1/3 قىسمى شىمالىي قۇتۇپ دائىرىسىگە جايلاشقان. شۇڭا ئىقلىمى نورۋېگىيە، شۋېتسىيىگە قارىغاندا سوغۇق بولىدۇ. ئىقلىمىنىڭ ماتېرىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4-℃16 -، يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇىرچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃13-℃ 16ئارىلىقىدا بولىدۇ. فىنلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ھەر يىلى توققۇزىنچى ئايدىنم باشلاپ، ئىككىنچى يىلى بەشىنچى ئايغىچە مۇز قاتىدۇ. بۇ جايلاردا قىراۋسىز مەزگىللەر 100 كۈندىن ئاشمايدۇ، شۇڭا فىنلاندىيىدە ھەرخىل دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشنىڭ شەرتى تولۇق ئەمەس. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. قىشلىقى قېلىن قار ياغىدۇ، ياز پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھۆل - يېغىن كۆپرەك بولىدۇ. فىنلاندىيىنىڭ ئورمان بايلىقى ناھايىتى مول، پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 71نى يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئورمان ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. فىنلاندىيىنىڭ ئاھالىسى تۆت مىليون 860 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان، ئاھالىنىڭ % 93نى فىن خەلقلىرى، قالغىنىنى راپو خەلقلىرى، شۋېتسىيىلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ %92 خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فىنلاندىيە تىلى بىلەن شۋېتسىيە تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. فىنلاندىيىدە ئەڭ دەسلەپ راپو خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان، كېيىن فىن خەلقلىرى كۆچۈپ كېلىپ، فىنلاندىيە دۆلىتىنى قۇرغان. 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى شۋېتسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1809 - يىلدىكى روسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن چارروسىيە دائىرىسىگە قوشۇلغان. 1917 - يىلى 12 - ئايدا فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغان. فىنلاندىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سانائىتىدە ئورمان سانائىتى بىلەن قەغەز سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. فىنلاندىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن دۆلەت تېرىلغۇ يېرىنىڭ 2/3 قىسمىدا يەم - خەشەك ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا گۆشلۈك، سۈتلۈك كالا ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئېكسپورت قىلىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ كېتىدۇ، فىنلاندىيىنىڭ قاتناش - ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈر يول، تاشيوللاردىن باشقا ئۇنىڭ پۈتۈن كۆل، دەريالىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشى بەك قولاي. سۇ قاتناش مۇساپىسى 6600 كىلومېتىر كېلىدۇ.
فىنلاندىيىنىڭ تولۇق نامى <فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى>بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ شىمالىغا جايلاشقان. غەربىي جەنۇبتا بالتىق دېڭىزىغا يۈزلىنىپ، غەربتە شۋېتسىيە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى خىل قاراش شۋېت تىلىدىكى Finland دىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <فنلار ئولتۇراقلاشقان جاي> بولىدۇ. يەنە بىر قاراش نېمىسچىدىكى Finden دىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <ئىزدەش>، كۆچمە مەنىسى <كۆچمەن چارۋا> بولىدۇ؛ بەزىلەر يەنە <گۈزەل مەملىكەت> دېگەنلىك بولىدۇ دەپمۇ قارىشىدۇ. فىنلاندىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىرلەردىكى فىنلاندىيە ئوگېر تىل تۈركۈمىگە تەۋە، بۇ مىللەت قەدىمكى ھونلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋولگا دەريا بويلىرىدا پەيدا بولغان. ئۇلار ئۆزلۈكسىز تۈردە غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ھازىرقى سكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ چېتى ھەم يېرىم ئارالنىڭ شەرقىدىكى تۈزلەڭلىكلەرگە يېتىپ بارىدۇ. بۇيەرلەردە كۆللەر كۆپ، ئەتراپنىڭ ھەممىسى سازلىق بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنى <سوملار Suomi> دەپ ئاتىغان، فىنلاند تىلىدا < Suo> <سازلىق كۆل> مەنىسىدە، < mi> سۆزى < maa> دىن تۈرلەنگەن بولۇپ، <دۆلەت، زېمىن> مەنىسىدە، تولۇق مەنىسى <كۆل - سازلىق دۆلىتى> بولىدۇ. لېكىن، ئەتراپتىكى قەبىلىلەر ئۇنى دۋاملىق <فنلار>دەپ ئاتاۋەرگەن. 13 - ئەسىردە، شىۋىتسىيىلىكلەر بۇ رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، < Fin> نامىنىڭ كەينىگە and (... نىڭ دۆلىتى مەنىسىدە) سۆزىنى قوشۇپ، Finland (فىنلارنىڭ دۆلىتى) دەپ ئاتىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، <فىنلاندىيە> نامى تارىخنامىلەردە ئەڭ بۇرۇن 1229 - يىلى خاتىرىلەنگەن. 1581 - يىلى فىنلاندىيە كېنەزلىكى قۇرۇلغان، 1809 - يىلى چار روسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1917 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. روسىيە 1940 - يىلى يەنە پورتلارنى بېسىۋالغان. ھازىر بۇ جايلار كالىلىئا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دېيىلىدۇ.
فىنلاندىيىنىڭ يەر مەيدانى 338.1 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 80 مىڭ. فىنلار %93نى، نورۋايلار %6نى تەشكىل قىلىدۇ. ھەممىسىلا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى خېلسىنكى، پۇل بىرلىكى ئېرو.
فىلاندىيىنىڭ < كۆللۈك دۆلەت> دېگەن نامى بار. فىنلار ھەر قانداق ئېگىز چوققىلار، ھەر قانداق دېڭىز كۆللەرمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە يەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىمۇ تولۇق ئىپادىلەنگەن. 1860 - يىلى ئەتراپىدا شائىر توچارلىس توپېيلىسمانىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان دۆلەت بايرىقى كۆك ۋەئاق رەڭدىن تەركىن تاپقان ئىككى خىل رەڭلىك بايراق بولۇپ، كۆك كرېسىت ئاق زېمىنىغا توغرا قويۇلغان. فىنلاندىيىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدە بولۇپ، ھاۋاسى قاتتىق سوغۇق، يىل بويى ئېرىمەيدىغان قار - مۇز قۇياش نۇرىدا پارلاپ تۇرىدۇ، بايراقتىكى ئاق رەڭ دەل قار - مۇز بىلەن قاپلانغان كەك زېمىنىغا سىمۋول قىلىنغان؛ كۆپكۆك كۆل ۋە دەريا - ئېقىنلار خۇددى پارقىراپ تۇرغان كۆك ياقۇت ئانا زېمىنىنى زىننەتلىگەنگە ئوخشاش مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىگە جايلاشقان. بايراقتىكى كرېسىت فىنلاندىيىنىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى سكاندىناۋىيە دۆلىتى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك زىچ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن.
16 - ئەسىردىكى فىنلاندىيە شۋېتسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كنەزلىك دۆلىتى بولغاندا، پادىشاھا جون Ⅲ فىلاندىيىگە بىر قالقانسىمان ئالتۇن رەڭلىك شىر سىزىلغان تېگى قىزىل مۆھۈر بەلگىسىنى ئىنئام قىلغان. 1919 - يىلى فىنلاندىيە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىغان ھەمدە مۇستەقىل فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ئىلگىرىكى مۆھۈر بەلگىسىنى قايتىدىن دۆلەت گېربى دەپ قارىغان. بىراق، ئىلگىرىكى رەسىمدە باش زىننىتى ئورنىدا ئىشلەتكەن گېرتسوگ تاجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بېشىغا تاج كىيگەن، ئوڭ قولىدا قىلىچ ئوينىتىۋاتقان ئالتۇن رەڭلىك بىرشىر بارلىق تاجاۋۇز قىلغۇچى دۈشمەنلەرنى ھەيدەپ چىقىرىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. ئالتۇن شىرنىڭ ئاياغ ئاستىدا بىر ئەگمە قىلىچ بولۇپ، شەرقتىن كەلگەن دۈشمەنلەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ توققۇز تال ئاق ئەتىرگۈل ئالتۇن شىر ئەتراپىنى زىننەتلەپ تۇرغان بولۇپ، فىلاندىيىنىڭ توققۇز ئۆلكىسىنى كۆرسەتكەن.