UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرترىنىداد ۋە توباگو

ترىنىداد ۋە توباگو

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا <ھەرە قۇشى> ۋە <تاماكا> لاتىن ئامېرىكىسىدىكى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 5128 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 150 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ % 42.8 نى نېگىرلار، % 40.1 نى ھىندىستانلىقلار، % 14.2 نى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، قالغىنىنى ئاق تەنلىكلەر بىلەن خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ (خەنزۇلار ئاھالىسىنىڭ % 1 نى تەشكىل قىلىدۇ). ئاھالىنىڭ كۆپى خرېستىئان، كاتولىك دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدۇ، يەرلىك خەلقلەر ئۆز تىلىنى قوللىنىدۇ، پايتەختى ئىسپانىيە پورتى شەھىرى. ترىنداد 1532 - يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، كېيىن گوللاندىيە، فرانىسيىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1802 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. توباگو 1532 - يىلىدىن 1662 - يىلىغىچە گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1814 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1888 - يىلى تىرىنداد بىلەن توباگولار بىرلەشكەن. 1962 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن، 1974 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ترىنداد ۋە توباگو كىچىك ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بايلىقى مول، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنى تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىي ئاسفالىتى دۇنياغا داڭلىق، ئۇنىڭ نېفىت زاپىسى 358 مىليون توننا بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ۋېنسىئوئېلا، مېكسىكىلاردىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، نېفىتنىڭ % 75 نى دېڭىز ئاستىدىن ئېلىنىدۇ. ترىنىداد ۋە توباگو ئىقتىسادقا كان بايلىقلىرى ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ئالاھىدە مۇھىم، ئۇنىڭ يىللىق نېفىت مەھسۇلاتى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ % 90 نى ئىگىلەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 50 نى تەشكىل قىلىدۇ. ترىنىداد ۋە توباگو نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن قىلغان زور مالىيە كىرىمى ھېسابىغا خېلى زور كۆلەملىك سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، پولات زاۋۇتى، چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتى، چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتى، ئاليۇمىن زاۋۇتى، شېكەر زاۋۇتى ئاساسىي ئورۇن تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرمۇ بار. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق شېكەر قۇمۇشى ئۆستۈرۈلىدۇ. ترىنىداد ۋە توباگۇدا ئىشلەپچىقىرىدىغان شېكەر خەلق ئىگىلىكىدە نېفىتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. يىلىغا ئىشلەپچىقىرىدىغان شېكەر 230 مىڭ تونندىن ئاشىدۇ. شېكەر قۇمۇشىدىن قالسا ئاپېلسىن، كاكائۇ، پالما، تاماكا، شال قاتارىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. ترىنىداد ۋە توباگونىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ساياھەتچىلىك ئىشلىرى راۋاجلانغان. ھەر يىلى بۇ جايغا كېلىپ - كېتىدىغان ساياھەتچىلەر 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ساياھەتچىلىكتىن قىلىدىغان كىرىمى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ترىنىداد ۋە توباگو خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى 2200 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇ جەھەتتىن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىچىدە خېلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ترىنىداد ۋە توباگونىڭ تولۇق نامى <تىرىناد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، كىچىك ئانتىللىس تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ جايدىن ھەرە قۇشى ۋە تاماكا كۆپ چىققاچقا، ئىندىئانلار ئۇنىڭغا <ھىلى ۋە تۇباگو> دەپ نام قويغان بولۇپ، مەنىسى <ھەرە قۇشى> (جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر خىل ئىنتايىن كىچىك قۇش، چوڭلۇقى پەقەت ئۆرۈكچىلىكلا بولۇپ، گۈل چېڭى بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ، ئۇ مۇشۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت قۇشى دېيىلىدۇ) ۋە <تاماكا> يۇرتى. <ترىنىداد> نىڭ ئىسپانچە مەنىسى <ئۈچ بىرلىك > بولىدۇ. 1498 - يىلى كولۇمبو سەپەردە بۇ جايغا كېلىپ، ئارالدىكى پارالېل كەتكەن ئۈچ تاغنى كۆرۈپ، كاتولىك دىنىدىكى <ئىلاھ،پەيغەمبەر، پەرىشتە ئۈچ بىرلىك> (كاتولىك دىنىدا ئەيسانى ھەم ئىلاھ، خۇدا، ھەم پەيغەمبەر، ئوخشاشلا يەنە پەرىشتىنىڭ بىر گەۋدىسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئادەتتە كاتولىك دىندىكىلەرنىڭ خۇداسى ئەيسا، ئۇ يەنە پەيغەمبەر سۈپىتىدە يەر يۈزىگە چۈشۈپ، جىنايەتكار بەندىلەرنى نىجادلىققا ئۈندىگەن، شۇنىڭ بىللەن بىللە، ئەيسا ئۆزى بىلەن مۇخلىسلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىشتە دەپ قارىلىدۇ) تەلىماتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئارالنى ترىنىداد ئارىلى دەپ ئاتىغان ئىكەن. <توباگو> سۆزى <تامباكو> (مەنىسى تاماكا) سۆزىدىن ئۆزگەرتىلگەن. 1498 - يىلى كولۇمبو بۇ جايغا كەلگەندە، ھايتىلىقلارنىڭ تىلىدا tambaku ياكى tapuago دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەسلى مەنىسى يەرلىكلەرنىڭ تاماكا چېكىش قورالىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنگلىز تىلىدىكى تاماكا (tobacco) سۆزى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان، توباگو ئارىلى ئېيتىشلارغا قارىغاندا <روبىنزوننىڭ سەرسانلىق خاتىرىسى> دىكى روبىنزون كروزو سەرسان بولۇپ كېلىپ قالغان ھېلىقى ئادىمزاتسىز كىىچك ئارالنىلا ئۆزى ئىمىش. بۇ جايلار 1498 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1802 - يىلى يەنە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1959 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈلگەن. 1962 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولۇپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونوم تەۋەلىك بولغان. 1976 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇمھۇريەت قۇرۇلغان، يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى. ترىنىداد ۋە توباگونىڭ يەر مەيدانى 5130 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1.3 مىليون. قارا تەنلىكلەر% 43نى، ھىندىلار % 40نى ئىگىلەيدۇ. قالغىنى شالغۇت نەسىللىكلەر، ياۋرۇپالىقلار، ئەرەب، خەنزۇ قاتارلىقلار. ئاھالىسى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. % 34ى كاتولىك دىنىغا، %25ى ھىندى دىنىغا، 25%ى خرىسىئان دىنىغا، % 6ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ئىسپانىيە پورتى. پۇل بىرلىكى ترىنىداد ۋە توباگو دوللىرى. 1498 - يىلى كولومبۇ جەنۇبىي دىكى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا كەلگەندە ترىنىداد ۋە توباگادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئارالنى بايقىغان. كېيىن ئىسپانىيىلىكلەر بىلەن ئەنگلىيىلىكلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بۇ جاينى ئىگىلىۋالغان. 1962 - يىلى ترىنداد ۋە توباگو مۇستەقىل بولۇپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ھەم شۇ يىلى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. بىر ئاق قىرلىق قارا بەلدەم قىزىل بايراقنىڭ سول ئۈستى بۇرجىكىدىن دىئاگونالنى بويلاپ بايراقنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئاستى بۇرجىكىگە تارتىلىپ، ئىككى ئۈچبۇلۇڭلۇق شەكىلنى ھاسىل قىلغان. قىزىل رەڭ خەلقنىڭ كەڭ قارنى - كۆكسى بىلەن قۇياشنىڭ نۇرىغا سىمۋول قىلىنغان. ئاق رەڭ باراۋەرلىك بىلەن ھەققانىيەتنىڭ، قارا رەڭ ئىتتىپاقىلىق ۋە چداملقنىڭ سىمۋولى بولغان. قارا رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئوڭ ۋە سول تەرەپتە بىر - بىرىگە قاراپ تۇرغان ئىككى بىر توغرام دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى يېرىمىنى ئىگلىگەن. بۇ ترىنىداد ۋە توباگونىڭ دۆلەت قۇشى بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ھەممە مەۋجۇداتلارغا ھاياتلىق ئېلىپ كەلگەن < قۇياش ئىلاھى > دەپ قارىغان ھەم گۈزەل ۋەتەنگە سىمۋول قىلىنغان. كولومبۇ دەۋرىدىكى ئۈچ ئاق يەلكەنلىك كېمە دۆلەت گېربىنىڭ ئاستى يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بۇ كولومبۇنىڭ ئىككى گۈزەل ئارالنى تۇنجى قېتىم بايقىغانلىقىنى خاتىرىلىشىدۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستى قىسىمىغا دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان ئوكيان بىلەن ئىككى يېشىل ئارال سىزىلغان، سول تەرەپتىكى ئۈچ يېشىل تاغ ترىنىدادنى، ئوڭ تەرەپتىكىسى توباگونى كۆرسەتكەن. < بىزبىللە ئىنتىلەيلى، بىللە غەلبە قازىبايلى> دېگەن سۆز يېزىلغان بىر سېرىق لېنتا بۇ ئىككى ئارالنى زىچ باغلاپ تۇرغان. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك رول دېڭىز ترانسپورتچىلىقىنىڭ بۇ ئارال دۆلىتىگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىگە سىمۋول قىلىنغان. يېشىل پالما دەرىخى بۇ ئارالنىڭ ئىسسىق بەلۋاغلىق مەنزىرىسىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېن ئەتۋارلىق قۇش فلامىنىگو ۋە ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق قىزىل لەيلەك بىلەن بېزەلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر