UyghurWiki
UyghurWikiدۆلەتلەرلىتۋا

لىتۋا

دۇنيادىكى دۆلەتلەر ياۋروپا كۆپ يامغۇرلۇق دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ غەربىي تەرىپى بالتىق دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. قالغان تەرەپلىرى لاتوۋىيە، بېلورۇسىيە، روسىيە فېدېراتسىيىسى ھەم پولشا بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 65 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 3 مىليون 572 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 4/5 قىسمىنى لىتۋالىقلار تەشكىل قىلىدۇ، قالغىنىنى رۇس، پولەك قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى ۋىلىنوس شەھىرى، لىتۋانىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىملىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. شەرقىي قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى سەل ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 100-300 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. پەس ئېدىرلىقلار ئارىلىقلىرىدا كۆللەر خېلى كۆپ، ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600-750 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن جۇمھۇرىيەت يېرىنىڭ 1/4 قىسمىنى يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنى ئاساس قىلغان ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. لىتۋادا 1240 - يۇىلى چوڭ كىنەزلىك دۆلەت قۇرۇلغان، 1569 -، 1791 - يىللىرى پولشا بىلەن بىرلەشكەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى چارروسىيە بىلەن بىرلەشكەن. 1919 - يىلى مۇستەقىل بولغان. 1940 - يىلى قايتىدىن سوېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ لىتۋاسوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. سانائەتتە نازۇك ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، خىمىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ئاساسەن سۈتلۈك، گۆشلۈك چارۋا بېقىلىدۇ. تېرىلغۇ يېرىنىڭ 50% دىن كۆپرەكىدە يەم - خەشەك زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. قارا بۇغداي، ئاسىيا كەندىرى، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. لىتۋانىڭ تولۇق نامى <لىتۋا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شىمالدا لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتى، شەرق، جەنۇبىدا بلوروسىيە جۇمھۇرىيىتى، غەربىي جەنۇبىي پولشا ۋە روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ كالىنىنگىراد ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەرىبتە بالتىق دېڭىزىغا يۈزلىنىپ تورىدۇ. نامىنى بىر خىل قاراشتا پولەك تىلىدىكى Litwa سۆزىدىن پەيدا بولغان، مەنىسى <كۆپ يامغۇرلۇق دۆلەت> دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىل قاراشتا لاتىن تىلىدىكى Litus تىن پەيدا بولغان، مەنىسى <دېڭىز قىرغىقى> دېيىلىدۇ. يەنىمۇ بىر خىل ئېيتىشتا بولسا نېمىن دەرياسىنىڭ تارمىقى Liete دىن پەيدا بولغان، بۇ نام لىتۋا تىلىدىكى Liete بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مەنىسى <دەريا سۈيى ئاقماق> بولىدۇ دېيىلىدۇ. لىتۋانىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىشىلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللىرى ئەتراپىدا نېمىن دەرياسى ۋە دوگلاۋ دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان لىتۋالار، ئوكسىتانلار، لىمىتلار ۋە سىكالۋالار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، لىتۋا 13 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە توردۇن چەۋەندازلار پولكىنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدا بولغان، 1240 - يىلى لىتۋا گىرىتسوگلىقىنى قۇرغان؛ 1569 - يىلىدىن 1791 - يىلىغىچە پولشا بىلەن بىرلىشىپ، پولشا ئاقسۆڭەكلىرى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان؛ 1814 - 1915 - يىللىرى چار روسىيە قوشۇۋالغان؛ 1919 - يىلى مۇستەقىل بولغان. 1940 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىنغان. 1990 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى لىتۋا مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان. 1991 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لىتۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لىتۋانىڭ يەر مەيدانى 65.2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 3 مىليون 750 مىڭ. لىتۋانلار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ۋىلىنيۇس. بالتىقلىقلار لىتۋا بىلەن لاتۋىيىنىڭ ئورتاق ئەجدادى. 1240 - يىلى بۈيۈك لىتۋا بەگلىكى قۇرۇلۇپ، بىر مەھەل ناھايىتى قۇدرەت تاپقان، پولشا، رۇسىيە، بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، تىۋتون چەۋەنداز پوللىكىنى مەغلۇپ قىلىغان. 1569 - يىلى ليۇبىلىن كېلىشىمىگە ئاساسەن، لىتۋا بىلەن پولشا بىرلىشىپ، پولشا - لىتىۋا پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1795 - يىلىدىن 1815 - يىلىغىچە كۈچلۈك دۆلەتلەر پولشانى بۆلۈۋېلىپ، رۇسىيە لىتۋانى بېسىۋالغان. 1917 - يىلىدىكى < ئۆكتەبىر ئىنقىلابى > نىڭ تەسىرى بىلەن لىتۋادا سوۋېت ھاكىميىتى قۇرۇلغان. 1918 - يىلى لىتۋا رۇسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان. 1940 - يىلى ئاۋغۇسىتتا لىتۋا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1990 - يىلى مارتتا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، قايتىدىن جۇمھۇرىيەت بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 1920 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئىشلەتكەن دۆلەت بايرىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. لىتۋانىڭ دۆلەت بايرىقى سېرىق، يېشىل ۋە قىزىل رەڭلىك توغرا بەلدەملىك بايراق، سېرىق رەڭ كەڭ زېمىننى بىلدۈرۈپ، لىتۋا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن؛ يېشىل رەڭ قۇيۇق ئورمانغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدىنى نامايان قىلغان؛ قىزىل رەڭ لىتۋالىقلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەتلىك ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. لىتۋا جۇمھۇرىيىتى لىتۋا بەگلىكى ئىشلەتكەن قىزىل قالقان بەلگىسىنى دۆلەت گېربى قىلان. قالقانغا لىتۋالىقلار < ۋىتسېس > دەپ ئاتىغان بېشىغا تۆمۈز قالپاق، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيگەن بىر چەۋەندازنىڭ بىر قولىدا كرېسىتلىك قالقاننى، بىر قولىدا ئۇزۇن قىلىچىنى ئوينىتىپ، ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىغا ئاتلانغان كۆرۈنۈشنى سىزغان. بۇ باتۇرنىڭ سۈرىتى ئەڭ بۇرۇن لىتۋا بەگلىكىنىڭ پادىشاھى ۋىتاتاس Ⅰ نىڭ مۆھۈرىدە پەيدا بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي لىتۋالىقلارنىڭ قەيسەر ۋە باتۇرانە مىللىي روھىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۆلەتلەر