UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەررۇمىنىيە

رۇمىنىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا رۇمىنلارنىڭ دۆلىتى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى قارا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 230 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، يەر شەكلى جەھەتتە تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىك، تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ھەر قايسى 3/1 نى ئىگىللەيدۇ. رۇمىنىيە تاغلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى كارپات تاغلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلۇپ، بىراسوۋ شەھىرىنىڭ يېنىغا كەلگەندە غەربكە بۇرۇلۇپ دوناي دەريا بويىغا قەدەر كېلىدۇ. كارپات تېغىنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئېدىرلىق ۋە كەڭ دەريا ۋادىلىرى ئارىلاش جايلاشقان ترانساۋانىيە ئېگىزلىكى، شەرقىگە مولداۋىيە ئېدىرلىقلىرى، جەنۇبىغا ۋالانىيە تۈزلەڭلىكى، شەرقىي جەنۇبىغا دوبروجا ئېدىرلىقلىرى جايلاشقان. رۇمىنىيىنىڭ ئاھالىسى 22 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ %88.1 نى رۇمىنلار ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ۋىنگرلار 7.9% نى، نېمىسلار% 1.6 نى، قالغىنىنى رۇسلار، ئوكرائىنلار، يەھۇدىلار، تاتار، سىگانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرى داچيا خەلقلىرى بولۇپ، كېيىن بۇ جايلارنى (مىلادى 106 - يىلى) رىم ئىمپېرىيىسى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەرلىك خەلقلەر بىلەن رىملىقلار ئارىلىشىپ ھازىرقى رۇمىن مىللىتى شەكىللەنگەن. رۇمىنىيە پادىشاھلىقى 1877 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1918 - يىلى ترانسىلۋانىيە قاتارلىق ئورۇنلار رۇمىنىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1940 - يىلى گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1944 - يىلى رۇمىنىيە خەلقى ئىنقىلاب قىلىپ شۇ يىلى 8 - ئايدا دۆلەتنى ئازد قىلغان. 1947 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى رۇمىنىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1965 - يىلى رۇمىنىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1990 - يىلى رۇمىنىيە دەپ ئۆزگەرتىلدى. رۇمىنىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن قالاق دۆلەت ئىدى. ئازاد بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر خېلى تەرەققىي قىلغان سانائەت، يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلدى. سانائىتىدە ئېغىر سانائەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ نېفىت زاپىسى مول، نېفىت مەھسۇلاتىمۇ خېلى يۇقىرى. شۇڭا ئۇنىڭ نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. رۇمىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكىمۇ تەرەققىي قىلغان، يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن كالا، چوشقا، قوي بېقىلىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتىمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر سەۋىيىسىگە يەتكەن. ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. رۇمىنىيە سىرتقى سودىسىدا دېڭىز ترانسپورتىنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز سودىسىدا كونستانتسا پورتى ئاساسىي ئورۇننى تۇتىدۇ. نېفىت، خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، نېفىت ئۈسكۈنلىرى، تراكتور، ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. ماشىنا ئۈسكۈنىلەر، تۆمۈر رۇدىسى، تەبىئىي كاۋچوك، كوكۇس، رەڭلىك مېتال قاتارلىق سانائەت خام ئەشىيالىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. رۇمىنىيىنىڭ تولۇق نامى <رۇمىنىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرۇپا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقىي تەرەپتە قارا دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن ئېلىنغان. رۇمىنىيە ئەسلى كېدىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، مىلادى 106 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى بېسىۋېلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ باياشات چەت ئۆلكىسى بولغان، كېيىن يەرلىك كېدىيە خەلقى رىملىقلار، يەنە كېيىن بېسىپ كىرگەن گېرمانلار، سلاۋيانلار قاتارلىق خەلقلەر بىلەن قوشۇلۇپ، بىللە ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭ بىلەن 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھازىرقى رۇمان مىللىتى شەكىللەنگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى رۇمىنلار رىمدىن كەلگەن كىشىلەر، دەپ ئاتىغان. 1222 - يىلىدىكى بىر پارچە تارىخىي ھۆججەتنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ھالدا رۇمىنلار دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى تىلغا ئېلىنغان. 14 - ئەسىردە رۇمىنلار مولداۋا ۋە مونترو كېنەزلىكلىرىنى قۇرغان. 1526 - يىلى ئوسمان ئىمپېرىيسىنىڭ بېقىندى دۆلىتى بولغان. 1541 - يىلى ترانسىۋلىيە ئاپتونۇم كېنەزلىكى شەكىللەنگەن. 1600 - يلى ئىلگىرى - كېيىن قۇرۇلغان ئۈچ فىئودال كىنزلىك بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلاپ بىر دۆلەت بولغان، لېكىن ۋاقتى بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن. 1859 - يىلى مولداۋا ۋە مونترو كېنەزلىكلىرى بىرلىشىپ، رۇمىنىيە دەپ ئاتالغان، لېكىن يەنىلا تۈركىيىگە بېقىندى بولغان بولۇپ، 1877 - يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. 1918 - يىلى 12 - ئايدا تىرانسىۋالىيە ۋە رۇمىنىيە بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1947 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى نامىنى رۇمىنىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. 1989 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رۇمىنىيە ۋەتەن قۇتقۇزۇش فرونتى كومتېتى رەسمىي ھالدا رۇمىنىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ <رۇمىنىيە>گە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان. رۇمىنىينىڭ يەر مەيدانى 237.5 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 22 مىليون 700 مىڭ. بۇنىڭ % 89.1ى رۇمىنلار، قالغىنى ۋېنگرلار، گاگاۋۇز تۈركلىرى ھەمدە سېرب، گېرمان، سىگان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كۆپ قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. دۆلەت تىلى رۇمىن تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى بۇخارېست (بۈكرەش)، پۇل بىرلىكى لېئۇ. مىلادىيە 1 - ئەسىردە ھوقۇقى مەركەزلەشتۈرۈلگەن مۇستەقىل داچىيە دۆلتى قۇرۇلغان. مىلادىيە 106 - يىلى رىم ئىمپېرىيسى داچىيىنى بويسۇندۇرغان، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاھاللىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ، داچىيىلىكلەر بىلەب بىرلىشىپ رومىنىيە مىللىتى شەكىللەنگەن. رومىنىيىلىكلەر تەدرىجىي ۋالاخىيە، مولدوۋا ۋە ترانسىلۋانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ كىنەزلىكنى بەرپاقىلغان؛ 1862 - يىلى ۋالاخىيە بىلەن مولدوۋا بىرلىشىپ نامىنى رومىنىيىگە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.1877 - يىلى مايدا رومىنىيە دۆلىتى مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىپ،رومىنىيەپادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1918 - يىلى ئاۋىستىرىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيسى پارچىلانغاندىن كېيىن ترانسىلۋانىيە قاتارلىق رايونلار رومىنىيىگە قوشۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەت بولغان. رومىنىيە دۆلەت بايرىقى فرانسىيىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە رومىنىيىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنىمۇ سىڭدۈرگەن. دۆلەت بايرىقى سولدىن ئوڭغىچە كۆك، سېرىق ۋە قىزىل تىك يوللۇق ئوخشاش ئۈچ ئۇزۇن چاستىن شەكىللەنگەن. كۆك رەڭ سۈزۈك ۋە كەڭ ئاسمانغا، سېرىق رەڭ مول تەبئىي بايلىققا، قىزىل رەڭ رومىنىىيە خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە قۇربان بېرىش روھىغا سىمۋول قىلنغان. دۆلەت گېربى بىر قالقانسىمان گېرب بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سول تەرەپكە قاراپ تۇرغان قانات ئېچىپ تۇرغان، ئاغزىغا بىر ئالتۇن رەڭلىك كرېسىت چىشلىتىلگەن بىر ئالتۇن بۈركۈت سىزىلغان. ئۇنىڭ بىر قولغا كۈمۈش قىلىچ، بىر قولغا ھوقۇق ھاسىسى تۇتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ كۆكسىدە بىر كىچىك قالقان بولۇپ، قالغان بەش بۆلەككە بۆلۈنۈپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا رومىنىيە تارىخىنىڭ بەش تەركىبى قىسىمى - رومىنيە كىنەزلىكى، مولدوۋا كىنەزلىكى، بانات كىنەزلىكى، ترانسىلۋانىيە، مالامۇلېيىش ھەم كرىشانا ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىنى بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر
رۇمىنىيە | UyghurWiki | UyghurWiki