ئۇگاندا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئافرىقا
گاندالارنىڭ دۆلىتى
شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر مەيدانى 236 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال، غەرب تەرەپلىرىگە تاغلىقلار جايلاشقان. دۆلەت يېرىنىڭ 42 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر قىسمىنى كۆللەر، سازلىقلار ئىگىلەيدۇ. دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا ۋىكتورىيە كۆلى (بۇ كۆلنىڭ% 42.8 ى ئۇگاندا ئىچىدە)، مومبوتو كۆلى (زايىر بىلەن ئۇگاندا چېگرىسىدا) بار. ئۇگاندانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتسىمۇ، لېكىن يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقتىن، ھاۋاسى بەك قۇرغاق ئىسسىق بولمايدۇ، ئىقلىمى يىللىق كېلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃22 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1200 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 14 مىليون 280 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، 40 تىن ئوشۇق مىللەت - قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى باگاندا، باسوكا، ئەنكول، تەيسۇ، نوگوبارا قاتارلىق مىللەتلەر بار. باگاندا مىللىتىنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ% 28 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى ئاساسلىق كاتولىك دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇگاندا تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى كامپالا شەھىرى. ئۇگاندا چېگرىسىدا مىلادىيە 1000 - يىللاردا بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلغان. 1877 - يىلى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەنگلىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار بۇ جايلارغا كىرگەن. 1893 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئورۇنغا ئايلانغان. ئۇگاندا خەلقى ئەنگلىيىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكامرانلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىپ، 1962 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1967 - يىلى 9 - ئايدا فېئوداللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئۇگاندا يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئاھالىنىڭ %90 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كىرىمى پۈتۈن دۆلەت كىرىمىنىڭ% 80 نى ئىگىلەيدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق كوفى، كېۋەز، چاي، تاماكا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن تېرىق، كۆممىقوناق، قوناق مانىخوت ۋە پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا، قوي بېقىلىدۇ، كۆللەردىن زور مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ. سانائەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش، توقۇمىچىلىق، شېكەر، خىمىيىۋى ئوغۇت، خىمىيە، تاماكا قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا كىچىك تىپتىكى پولات - تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %10 نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇگاندانىڭ تولۇق نامى <ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، شەرقىي ئافرىقىغا جايلاشقان، زېمىنى ئېكۋاتوردىن ھالقىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق مىللەت بۇگاندارلارنىڭ نامىىدىن پەيدا بولغان. مىلادى 11 - ئەسىرلەر ئەتراپىدا بۇگاندا پادىشاھلىقى بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ، Buganda نىڭ مەنىسى <گاندالارنىڭ دۆلىتى>، 14 - ئەسىردە ئەرەب سودىگەرلىرى تۇنجى بولۇپ بۇگاندا رايونىغا كېلىپ <بۇگاندا> نى <ئۇگاندا> دەپ ئوقۇغان ۋە ئەتراپتىكى پادىشاھلىق ھەم قەبىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ <ئۇگاندا> دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، قەبىلىلەر پادىشاھلىقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ باگاندا پادىشاھلىقىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان. بۇ يەرلىك شىۋىدىكى پەرقتىن پەيدا بولغان بولۇپ، بانتو تىلىدا قەبىلە نامىلا بولسا ئالدىغا Ba ياكى Bu دېگەن ئىككى باش سۆزى قوشۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ قەبىلە <باگاندا مىللىتى> دەپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتى <باگاندا پادىشاھلىقى> دەپ ئاتالغان. بانتو تىلىنىڭ يەرلىك شىۋىسى بولغان شىۋاھلى تىلىدا باش سۆزى Ba خاتا ھالدا <ئۇ> دەپ ئوقۇلغانچقا، بۇ قەبىلە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى يەنە <ئۇگاندا> تەلەپپۇزى بويىچە خەلقئارادا تارقىلىپ قالغان. 1850 - يىلىدىن كېيىن ئۇگانداغا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيىلەر ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلغان، 1896 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى <دۆلەت> كە ئايلىنىپ قالغان. 1962 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، يەنىلا ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئىچىدە قالغان. 1967 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.
يەر مەيدانى 241 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 18 مىليون، پايتەختى كانپالا. ئاھالىسىنىڭ % 36ى كاتولىك دىنىغا، % 33خرىستىئان دىنىغا، 20%ى ئەنئەنىۋى دىنلارغا، % 8 ى ئىسلام دىنىغا،% 0.2ى پروتسىتانت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىۋاھلى تىلى دۆلەت تىلى، ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پۇل بىرلىكى ئۇگاندا شىللىڭى.
- 1896 يىلى ئۇگاندانى ئەنگلىيە ئىگىلىۋالغان، 1962 - يىلى ئۆكتەبىردە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. ئۇگاندانىڭ دۆلەت بايرىقى قارا، سېرىق قىزىل رەڭدىكى ئالتە پاراللېل كەڭ توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بايراقنىڭ ئوتتۇرىدىدىكى ئاق دۈگىلەكنىڭ ئىچىگە خانتاجى تۇرنىسى سىزىلغان. دۆلەت بايرىقىغا سىزىلغان بۇ خىتابنامىنى تۇرنىسى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى بىلدۈرىدۇ. دۆلەت بايرىقىدىكى قارا بەلدەم ئۇگاندالىقلار، بارلىق نىگېرلار ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىلدۈرگەن، قىزىل رەڭ < ئافرىقا خەلقىنىڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مۇھەببىتى > نى ئىپادىلىگەن، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىنىڭمۇ سىمۋولى بولغان.
دۆلەت گېربى 1962 - يىلى مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنلا ئەنگلىيە پادشاھى ئىنئام قىلغان گېرب بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى موكىسىمان قالقان گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئىككى نەيزىگە يۆلەپ قويۇلغان. قالقاننىڭ ئۈستى قىسمىدا تىنىچ ۋە گۈزەل ۋىكتورىيە كۆلى مەيىن شامالدا يېنىك داۋالغۇپ تۇرغان؛ ئوتتۇرىسىدا ئۇگاندانىڭ كەڭ زېمىنىغا چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرى ئۇدۇل چېچىلغان بولۇپ، ئېكۋاتۇر سىزىقىنىڭ ئۇگاندا زېمىننى كېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئاستى قىسىمىغا سېرىق گۈل بىلەن زىننەتلەنگەن خان جەمەتىنىڭ دۇمبىكى سىزىلغان بولۇپ، ئۇگاندانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن قەدىمكى ئۇگاندا پادىشاھلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. قالقاننىڭ ئاستىدا يېشىل ئېدىرلىقلار بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىلدۈرگەن. تاغلىقتىكى كافى دەرىخى بىلەن كېۋەز تانگانىكا كۆلى رايونىنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدۇر؛ ئېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا دىريا، قالقاننىڭ ئوڭ يېنىغا خانتاجى تۇرنىسى، سول يېنىغا شۇ جاينىڭ قوشقىرى سىزىلغان؛ سېرىق لېنتىغا ئىنگىلىزچە < ئاللا بىلەن ۋەتىنىم ئۈچۈن > دېگەن سۆز يېزىلغان.