UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەردانىيە

دانىيە

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا دەنلەرنىڭ زېمىنى شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان دۆلەت، ئۇنىڭ ئاساسىي قىسمى يونلاندىيە يېرىم ئارىلىنى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېلاندىيە، لولانن، فىئون، بورىن قاتارلىق 483 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق گېرىنلاندىيە بىلەن ئاتلانتىك ئوكياندىكى فارىر ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دانىيىنىڭ يېرىم ئارال ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس بولۇپ، ئەڭ ئېگىز جايى دېڭىز يۈزىدىن 173 مېتر، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 30 مېتر كېلىدۇ. يەر مەيدانى 43 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. (گېرىنلاندىيە بىلەن فارفور بۇنىڭ سىرتىدا). دانىيىنىڭ ئاھالىسى 5 مىليون 112 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئاھالىنىڭ% 96 ىنى دانىيىلىكلەر، قالغان قىسمىنى چەت ئەللىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. دانىيە تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى كوپېنھاگېن شەھىرى. دانىيە 9 - ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپا بويىچە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. 9 - ئەسىردە ئىمپېرىيە بولۇپ قۇرۇلغان. 1397 - يىلى نورۋېگىيە ۋە شۋېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ خامار بىرلەشمىسى بولغان، 16 - ۋە 19 - ئەسىرلەردە نورۋېگىيە ۋە شېۋېتسىيە بۇ بىرلەشمىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1940 - يىلى 4 - ئايدا گېرمانىيە فاشستلىرى دانىيىگە بېسىپ كىرگەن، 1945 - يىلى 5 - ئايدا دانىيىدە تۇرۇشلۇق گېرمانىيە ئەسكەرلىرى تەسلىم بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دانىيىنىڭ سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىك، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، ئېلېكترون قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 4/3 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. كالا، چوشقا، ئۆي قۇشلىرنى بېقىش، بېلىقچىلىق تەرەققىي قىلغان. سۈت، سېرىق ماي، ئېرىمچىك، تۇخۇم قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. چوشقا گۆشى ئېكسپورتىدا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تېرىقچىلىقىدا بۇغداي، قارا بۇغداي، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورت قىممىتىنىڭ 31% ىنى تەشكىل قىلىدۇ. دانىيىنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. ھەرقايسى ئاراللار تۆمۈريول كۆۋرۈكلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. دانىيىدە پاراخوت، سېمونت، ئېلېكتر سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سانائەت خام ئەشىيالىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بەك تەرەققىي قىلغان. يىلىغا دانىيىگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر 16 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ. دانىينىڭ تولۇق نامى <دانىيە پادىشاھلىقى> بولۇپ، ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالتىق دېڭىزى بىلەن شىمالىي دېڭىزنىڭ چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان، پۈتۈن دۆلەت 483 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت نامى قەبىلە نامىدىن پەيدا بولغان، شىمالىي گېرمان مىللىتى بولغان دەنلەر ئىنتايىن بۇرۇنلا نىدىرلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى تاقىم ئاراللار ۋە شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار باشقا گېرمان قەبىلىلىرى بىلەن تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئىدى. مىلادى بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى دەنلەر يوتلار تاشلاپ كەتكەن نىدىرلاندىيە يېرىم ئارىلىنى ئىگىلەپ، زېمىنى نىدىرلاندىيە يېرىم ئارىلىدىن تاكى شىۋىتسىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان پادىشاھلىق دۆلەت، يەنى ئوت شاھى فىلاندىر ھۆكۈمرانلىقىدىكى شاھلىقنى قۇرغان، جەنۇبتىكى گىرمانلار ئۇنى <دەنمارىك> دەپ ئاتىغان، بۇ Denes (دەنلەر) ۋە mark (زېمىن، دۆلەت)تىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەنىسى <دەنلەر ماكانلاشقان جاي> ياكى <دەنلەرنىڭ زېمىنى> دېگەنلىك بولىدۇ. دەنلەرنىڭ نامى قەدىمكى كائوت تىلىدىكى Tenar دىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى <قۇم ساھىلى> ياكى <ئورمان> بولىدۇ، بۇنى بىز ھازىر ئۇيغۇر تىلدا <دانىيە> دەپ تارجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. دانىيە تەخمىنەن مىلادى 985 - يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن، 9 - 11 - ئەسىرلەردە مەشھۇر دېڭىز قاراقچىلىرى ئىمپېرىيىسى بولۇپ، پارىژنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئەنىگلىيىنى بويسۇندۇرۇپ باققان، 1379 - شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىسلاندىيىنى ئۆز ئىچىگە كارمېل ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان. 1940 - يىلى 4 - ئايدا ناتسىسىت گىرمانىيىسى ئىگىلىۋالغان، 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئازاد قىلنغان. دانىيىنىڭ يەر مەيدانى 1.43 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 200 مىڭ. دانىيە تىلى (گېرمان تىلىنىڭ شىمال تارمىقى) دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ياپتەختى كوپىنھاگىن، پۇل بىرلىكى كرونا. دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاق كرېستىلىق قىزىل بايرىقى دۇنيا ئەللىرىدىكى دۆلەت بايرىقىنىڭ پېشۋاسى ھېسانلىنىدۇ. دانىيە داستانلىرىدا خاتىرلىنىشىچە، 1219 - يىلى دانىيە پادىشاھى ۋاردېما پاپانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېستونىيىگە قوشۇن باشلاپ بارغان، ئۇرۇش باشلانغاندا دانىيە ئارمىيىسى پايدىلىق ئورۇنداتۇرغان، 15 - ئىيۇندا، شامالنىڭ يۆنىلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئېستونىيىنىڭ بىدئەت تەرەپلىرى دانىيە ئارمىيىسىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، دانىيە ئارمىيىسىنى ئىنتايىن يامان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئارمىيىنىڭ ئارخېئېپسكوپى ،ئۆزى يالغۇز بىر دۆڭگە چىقىپ دانىيە ئارمىيىسىگە دۇئاقىلغان. ئۇنىڭ دۇئاسى ئەرشنى تەسىرلەندۈردىمۇ، قانداق، بىر ئاق كرېستلىك قىزىل بايراق ئلاھىنىڭ بارماق ئارىلىقىدىن لەپىلدەپ چۈشكەن، بۇ چاغدا دانىيە ئارمىيىسىدىكى بىر ئەسكەر < مۇشۇ بايراقنى تۇتۇۋالساق غەلبە دېگەن شۇ !> دېگەن جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ - دە، بىر جەڭچى دەرھال بېرىپ بايراقنى تۇتۇۋالىدۇ ھەمدە ئۇنى ئېگىز كۆتۈرگەن. دېگەندەك، دانىيە ئارمىيىسى ئىلاھىنىڭ ياردىمى بىلەن مەغلۇب بولۇش ئالدىدا غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بايراق مىللەتنىڭ سمۋولى سۈپىتىدە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى بۇ زېمىندا جەۋلان قىلغانىكەن. ھازىرغا قەدەر دانىيە ھەر يىلى 15 - ئىيۇن كۈندە كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ < دۆلەت بايرىقى كۈنى >، يەنى < ۋارېما كۈنى> نى تەبرىكلىمەكتە. دانىيە دۆلەت گېربىنىڭ تارىخىمۇ ئوخشاشلا 12 - ئەسىرگە بارىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى ئالتۇن رەڭلىك قالقانسىمان گېرب بولۇپ، قالقان يۈزىگە بېشىغا تاج كىيگەن، قىزىل تىلىنى چىقىرىپ تۇرغان ئۈچ شىر بىلەن توققۇز يۈرەكسىمان قىزىل مېدالئون سىزىلغان بولۇپ، ئۇلار دانىيىنىڭ قەدىمكى ۋاندېيە دۆلىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ خانلىق ئورنىغا سمۋول قىلىنغان. ۋاندېيە دۆلىتى پولاب سلاۋيانلىرى ئېلبا دەريا ئېغىزى بىلەن ئودېر دەريا ئېغىزى ئارىلىقىغا جايلاشقان بالتىق دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇلغان دەسلەپكى فېئوداللىق دۆلەت. قالقان ئۈستىدىكى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك تاج دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھىغا سىمۋول قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر