غەربىي سامۇئا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئوكيانىيە
دېڭىزچىلار تاقىم ئاراللىرى
غەربىي سامۇئانىڭ تولۇق نامى <غەربىي سامۇئا مۇستەقىل دۆلىتى> بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى پولىنېزىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. زېمىنى ساۋائى، ئوبورۇ قاتارلىق ئىككى چوڭ ئارال ۋەئەتراپتىكى يەتتە كىچىك ئارالدىن تۈزۈلگەن. غەربىي سامۇئا نامى سامۇئا تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. سامۇئا نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسدا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، بۇ جايغا 1772 - يىلى گوللاندىيە دېڭىزچىسى ياكوپ روجىۋىل ئەڭ بۇرۇن كەلگەن. 1768 - يىلى فرانسىيە دېڭىزچىسى لوئىس. دې. بوكنىۋېر يەر شارى سەپىرىدە بۇ تاقىم ئاراللارغا يېقىنلىشىپ، قىرغاقلاردا ئىنتايىن كۆپ چاتما قۇلۋاقلارنى كۆرگەن ۋە <دېڭىزچىلار تاقىم ئاراللىرى >< Navigators> دەپ نام قويغان. ھازىرقى نامى moa - ia - sa سۆزىنىڭ خاتا تارقىلىشىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى <مۇقەددەس ئىلاھ دەپ چوقۇنۇلغان دېنۇزاۋېر قۇشى>، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇشۇ قۇشنىڭ يول باشلىشى بىلەن كىشلەر ئاندىن بۇئارالغا كېلەلىگەن ئىكەن. بەزىلەر مائورىيلار يېڭى زېلاندىيىدىن بۇ جايغا كېلىپ، نۇرغۇن دېنۇزاۋېر قۇشى (تۆگە قۇش تۈركۈمىگە تەۋە بىر خىل گىگانت قۇشى بولۇپ، نەسلى قۇرۇپ بولغان) نى كۆرۈپ، قاتتىق ھەيران قېلىپ <سامۇئا> دەپ توۋلىغان دەيدۇ. بۇ خىل قۇش ئېھتىمال يەرلىكلەرنىڭ توتىمى بولسا كېرەك؛ ئىككىنچى، توخۇ (يەرلىك تىلدا <مۇئا> دەيدۇ) نىڭ ھىكايىسىدىن پەيدا بولغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۆتمۈشتە رو دەپ ئاتىلىدىغان كىشى بىر توخۇ فېرمىسى ئاچقان ئىكەن، ئۇ توخۇلىرىنى باشقىلارنىڭ ئوغرلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، توخۇلارغا <سا> (sa، چەكلىگۈچى، كۆچمە مەنىسى ئەپسۇن) بېكتىپ، مالايلىرىغا قاتتىق كۆز - قۇلاق بۇلۇشىنى بۇيرۇپتۇ. بىر كۈنى شەرقىي ئارالدىن كەلگەن تاگروئالگىلار ئۇنىڭ توخۇلىرىنى ئوغرىلاپ قېچىپتۇ، رو ئۇلارنى تاكى توققۇزىنچى قات ئاسمانغىچە قوغلاپ بېرىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاگرولگېي ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ يالۋۇرۇپ، ئۇنى ئەمدى قوغلاۋەرمەسلىككە ئۈندەپتۇ ۋە قىزىنى بېرىشكە ماقۇل بولۇپتۇ، رو شۇندىلا بولدى قىلىپتۇ. تويدىن كېيىن ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولۇپتۇ، رو ئوغلىغا <سامۇئا> دەپ ئىسىم قويۇپ، بۇ خاسىيەتلىك تېپىشىشنى خاتىرىلەپتۇ، بۇ بالا بالاغەتكە يېتىپ، سامۇئا مىللىتىنى بەرپا قىلىپتۇ ۋە شاھلىق تەختكە ئولتۇرۇپ، ئارالنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپتۇ، ئۇنىڭ ئىسمى <سامۇئا> مۇ پۈتكۈل تاقىم ئاراللىرىغا ۋەكىللىك قىلىپتۇ. بۇندىن 3000 يىللار ئىلگىرىلا سامۇئالار بۇ ئەتراپلاردا ئولتۇراقلاشقان، تەخمىنەن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇلار يېقىن قوشنىسى تونگالار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادى 1250 - يىلى مالتۇئا جەمەتى تونگا مۇستەملىكچىلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىپ، سامۇئا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بېسىپ كىرگەن ۋە سامۇئانى بۆلۈشىۋالغان. 1899 - يىلىدىكى شەرتنامىگە ئاساسەن، ئەنگلىيە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى قىسمىنى گېرمانىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، گېرمانىيە پۈتكۈل غەربىي سامۇئاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئامېرىكا شەرقىي سامۇئاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. غەربىي سامۇئا 1954 - يىلى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، 1962 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىل بولغان.
غەربىي سامۇئانىڭ يەر مەيدانى 2947 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 169 مىڭ. سامۇئالىقلار % 99نى ئىگىلەيدۇ. سامۇئا تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلىمۇ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ئاپىيە.
غەربىي سامۇئا 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق باشقۇرشىدا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 1962 - يىلى يانۋاردا مۇستەقىل بولۇپ، غەربىي ساموئا مۇستەقىل دۆلىتى بولغانغا قەدەر، يېڭى زېلاندىيىنڭ < ماندانلىق ھۆكۈمرانلىق يېرى> بولۇپ قالغان. غەربىي ساموئانىڭ دۆلەت بايرىقى قىزىل بولۇپ، بايراقنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۈستى بۇرجىكىگە جەنۇبىي تىنىچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايراقلىرىدا دائىم كۆرۈلدىغان بەش بۇرجەكلىك بەش ئاق يۇلتۇزلۇق جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇز تۈركۈمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قىزىل رەڭ غەربىي ساموئالىقلارنىڭ شىجائىتى بىلەن كۈچىنىڭ سىمۋولى بولغان، كۆك رەڭ دېڭىز - ئوكيان بىلەن ئاسماننى بىلدۈرگەن ھەم ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللقنىڭ سىمۋولى بولغان؛ ئاق رەڭ مۇقەددەس بىلەن پاكلىقنىڭ سىمۋولى بولغان .
غەربىي ساموئانىڭ دۆلەت گېربى بىر قىزىل سىزىقتىن ھاسىل بولغان يەر شارى بولۇپ، ئېكۋاتور يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن، دەل ئوتتۇرىسىغا كوكۇس دەرىخى ۋە جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ سۈرئىتىدىن تەركىب تاپقان قالقانسىمان گېرىب ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دولقۇنسىمان كۆك سېزىق بىپايان كەڭ تىنچ ئوكياننى، قاتمۇقات يېشىل ئېدىرلار بىلەن ئاق ئاسمان ئارال دۆلىتى غەربىي سامۇئانى، يېشىل كوكۇس دەرىخى ئاللا ئىلتىپات قىلغان بارلىق جانلقلارنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ چوققىسىدا نۇر چېچىپ تۇرغان قىزىل قىرلىق كۆك كرېسىت دىنىي كۈچىنىڭ ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلاردىن، ئاسمان، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز - ئوكياندىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى لېنتىغا < غەربىي ساموئانى ئاللا بىر ئۈچۈن ياراتقان >دېگەن سۆز يېزىلغان بولۇپ، غەربىي ساموئالىقلارنىڭ ئاللاغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى بىلەن ساداقىتىنى بىلدۈرگەن، ئۇلار بۇ قىممەتلىك ئەركىنلىكنى ئاللا ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەن.