UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرلېسوتو

لېسوتو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئافرىقا باستۇلارنىڭ زېمىنى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئازانىيە (جەنۇبىي ئافرىقا) ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبىي ئافرىقا ئېگىزلىكى دائىرىسىگە كىرىدۇ، يېرىنىڭ 2/3 قىسمىنى تاغلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. تاغلىقلارنىڭ ئېگىزلىكى 1525 مېتىردىن 3350 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئېگىز تەكشىلىكنىڭ ۋەزىيىتى شەرقتىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. شەرقتىكى دراكون تېغى دۆلەتنىڭ شەرقىنى ئوراپ تۇرىدۇ، ئىقلىمى سۇبتروپىك ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىمغا كىرىدۇ. ھەرقايسى ئايلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15 دىن ℃ 25ئارىلىقىدا بولىدۇ. تېمپراتۇرىنىڭ سوتكىلىق پەرقى چوڭ، كېچىسى دائىم دېگۈدەك قىراۋ بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 750 دىن 1000 مىللىمېتىر ئەتراپى بولىدۇ، شەرقتىكى دراكون تاغ باغرىدىن غەربكە قاراپ تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ. قىش پەسلى تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ، لېسوتو دائىرىسىدىن باشلىنىدىغان بىرنەچچە كىچىك دەريا بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۇ كۈچى بايلىقى مول. لېسوتونىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 493 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنى بانتۇ تىل سىستېمىسىدىكى باسو تولېند خەلقلىرى بىلەن زولو خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئاز ساندا ياۋروپالىقلار (تەخمىنەن 3 مىڭدىن ئاشىدۇ)، ئاسىيالىقلار بار. ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خرىستىئان ھەم كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەرلىك سىس سوتو تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىدۇ. لېسوتو رايونىدا ئەڭ دەسلەپ بوشمەن خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى باسو تولېندلىقلار بۇ جايدا دۆلەت قۇرغان، 1884 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1966 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. دۆلەت نامىنى باسوتولېنددىن لېسوتو پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ھازىر يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، لېسوتو ئىقتىسادىي جەھەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالە پۈتۈن دۆلەت خەلقىنىڭ %83 نى تەشكىل قىلىدۇ. لېسوتو دۇنيادا ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى مۇھىم ئىقتىسادىي تارمىقى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ% 45 نى ئىگىلەيدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، دېھقانچىلىقىدا كۆممىقوناق، تېرىق، قوناق، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي، ئۆچكە بېقىلىدۇ. سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 4 نى ئىگىلەيدۇ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىمپورت قىلىنىدۇ. لېسوتونىڭ تولۇق نامى <لېسوتو پادىشاھلىقى> بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، پۈتۈن زېمىنىنى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئوراپ تۇرىدۇ. نامى بۇ جايدىكى ئاساسلىق مىللەت سوتولارنىڭ نامىدىن كەلگەن. لېسوتو بۇرۇن <باستۇلاند> دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەنىسى <باستۇلارنىڭ زېمىنى>. 18 - ئەسىردە باپىرىيلار سۋازلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، سۋازلار ئۇلار كېيىۋالغان ئۈ بۇرجەك ئىشتاننىڭ ئۈچ چېتىنى مۇغىۋالغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇلارنى <ئاباسانتو> دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <تۈگۈن، بوغۇق> بولۇپ، <باستۇ> سۆزى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان. لېسوتونىڭ مەنىسى <ئويمانلىق>، چۈنكى باستۇلار ئەسلى ئويمانلىقتا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئاق تەنلىكلەر جەنۇبىي ئافرىقىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن تاغقا ھەيدىۋېتىلگەن. يەنە بەزى ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشچە، <لېسوتو> سۆزى <باستو> نىڭ سۆز يىلتىزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن نام ئىكەن. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، باستۇ مىللىتىدىكى بىر قەبىلە باشلىقى موشۇشۇ Ⅰ باستۇلاندنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت قۇرغان ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ نامىدا دۆلەتنى ئاتىغان. 1843 - يىلى ئۇلار بورلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ قوغدىشىنى قوبۇل قىلغان. 1868 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، <باستۇلاند> دەپ ئاتالغان. 1966 - يىلى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى باستۇلاند مۇستەقىل بولۇپ، نامىنى لېسوتو پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. يەر مەيدانى 30.34 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليون 700 مىڭ. پايتەختى ماسېرۇ. پۇل بىرلىكى راندى. ئافرىقىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت لېسوتونىڭ ئەسلى نامى باسۇتولېنىد ئىدى، ئەنگلىيىنڭ < ھىمايە ئاستىدىكى > دۆلىتى بولۇپ، بوتسۋانا مۇستەقىل بولغان تۆت كۈندىن كېيىن - 1966 - يىلى 4 - ئۆكتەبىردە مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت نامىنى لېسوتو پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. دۆلەت زىمىنىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمى ئېگىزلىك بولغاچقا < ئافرىقىدىكى شىۋېىتسارىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لېسوتونىڭ دۆلەت بايرىقى ئاق، كۆك ۋە يېشىل ئۈچ خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان. ئاق ئورۇنغا سۇتولارنىڭ ئەنئەنىۋى بېغىررەك قالقىنى سىزىلغان. دۆلەت بايرىقىدىكى ئاق رەڭ تىنىچلىق ۋە پاكلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. كۆك رەڭ دەريا ۋە ئاسماننى بىلدۈرىدۇ، لېسوتونىڭ يېشىل زېمىنى مول ماددىي بايلىق بىلەن تولغان. لېسوتونىڭ دۆلەت گېربى شۇ جايدىكى باتۇر - ئەزىمەتلەتنىڭ بىر بېغىررەڭ قالقىننى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلغان، قالقاننىڭ ئۈستىگە تۆگىقۇشنىڭ پىيىدە ياسالغان خان جەمەتىنىڭ زىننەت بويۇمى ۋە سۇتولارنىڭ نەيزىسى بىلەن بانتۇلارنىڭ يۇمىلاق باشلىق ئايىقى سىزىلغن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى تابابېسۇ تېغىغا 19 - ئەسىردىكى پادشاھ موسۇكيو Ⅰ دەپىنە قىلىنغان. تاغ ئاستىدىكى ئېگى - پەس، ئەگرى - توقاي يەرلەر، دۆلەتنىڭ يەر شەكلىنى تىپىكلەشتۈرۈپ كۆرسەتكەن. قالقانىڭ ئىككى يېنىدا تۇرغان بېغىررەڭ ئات كۈچىنڭ سىمۋولى بولغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا سېسۇتوچە لېسوتولارنىڭ < تىنىچلىق، مېھىر - شەپقەت، باياشات> دېگەن ئۈمىدى يېزىلغان .
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر