برۇنېي
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
ماندارېن
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمى جۇڭگو دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب، غەرب تەرەپلىرى مالايشىيانىڭ ساراۋاك رايونى بىلەن چېگىرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 5765 كۋادرات كىلومېتر كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 192 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ئاھالىنىڭ % 65.2 نى مالاي مىللىتى،% 20.4 نى خەنزۇلار، % 3.1 نى ھىندىلار، قالغىنىنى داياك قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. مالاي تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى باندار سېرى بېگاۋان شەھىرى. برۇنېينىڭ جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەسرەك بولۇپ، ئېگىز نۇقتىسى 1808 مېترغا يېتىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا سازلىق، تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃32 ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىنى ياپيېشىل ئۆت - چۆپلەر، ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 76% گە يېتىدۇ. برۇنېيغا ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن برۇنېي كىنىزى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى تارقىلىشقا باشلىغان. 1521 - يىلى ئىسپانىيىلىك ماگېللان دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىدە بۇ جايغا كەلگەن. 16 - ئەسىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1888 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1941 - يىلى 12 - ئايدىن 1945 - يىلى 8 - ئايغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1946 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ قايتىدىن ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن. 1971 - يىلى پۈتۈنلەي ئىچكى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1984 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تولۇق مۇستەقىللىككە ئېرشىكەن. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندۇنېزىيە، مالايشيادىن كېيىنكى 3 - مۇسۇلمان دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. برۇنېي ئىقتىسادىدا نېفىت، تەبىئىي گاز، كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بولۇپمۇ نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ئۇنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 75 نى، ئېكسپورتىنىڭ % 99 نى تەشكىل قىلىدۇ. برۇنېي نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن قىلغان كىرىمى ھېسابىغا چوڭ تىپتىكى نېفىت سانائەت ئورۇنلىرىنى قۇردى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئاساس سېلىۋالدى. برۇنېي يېزا ئىگىلىكىدە كاۋچۇك، شال ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كوكۇس پالمىسى، ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ.
برونېينىڭ تولۇق ئاتىلىشى <برونېي دارىسسالام دۆلىتى> بولۇپ، كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت ئىسمى بىلەن ئىسلام دىنى سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن، <برونېي>ئەسلى كالىمانتان ئارىلىدىكى بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ نامى. مالاي تىلىدا <برونېي> دېگەنلىك <ئۆسۈملۈك> بولۇپ،مەخسۇس ماندارىننى كۆرسىتىدۇ، يەنە بەزىلەر <سارىمىن مېۋىسى> نى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈشتە <برونېي> دېگەنلىك سانسكرىت يېزىقىدىكى <دېڭىز - ئوكيان> مەنىسىدە دەپ قارايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ برونېيغا قەبىلە باشلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن، 15 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىن سۇلتانلىق قۇرۇلغان. <سۇلتان> ئەرەب تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ھۆكۈمران> ياكى <ھاكىم> دېگەنلىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمىي كىتابلىرىدا برونېينى <پۇل>، <بونى دۆلىتى>، <بونى> دەپ ئاتىغان، مىڭ دەۋرگە كەلگەندە جاڭ يەننىڭ <شەرق - غەرىپ تەپسىلاتى> دېگەن كىتابىدا ئاندىن <برونېي دۆلىتى> دەپ ئاتاشقا باشلىغان. 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە برونېينىڭ دۆلەت كۈچى راسا قۇدرەت تېپىپ، شۇ چاغدىكى تېررىتورىيىسى پۈتكۈل كالىمانتان ئارىلى، سولو تاقىم ئاراللىرى ۋە بالۋان ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھازىرقى سۇلتان بورگىيانىڭ ئەجدادلىرىدى نۇرغۇن جەڭ يۈرۈشلىرى ئارقىلىق دېڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ياۋا ۋە مولوككاغا يېتىپ بېرىپ، سولونى بويسۇندۇرغان، ھەتتا ھازىرقى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلانىمۇ بېسىۋالغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىلەرنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن برونېينىڭ كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلىشىپ بېرىپ، 19 - ئەسىرگە كەلگەندە زېمىنىدىن پەقەت كۈگۈنكى سالورا، بىرونېي ۋە سابانىڭ بىر قىسمىلا قالغان. 1841 - يىلى برونېي سالورانى ئەنگىلىيىلىك جامۇس بروكقا كېسىپ بەرگەن، 1897 - يىلى يەنە سابانى ئەنگلىيە سودىگەرلىرىگە ئىجارىگە بەرگەن. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن سابا ئەنگلىيە شىمالى پولوشتاتى شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. شۇندىن باشلاپ، برونېينىڭ زېمىنى بۈگۈنكى ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. 1888 - يىلى برونېي ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1941 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە ياپونىيە بېسىۋالغان، 1946 - يىلى 7 - ئايدا قايتا ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولغان.1971 - ئەنگلىيە بىرونىينى دىپلوماتىيە ھوقۇقىدىن سىرت <مۇتلەق ئاپتونومىيە
> ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلىگەن. 1984 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، برونىي ئەنگىلىيىنىڭ 92 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، دۆلەت نامىنى <برونېي دارىسسالام دۆلىتى> دەپ بېكىتكەن. <دارىسسالام> دىنىي سۆز بولۇپ، ئەرەبچىدىن كەلگەن، مەنىسى <تىنچ زېمىن>، <شادلىق دۇنياسى> دېگەنلىك بولىدۇ.
برونېينىڭ يەر كۆلىمى 5765 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 280 مىڭ، ئاھالىنىڭ% 63ى مالايلار، % 20ى خەنزۇلار، قالغىنىنى يەرلىك مىللەت داياكلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، مالاي ۋە ئىنگلىز تىلى كەڭ قوللىنىلىدۇ. پايتەختى باندارىسېرى بىگاۋەن شەھرى،پۇل بىرلىكى بىرونېي دوللىرى. بىرونېي سۇلتانى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ، ئومۇمىي شەخسىي مۈلكى تەخمىنەن 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بايلىقى سائىتىگە 1مىليون دوللاردىن كۆپىيىپ بارىدىكەن.
برۇنېي ئۆزنىڭ مول تەبئى بايلىقى ئارقىلىق دۇنيادىكى باي دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن. ئۇزۇندىن بويان، برۇنېي ئىزچىل زوراۋان كۈچلىرى تالىشىپ كېلىۋاتقان گۆھەر ماكان بۇلۇپ، بۇ ماكاندا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش توختىمىغاندى. 1984- يىلى يانىۋاردا برۇنېي مۇستەقىل بۇلۇپ، دۆلەت نامى برۇنېي دانسالام دۆلىتى دەپ بېكىتىلگەن. دانسالام دېگەن بۇ سۆز ئىسلام ، دىنى سۆزى بولۇپ، تىنچلىق ماكان،خاتىرجەم دۇنيا دېگەن مەنىنى بىلىدۇردۇ. بۇنىڭدا برۇنېي خەلقنىڭ تىنىچلىققاتەشنا يۈرەك ساداسى ئىبادىلەنگەن. دۆلەت بايرىقى سېرىق،ئاق، ۋە قارا ۋە قىزىلدىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بايراقنىڭ تېگى سېرىق، ئوتتۇرسىغا ئاق ۋە قارا ئىككى بەلدەم قىيپاش تارتىلغان. دەل ئوتتۇرسىغا قىزىل رەڭلىك دۆلەت گېرنى سىزىلغان. سېرىق رەڭ تەڭداشسىز سۇلتان خانىغا ۋەكىلىك قىلىنغان، قارا ۋە ئاق بەلدەملەر برۇنېي تارىخىدىكى ئىككى نەپەر شاھزادىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن سىزىلغان.
دۆلەت گىربىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى رەسىم ھىلال ئاي بۇلۇپ، برۇنېيىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. ھىلال ئاينىڭ ئوتتۇرسىغا تىكلەنگەن پالما دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى يۇپۇرمىقى ئاينىڭ ئىككى بېشى بىلەن تۇتۇشقان بۇلۇپ، تىچلىقنىڭ سىمۋۇلى بولغان. قوش قاناتنىڭ ئۈستىدىكى كۈنلۈك بىلەن چوققىسىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك بايراق سۇلتان خانىنىڭ تەڭداشسىز نۇپۇزىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. ھىلال ئايغا مالاي يېزىقىدا < مەڭگۈ ئاللاھنىڭ يىتەكچىلىكىدە > دېگەن ئالتۇن رەڭلىك خەت يېزىلغان بولۇپ، برۇنېيلىقلارنىڭ ئاللاغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. ئىككى يېنىدىكى ئىككى قول برۇبېي ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانىنى ئىگەللەيدىغان مالايلارنىڭ ئاللاغا بولغان تىلىكىنى ھەم برۇنېي خەلقىنىڭ سۇلتانغا بولغان ھىمايسىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربى تېگىدىكى قىزىل لېنتىغا "تىنچلىق شەھەر- برۇنېي" دېگەن خەت يېزىلغان.