UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرنىگاراگۇئا

نىگاراگۇئا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا ئىندىئان قەبىلە باشلىقى نىكارۇنىڭ فامىلىسى ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىنى تۈزلەڭلىك، ئوتتۇرا قىسمىنى ئېگىزلىك، تاغلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي تەرىپى كارىپ دېڭىز سۈيى بىلەن، غەربىي تەرىپى تىنچ ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپىگە نىكاراگوئا كۆلى جايلاشقان، بۇ دۆلەت بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان رايون. نىكاراگۇئا تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 43% ىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 130 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 57 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). بۇنىڭ %69 ىنى ياۋروپالىقلار بىلەن ئىندىئانلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر،% 17 نى ئاق تەنلىكلەر،% 5 نى ئىندىئانلار،% 9 نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ، ئىسپان تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، پايتەختى ماناگونا شەھىرى، نىكاراگۇئا 1724 - يىلدىن 1821 - يىلغىچە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1921 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. نىكاراگۇئا ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوفې، كېۋەز، شېكەر قومۇشى، كۆممىقوناق، شال، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق بىلەن ئورمانچىلىق خەلق ئىگىلىكىدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پۈتۈن دۆلەت ئېكسپورتىنىڭ% 50 تىن كۆپرەكىنى كوفى، پاختا، قالغىنىنى گۆش، ئالتۇن، ياغاچ ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىگىلەيدۇ. نىكاراگۇئا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشتا لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائەتتە كان سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. نىكاراگۇئانىڭ تولۇق نامى <نىكاراگۇئا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۈچ خىل قاراش بار: بىرىنچى، شۇ يەردىكى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ فامىلىسىدىن پەيدا بولغان. 1522 - يىلى 1 - ئايدا ئىسپانىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىسى مېرى. گونزالىس 100 ئادەم ۋە تۆت ئاتنى باشلاپ، پانامادىن قۇرۇقلۇق بىلەن غەربىي جەنۇبتىكى نىكاراگۇئا كۆلىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردىكى بىر ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى نىكارۇنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، نىكاراگۇئا نامى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان، كۆلنىڭ نامىمۇ شۇنداق؛ ئىككىنچى نىكاراگۇئا نامى ئىندىئان يەرلىك تىلىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ئورمان دۆلىتى>؛ ئۈچىنچى، ئىسپانىيىلىكلەر بۇ جايغا كېلىشتىن بورۇن، بىر ئىندىئان قەبىلىسى بۈگۈنكى نىكاراگۇئا كۆلى بويىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، نامى نىگۇرائوس Niquiraos دەپ ئاتالغان. 1502 - يىلى نىكاراگۇئا كولۇمبو تەرىپىدىن بايقالغان ۋە 1524 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان، 1821 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1823 - يىلى ئوتتۇرا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسنىڭ ئەزاسى بولوپ، 1838 - يىلى فېدېراتسىيە پارچىلانغاندىن كېيىن، 1839 - يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. نىكاراگۇئانىڭ يەر مەيدانى 130 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 4 مىليون 110 مىڭ. شالغۇتلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. پايتەختى ماناگۇئا. پۇل بىرلىكى كوردوبا. نىكاراگۇئامۇ ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەت. بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى بىرلەشمىنىڭ 1823 - يىلىدىن 1839 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلەتكەن دۆلەت بايرىقى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، ئۈستىدىن ئاستىغىچە كۆك، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك ئۈچ پاراللېل ئوخشاش تۆت تەرەپلىكتىن تەركىب تاپقان. ئىككى كۆك يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئاق يول قىستۇرۇلغان بولۇپ، كىكاراگۇئانىڭ ئوتتۇرا گە جايلاشقان، غەربىي تىنىچ ئوكيانغا تۇتاشقان، شەرقىي كارىب دېڭىزىغا قاراپ تۇرغان جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىقنى بىلدۈرگەن. ئاق يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا نىكاراگۇئانىڭ دۆلەت گېربى سىزىلغان. نىكاراگۇئا دۆلەت گېربى 1908 - يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى بىرلەشمە ۋاقتىدىكى دۆلەت گېربى بىلەن ئوخشاش، ئۈچبۇلۇڭ باراۋەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى بىلدۈرگەن، بىپايان كەڭ ھەم كۆك تىنىچ ئوكيان بىلەن كارىب دېڭىزىنىڭ ئارىسىغا ئېلىنغان كونۇس شەكىللىك بەش يېشىل تاغ ھەيۋەتلىك ھالدا تىك تۇرغان بولۇپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى بەش دۆلەتكە سمۋول قىلىنغان. بەش تاغنىڭ قىزغۇچ سېرىق چوققىلىرى ئوتتۇرا دە يانار تاغ كۆپ بولۇشتەك ئېگىزلىك گېئومورفولوگىيىلىك قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. كۆك ئاسماندىكى بىر < ئەركىنلىك تۇمىقى > نىڭ ھۆرلۈك نۇرى ئوتتۇرا دىكى بەش دۆلەتنى يورۇتقان. نىكاراگۇئا خەلقى 1789 - يىلى فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئوق ئاۋازى ئۇلارغا شىجائەت بىلەن ئىلھام ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەڭگۈ ئونتۇمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. كۆكتىكى ھەسەن - ھۈسەن ئۈمىدنىڭ سىمۋولدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ سىرتىنى < ئوتتۇرا ئامېرىكا نىكاراگۇئا جۇمھۇرىيىتى >دېگەن ئىسپانىيىچە خەت چەمبرەكسىمان چۆرىدەپ تۇرغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر